ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1120|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفۇنۇم (ساتىرا)

10

تېما

388

يازما

363

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1467
ئاقچا
0
يانفۇنۇم



(ساتىرا)


كېچە-كۈندۈز سىردىشىمسەن، ماڭا ئۈلپەت يانفۇنۇم،
كەچمىدىم ھىچۋاق سېنىڭدىن كەلسە كۈلپەت، يانفۇنۇم،
باسسىمۇ دىلنى-ۋۇجۇدنى شەيتانۇ-غەپلەت يانفۇنۇم،
سەن ئۈچۈن تارتسام ئەزىيەت،ماڭا راھەت يانفۇنۇم،
ئاڭلا دوستلار ۋەلېكىن ئاز- تولا ئىللەت،يانفۇنۇم!

قايسى كۈن چۈشتۈڭ قولۇمغا، بولدى ئايەم مەن ئۈچۈن،
خوشلۇقۇم سىغماي ئىچىمگە،كۈلدى ئالەم مەن ئۈچۈن،
قارا شۇنچە مەرت-سېخى پەستە ھاتەم، مەن ئۈچۈن،
زوق-ھەۋەستە باقتى شۇتاپ ھەممە ئادەم مەن ئۈچۈن،
بەردى خۇددى پادىشاھدەك، كاتتا شۆھرەت،يانفۇنۇم!

ئەتىسى ھەش-پەش قىلىپ مەن،دوست ياراننى ئىزدىدىم،
خوشلۇقىمدىن تەمتىرەشتە، «سەن» دېگەننى «سىز» دېدىم،
كىمنى كۆرسەم داڭلىتىپ يۈردۈم، چوكاننى «قىز» دېدىم،
ياقتىم قۇلاققا كوچىدا،يىگانە- كىم ھە بىز دېدىم!
بولدى شۇتاپ مەن ئۈچۈنكى  بەزمە-ئىشرەت،يانفۇنۇم!

قوشتىغۇ ھۆسنۈمگە سۆلكەت،تۇرسا سايراپ بەل-بېقىن،
زەپ قولايلىق،ھەم راۋان، بولدى يىراقلار بەك يېقىن،
سۈرئىتى نۇردىنمۇ ئىتتىك، خۇددى چاققاندەك چېقىن،
تۈگىمەيدۇ مۇڭلىرىممۇ،ئەينى ئاققاندەك ئېقىن،
كەڭتاشا ئويناپ كۈلۈشكە بولدى پۇرسەت، يانفۇنۇم!
  
ئۆتتى ئايلار- يىلدىماي ، چىقىپتۇ يېڭى مودىسى،
نەگە باقماڭ،نەدە يۈرمەڭ، شۇندا يانفۇن سودىسى،
«ئاندىرويد» قۇ ئىشقىلىپ،بۇ كۈندە ئۇنىڭ نوچىسى،
نەرقى قىممەت بولسا ئاندىن،ھەممىدىن شۇ پوچىسى،
بەرگۈسى ئەركەككە ئۆزگە يېڭى سۈلكەت، يانفۇنۇم!

كۆرىسەن ئۇندا جاھاننى،تېلىۋىزور- سائەتمۇ شۇ،
زېرىكىش يوق ئوينىساڭ، ئىزدىمە، راھەت مۇشۇ،
ئالدىساڭ ھەركىمنى گولدۇر، ئامىتىڭ-ئامەت مۇشۇ،
بولدى بەس دەپ سەكرىمە، سەۋرى ھەم تاقەت مۇشۇ،
شەرىپىگە قوشتى شان، كاتتا  نۇسرەت، يانفۇنۇم!

ئالدىسام چانماس قەيەردە، مەن ئەگەر چۆلدە دېسەم،
قاغجىراق سايدا يۈرۈپمۇ، يايرىدىم كۆلدە دېسەم،
ياماشماستىن تىك چوققىغا، مەن قىيا- بەلدە دېسەم،
مەن ئۆزۈم خائىن تۇرۇپ، ئەس يادىم ئەلدە دېسەم،
چىنپۈتەر ھەركىم گېپىمگە، قىلما تۆھمەت، يانفۇنۇم!

باشلىۋالساق تۈگىمەس غەيۋەتنى،كوت-كوتنى ئېچىپ،
بولۇشارمىز،تۇشمۇ- تۇشتىن ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ،
كېتىمىز ھەتتاكى بىردەمدە ئەزىز جاندىن كېچىپ،
قويىمىز بىردەمدىلا، دۈشمەنگە كېپەنلىك پىچىپ،
دىل ھوزۇرى،يەككىلىككە سوقا-سۆھبەت،يانفۇنۇم!

كېزىمەن شۇتاپ جاھاننى، توردا،چ چ دا يۈرۈپ،
يۈرىمەن مۇنبەر ئارا، شاھ بولۇپ،دەۋران سۈرۈپ،
بولدىما مەستانە ھازىر،ئۆي-ئايالدىن يۈز ئۆرۈپ،
ئەمما ئاينىڭ ئاخىرى،باقسام ھىساۋاتنى كۆرۈپ،
بولدى كۆز ئالدىم قاراڭغۇ،ماڭا زۇلمەت، يانفۇنۇم!

ئارتىۋالماي تولا غەمنى، يۈرسە ئەرلىك سېپىدە،
مەيلى دەيمىز ھەممە ئىشنى، بولسا ئەگەر چېكىدە،
خەجلىگەيمىز پۇل پۈچەكنى، نۆۋىتىدە-ئېپىدە،
تەڭكەش بولماي يوق ئامالىڭ، بۇمۇ جاھان دېپى-دە،
يانچۇقۇمنى تولا كولاپ، قىلدى كۆپ دەرت، يانفۇنۇم!

تور ئېچىپ، قىز كەلتۈرۈپ،تۆتنى- بەشنى بىر قىلىپ،
پۇرلىغان شىمنى پەدازلاپ، تىغدىنمۇ ئىتتىك قىر قىلىپ،
چېكىتى يوق ئەپتىمگە مەن  ئۆزۈمنى ئادىل گىر قىلىپ،
ئوينىتىپ مەۋھۇم دۇنيادا ھەممىنى پىر-پىر قىلىپ،
بىر قاپاق نوچى قىلىپ قويدۇڭكى لەنەت، يانفۇنۇم!

كۆر بۈگۈن، يانفۇن دىگەن چوڭ-كىچىكتە،چالدا بار،
ئەر ئەمەس،يەسلىدە ھەم، قىزدا بار،ئايالدا بار،
كۈتكۈچى،ھەتتاكى نىمكار، باپكارۇ-ھاممالدا بار،
زەن سېلىپ باقساڭ يەنە كوچىدا-ئابدالدا بار،
تۆكمە بولدۇڭ- قىلمىغاي ھىچكىممۇ ھەسەت ، يانفۇنۇم!

ئۆزيولىدا پايدىلانساڭ،ھەمدىمىڭدۇر ئەسلىدە،
يىرىقىڭ بولغاي يېقىن،ھەممىدە- تۆت پەسلىدە،
جان-جىگەر سىرداش- قاياشىڭ، ئائىلەڭدە-يەسلىدە،
بولمىسا  ھەم سەن بىلەنكى، خەقنى بابلاش قەستىدە،
يەتكۈسى ھەركىم مۇرادقا ،ئىشتا بەرىكەت، يانفۇنۇم!

ئويلىسام، ھەرنەرسىنىڭ باركەن ئەزىزلىك-خارلىقى،
كەلسىمۇ شۆھرەتتە بەزەن، ھەركىشىنىڭ تارلىقى،
مۇددىتى ئۇزۇن ئەمەسكەن، بەكمۇ قىسقا ئارىلىقى،
تەكتىگە يەتكىن مۇھەممەت، بۇمۇ تەقدىر يارلىقى،
ئۆز يولىدا تاپسا قىممەت-ماڭا ئامەت ،يانفۇنۇم!


مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.


(ئەسكەرتىش: ساتىرا شېئىرىيەتتىكى ئىللەتلەرنى قامچىلاش توغرىسىدا يېزىلىدىغان ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەردىمۇ، يانفۇننىڭ بەزىبىرلەرنىڭ قولىدىكى ئىللەتلىك ھالىتى تەسۋىرلەندى. بۇ ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى ئەمەس. توغرا ئوقۇپ پايدىلىنىپ، يانفۇن ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقارسىلەر)

2

تېما

694

يازما

367

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2023
ئاقچا
9
uyghurum131 ۋاقتى: 2013-12-30 17:49:15 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ، تىمىنىڭ ماۋزۇسى «يانغۇنۇم» بوپ قالدىمۇ نىمە ؟

4

تېما

256

يازما

633

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2511
ئاقچا
1
alimjan1000 ۋاقتى: 2013-12-30 17:51:44 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇنۇم

2

تېما

271

يازما

364

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1220
ئاقچا
0
ئۇيغار ۋاقتى: 2013-12-30 18:11:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىغا ئۇيغۇرچە فونت لازىمتى كىمدە بار ، چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا يوللاپ بېرىڭلارچۇ باللا来自: Android客户端

0

تېما

9

يازما

5

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
24
ئاقچا
0
2020960036 ۋاقتى: 2013-12-30 18:12:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇ ناخايىتى ياخشى يىزىپسىز

0

تېما

107

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
933
ئاقچا
1
yarqin ۋاقتى: 2013-12-30 18:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز دىمىسىمۇ ھازىر شۇنداق بوپ كەتتى .   رىئاللىق

11

تېما

428

يازما

416

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2475
ئاقچا
10
دولانلىق ۋاقتى: 2013-12-30 18:25:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ. قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن.
ھەمبەھىر:http://pan.baidu.com/disk/home

11

تېما

187

يازما

513

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2004
ئاقچا
1
لوپلۇق ۋاقتى: 2013-12-30 18:40:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر بالىلار تولىكەن جۇما مۇنبەردە

0

تېما

74

يازما

58

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
308
ئاقچا
0
راسمىدۇ ۋاقتى: 2013-12-30 18:51:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر بالىلار تولىكەن جۇما مۇنبەردە

12

تېما

730

يازما

362

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2492
ئاقچا
1
tograk520 ۋاقتى: 2013-12-30 19:06:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا ياخشى يېزىپسىز،ئاپېرىن سىزگە.
تىل-يېزىقىمىزنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى!

1

تېما

180

يازما

368

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1177
ئاقچا
0
QQ
ئاخىرلاشتۇرغۇچى ۋاقتى: 2013-12-30 19:08:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو بۇ بالىلارنى زە

0

تېما

314

يازما

332

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1165
ئاقچا
0
ئوماق ۋاقتى: 2013-12-30 19:37:56 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل جايىغىلا يىزىپسىز جۇما بۇ شىئىرنى

5

تېما

155

يازما

99

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
906
ئاقچا
0
serlik5127 ۋاقتى: 2013-12-30 19:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردىمىزنى تۈكۆشەيلى...................

9

تېما

213

يازما

259

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1183
ئاقچا
0
alipbag ۋاقتى: 2013-12-30 21:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغار يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 18:11
ئالمىغا ئۇيغۇرچە فونت لازىمتى كىمدە بار ، چۈشۈرۈش ئادر ...

pasiban.comغاكىرىڭ...

2

تېما

403

يازما

1394

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4783
ئاقچا
0
abdulla5 ۋاقتى: 2013-12-30 22:23:46 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  قاملىشىپتۇ،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش