|
1-گۈرزىنتال بۇرغا ماشنىسى؛ يانغا كىرىش ئۇزۇنلىقى 50 مىتىردىن 150 مىتىرغىچە بۇلىدۇ.
بۇ خىل بۇرغا بىلەن يول، ۋە ئۆيلەرنىڭ ئاستىدىن ئۈتىدىغان سۇ، توك لىنىيەلېرىنى ئۈتكۈزۈشتە كىچىك دىئامىتىرلىق تۈشۈك ئىچىپ، ئۈتكۈزۋىلىپ، ئاندىن سىمونىت ياكى گىپىسنى تۇرۇببىدا كىرگۈزۈپ زىيادە بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ قويسا بۇلىدۇ، ئۇندىن باشقا كازىر تەشمىلېرىنى ئۇزارتىش ئىشلېرىدا ۋە يەر شەكلى ئىگىز-پەس، سۇ ئورنى يۇقىرى رايونلاردا يانتۇ تۈشۈك ئىچىپ كارىزغا ئۇخشاش شەكىلدە سۇ چىقىرىشتا بەك قۇلاي. بىكاردىن قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما سۇ بايلىقى چەكلىك بۇلىدۇ، شۇڭا ئېھتىياجىمىزغا قاراپ سۇ چىقارساقلا كۇپايە.
2-قۇدۇق قىزىش ماشنىلېرى؛ ئادەتتىكىلېرىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇلارغا مەشغۇلات جەريانىدا سۇ ئىشلىتىدۇ، بۇلارغا بولسا سۇ ئىشلەتمەيدۇ.
قۇرلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغانلېرى؛ توك تۈۋرۈكلېرىنى ئورنىتىشتا ۋە قۇرلۇشلارغا ئول قىزىشتا دىئامىتىرى 120 سانتىمىتىردىن 40 سانتىمىتىرغىچە، چوڭقۇرلىقى 3مىتىردىن 8 مىتىرغىچەقازىدىغانلېرى بىر قەدەر ئەرزان.
3-مەخسوس سۇ سىڭدۈرۈش ئازگىلى ۋە سۇ چىقىرىش قۇدۇقى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلېرى؛ دىئامىتىرى 30 سانتىمىتىردىن 120 سانتىمىتىرغىچە ، چوڭقۇرلىقى 50 مىتىرغىچە قازىدىغانلېرى دىئامىتىرى كىچىك بولغانلېرى بىر قەدەر ئەرزان بۇلۇپ، ئون مىڭدىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە بار، بۇلتۇر يازدا توردا كۆرگىنىمدە دىئامىتىرى 80 سانتى، چوڭقۇرلىقى 36 مىتىر قازىدىغان يۈرۈشلۈك ماشنىنى 1350000 يۈەن دىگەن ئىدى. بىر چوڭقۇرلىقى 36 مىتىر، دىئامىتىرى 80 سانتى بولغان قۇدۇقنى پەقەت ئۈچ-تۆت سائەتتە قىزىپ بۇلىدىكەن. توك سەرپىياتى 150 كىلوۋات ئىكەن. لازىملىقلار钻机水平 ياكى 打桩机 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تىپىڭلار، مىنى ئاۋارە قىلمىساڭلار...
|
|