- جۇغلانما
- 530
UID20668
تىزىملاتقان2013-7-31
ئاخىرقى قېتىم2015-5-27
توردا369 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 530
- ئاقچا
- 0
|
1
2
1دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدىكى راك كېسىلىنى تەتقىق قىلش ئورنى يانفون رادىئاتسىيسىنى راكنى پەيدا قىلغۇچى بويۇم قاتارىغا كىرگۈزدى.
2009-يىلى شىۋىتسىيە ۋە بىر قانچە ياۋروپا دۆلەتلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يانفونى 10يىلىدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن ئادەملەرنىڭ مېڭە راكى ياكى ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرنىڭ يۇقىرى بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
گولاندىيە تەتقىقاتچىلىرنىڭ تەتقىقاتىدا مەلۇم بولىشچە يانفون رادىئاتسىيىسى ئۇخلىيالماسلىق، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك، ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكى، بالىلاردىكى بىنورمال ھەركەت قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .
3
2010-يىلى 3-ئايدا ئەنگىليە راك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى مۇنداق ھەيران قالارلىق بىر نەتىجىنى ئېلان قىلغان ،يەنى يانفون ئىشىلتىش سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى تاماكا چېكىش سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن .
يانفون ئىشلەتكەندە يانفون مەركىزى پونكىتقا سىمسىز ئېلىكىتىر دولقۇنى تارقىتىدۇ ، بۇ سىمسىز ئېلىكىتىر دولقۇنى ئادەم بەدىنى تەرپىدىن مەلۇم مىقداردا قوبۇل قىلىنىپ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزۈپ توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمدە ھەرخىل كېسەلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ . يانفون تارقاتقان بۇ سىمسىز ئېلىكىتىر دولقۇنى دەل يانفون رادىئاتسىيىسى .
يانفون رادىئاتسىيىسى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزۈپ توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھەر خىل راكنى پەيدا قىلىدۇ، مېڭە راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى ۋە كۆز راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى يوقىرى بولىدۇ، يەنە ئۇخلىيىلماسلىق، باش ئاغرىش، چاچ چۈشۈش، ئاڭلاش ئېقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مېڭە ھۈجەيرىسى زەخمىگە ئۇچىراش، ھەرخىل مېڭە كېسەللىكى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىق كېسەللىكىلەر، ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك،ئەر-ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئېقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۇرۇقنى ئۆلتۈرۈپ گېن ئۆزگىرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۈرەك ۋە ئىچكى ئاجىراتمىلار تەرتىپسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ ئاياللاردا ئادەت قالايمىقالىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا يانفون رادىئاتسىيسىنىڭ يوشۇرۇن خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسى قېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدۇ، ئاق قان بۇزۇلۇش، زىققە كېسىللىگە ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ
1 |
|