ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 11506|ئىنكاس: 69
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاندرويدتىن ئاردىينو (Arduino)غىچە

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

178

يازما

3200

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7309
ئاقچا
138
ۋاقتى: 2013-12-24 17:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-15 09:54  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتېر ھەۋەسكارلىرى! كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن كۆپچىلىككە سالام!
ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىپ ئەپەندىنىڭ قوللىشى بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ ئالىپ تورىدا ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى توغرىسىدا مۇناسېۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئىلان قىلىپ،تېخنىكىغا ھېرىسىمەن،ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى توغرا تاپتىم.تېمامغا يۇقارقىدەك ماۋزۇ قويۇشۇمدا مەن ئالىپ تورىدا بۇندىن كىيىن كۆپچىلىككە يېڭى بىر قىزىقارلىق شەيئى Arduinoنى تونۇشتۇرماقچى.بىز ئەمدى يانفۇنلا ئويناۋەرمەي ئانچە-مۇنچە قول سېلىپ ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئېلكتىرونلۇق قۇرۇلمىلارنى ياساپ باقايلى،قىشنىڭ سوغۇق،ئۇزاق كۈنلىرىدە ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ يۇقىرى-پەن تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى...
كىچىكىمدىن باشلاپ ئېلكتېرون بىلىملىرىگە قىزىقاتتىم،كەلگۈسىدە ئۆز قولۇم بىلەن ماشىنا ئادەم ياساپ چىقىش ئارزۇيىم بار ئىدى،بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەپتە ئوقۇش جەرىيانىدا بۇ جەھەتتىكى كەسپى بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە پۇرسەت بولمىغان بولسىمۇ،قەلبىمدىكى بۇ قىزىقىشىمدىن ھازىرغىچە ۋاز كەچمەي كەلدىم.ئوقۇغان ۋاقىتىمدا بولسۇن ياكى خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىمدا بولسۇن بوش ۋاقتىم بولسىلا ماشىنا ئادەم ۋە ماشىنا ئادەم تېخنكىسىنىڭ يادروسى بولغان ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش ئۆزەكلىرى توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ ئىزدەندىم.ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش ئۆزىكىنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى،ئۈگىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى،بولۇپمۇ ئوخشاش بولمىغان توك يول تاختىلىرى،مۇرەككەپ بولغان پروگىرامما تۈزۈش تىللىرى،بىلىم سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى مىنى گاڭگېرتىپ قويدى.ئىلگىرى ئاتمىل شىركىتىنىڭ 8051دىگەندەك مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكى بىلەن ئۇچىرىشىپ باققان بولساممۇ،توك يول بىلىملىرىنى پۇختا بىلمىگەچكە تىزلا ئۈگىنىشكە كىرىشىپ كىتەلمىگەنلىكتىن ئۈگىنىشىمدە ئىلگىرلەش بولماي كەلدى.....
يېقىنقى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئالىپ تورى بىلەن دەسلەپ تونۇشقان ۋاقتىمدا مەنمۇ ئالىپ تورىدىكى كۆپلىگەن ئاندرويد ھەۋەسكارلىرىغا ئوخشاش ئاندرويد ھەۋەسكارىغا ئايلاندىم،دەسلەپتە ئاندرويدقا ئانا تىلىمىزنى تونۇتۇش،ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىش جەھەتتە ئىزدەنگەن بولسام،كىيىنچە ئەپ تۈزۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلدىم،ھېساپتا بىر ئىككى ئەپنىمۇ تۈزۈپ باققان بولدۇم،مېنىڭ ئەڭ زور قىزقىشىم يەنىلا ئېلكتېرون تېخنىكىسى بولغاچقا بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىشكە كۆزۈم يەتمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە توردىن Arduino ئىسىملىك بۇ يېڭى شەيئىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم.تونۇشقان ۋاقىتىم ئۇزاق بولمىسىمۇ،بىراق مەندىكى ئىلگىرلەش خىلى زور بولدى،ئىشەنچىم ئاشتى،ئۆزۈم قول سېلىپ يانفۇننىڭ كۆكچېش ئىقتىدارى ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنىنى ياساپ چىقتىم،كىچىك ئىكرانلارغا خەت كۆرىستىپ باقتىم،...نۇرغۇن قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقىشقا كۆزۈم يىتىدىغان بولدى،چۈنكى بۇنىڭغا Arduino سەۋەب بولغانىدى.
ئەمدى قالدى قۇرۇق پاراڭلارنى تاشلاپ Arduino توغرىسىدا رەسمى پاراڭغا چۈشەيلى.

Arduino بولسا Atmelشىركىتى(دۇنياغا داڭلىق مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكى لاھىيەلەش،ياساش شىركىتى)نىڭ megaتۈرىدىكى يەككە ئۆزەكلىك كومپىيۇتىرىنى ئاساس قىلغان ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش توك يول تاختىسىدۇر.
  Arduino ئوچۇق كودلۇق ئېلېكتىرون مودىلى سۇپىسىنى ئاساس قىلغان قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتالنىڭ بىرىكمىسدۇر.
  Arduino ھەر خىل سەزگۈچلەر(سېنزورلار) ئارقىلىق مۇھىتنى ھىس قىلىپ،چىراق،رېلى ھەم ماتور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
مىسال سۈپتىدە تۆۋەندە بىر قانچە فىلىم بىرىلدى:



   ھەرقانداق ئادەم،كومپيۇتېر پروگرامما تىلى،مۇرەككەپ توك يولى بىلىملىرىنى ئۇقمىسمۇ Arduino نى ئىشلىتىپ ئۆز قولى بىلەن ئسىل نەرسىلەرنى ياساپ چىقالايدۇ.مەسىلەن:ماشىنا ئادەم،يىراقتىن كونتىروللىغۇچ،كۆكچېش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان چىراغ،كۆكچېش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا،پال-پۇل لامپا،ماتۇرنىڭ ئايلىنىشىنى كونترول قىلىش،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئارلىق ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلمىلار قاتارلىقلار.
Arduinoنىڭ ئىختىرا قىلغۇچىسى Massimo Banzi ئىتالىيە Ivreaدىكى بىر يۇقىرى پەن-تىخنىكا لاھىيەلەش مەكىتپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ئەرزان ھەم ئىشلىتىلىشىچانلىققا ئىگە مىكرو كونتروللىغۇچ تاپالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىكەن.2005-يىلى قىشتا  Massimo Banzi بىلەن David Cuartielles مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىپتۇ.David Cuartielles  ئىسپانىيەلىك ئېلېكتىر ئېنژېنېرى بۇلۇپ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۇ مەكتەپتىكى زىيارەتچى مۇتەخەسىس ئىكەن.ئۇ ئىككىسى  ئۆزلىرى توك يولى تاختىسىنى لايىھەلەشنى قارار قىلىپ،Banzi ئېنژېنېر David Mellisنى توك يولى تاختىسىغا پروگرامما تىلى لاھىيەلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان.
ئىككى كۈندىن كىيىن، David Mellis تەرتىپ كودىنى يىزىپ چىققان،يەنە ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن توك يول تاختىسىمۇ پۈتكەن.ئۇلار بۇ توك يول تاختىسغا Arduino(ئاردىينو،ئىتالىيەن تىلىدا ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ،مىلادى 1002-يىلى ياشىغان بىر پادىشاھنىڭ ئىسمىنى كۆرىستىدۇ) دەپ ئسىم قويغان.
زاغرا نان تىلى بىلەن ئيىتقاندا Arduinoبولسا بىر ئاپتۇماتىك كونىترول قىلىش توك يول تاختىسى بولۇپ،سىز ئۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسىڭىز كېرەكلىك بولغان سەزگۈچلەرنى،ئېلىكتىرونلۇق دىتاللارنى ئۇلاپ،كومپىيۇتىرىدا پروگىراممىسىنى يېزىپ USBسىمى ئارقىلىق پروگىراممىنى Arduinoتوك يول تاختىسىغا چۈشۈرسىڭىز، Arduino تۈرلۈك ئۈسكۈنلەرنى سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە خىزمەت قىلدۇرىدۇ.
Arduinoنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ئۈگىنىش ئىنتايىن ئاسان،سىزگە قويىلىدىغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس، سىز ھازىرلاشقا تىگىشلىك بولغان شەرىتلەر تۆۋەندىكىچە:
>> ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەنگەن ئېلېكتىرون-توك يوللىرىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق،پەقەت توك يولى جەھەتتە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز كۇپايە.يەنى توك بىسمىنىڭ،توك كۈچى ۋە قارىشلىقنىڭ قانداق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئازىراق بىلسىڭىز بولدى.
>> كومپىيۇتىردا پروگىرامما تۈزۈشتىن ئاز-تولا خەۋرىڭىز بولشىڭىز كېرەك،بىلمىسىڭىزمۇ ھىچ ۋەقەسى يوق،قىزىقىشىڭىز بولسا،ئىرادىڭىز بولسىلا بۇنىمۇ ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز.
>> قولىڭىزدا كەم دىگەندە بىر دانە Arduino توك يول تاختىسى(قايسى تىپتىكىسى بولسا بولىۋىرىدۇ) بولۇشى كېرەك.(توردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ)
proxy (1).jpg 11111.jpg
>> بىر دانە USB ئۇلىنىش سىمى بولۇشى كېرەك،بۇ ناھايىتى ئاسان،يانفۇن ياكى باشقا رەقەملىك ئۈسكۈنلىرىڭىزنىڭ سانلىق مەلۇمات سېمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
>> كومپىيۇتىرىڭىزغا Arduino غا پروگىرامما يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان توپلاشما ئىجادىيەت موھىتى يۇمشاق دىتالى(Arduino IDE) قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.
توردىن چۈشۈرۈش مەنزىلى:http://www.arduino.cc/en/main/software
ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
خالىغان ئېلىكتىرون دىتاللىرىدىن بىر قانچىسى بولۇشى كېرەك.مەسىلەن:بىر دانە بولكىسىمان تەجرىبە تاختىسى،بىر قانچە دانە ئۇلاش سىمى،ئاۋاز كانىيى،ئۈزچات،قارشىلىق،كوندىنساتور...دىگەندەك.
ئېلېكتىرون دىتاللىرى بولمىسا ئۆيېڭىزدىكى بىراك قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى چۇۋۇپ،ئىچىدىن لازىملىق دىتاللارنى سۆكۈپ ئالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.
Arduinoنىڭ سىزنى يېڭى بىر دۇنيا،يېڭى بىر خۇشاللىققا باشلاپ كىرىشىگە ئىشىنىمەن.
بۇندىن كىيىنكى تېمامدا ئەمەلى مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ،Arduinoنىڭ ئىشلىتىلىشى،ئىقتىدارى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.
بۇ مىنىڭ Arduino توغرىسىدىكى تۇنجى ماقالەم بولغاچقا ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشۈنىكسىز جايلار بولۇشى تەبئىي،كۆپچىلىكىنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى تىلەيمەن.
كامالي ئېھتىرام بىلەن:ئېلېكتېر چەۋەنداز
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10تەجرىبە +453 يىغىش سەۋەبى
iltebir107 + 3 ياخشى يازما
kerindax + 30 ئىجادىي ئەسەر
sada425 + 10 مەن قوللايمەن
sanjar + 50 مەن قوللايمەن
imran26 + 30 ياخشى يازما
بوغرا615 + 20 ياخشى يازما
serlik5127 + 50 مەن قوللايمەن
1217 + 100 ئىجادىي ئەسەر
alip + 150 ئىجادىي ئەسەر
amat015 + 10 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

0

تېما

115

يازما

204

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
768
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 18:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 18:04  

شۇنداق چۈشنىكلىك بوپتۇ ، ئارزۇيېڭىز ئۈچۈن تىرشڭ قىلايسىز قىلىمەن  دىگەن نىيەت بولسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق . قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۈڭۈل قويغان ئادەمگە دىگەن گەپ با ئەمەسمۇ
ئەنۋەر 0998

7

تېما

220

يازما

297

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1407
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2013-12-24 18:47:50 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdangvqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 19:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،سىزنىڭ ۋە سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنىڭ ئالىپ تورىغا كىرگەنلىكى قالتىس ياخشى ئىش بولدى، مەن ئالىپ تورىدا سىزنى بىرىنچى بولۇپ ئۇستاز تۇتاي،تەلىم بېرەرسىز…

14

تېما

871

يازما

146

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3577
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2013-12-24 18:54:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق نادىر تىمىلىرىڭىزنى http://www.kaxpiyat.com/forum.php?jdfwkey=dhdd6 ماۋۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويارسىز.
يەكەن دىتاللار مۇنبىرى ئىچىۋىتىلدى:http://www.yakan.tk

2

تېما

332

يازما

567

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3450
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 18:55:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك خوش بولدىم تىمىنى ئۇقۇپ ,ئەمدى بىزمۇ كىنولاردىكىدەك ماشنا ئادەم ياسىيالىغۇدەكمىزدە

10

تېما

186

يازما

690

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1975
ئاقچا
5
ۋاقتى: 2013-12-24 19:03:22 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۈپ كېتىپتۇ   يوۋكۇغا  يوللىغان فىلىمىڭىز ئۆچۈپ كېتىپتۇ  ئىسمىنى دەپ بىرىڭە  كۆرۇپ باقايلى来自: Android客户端

2

تېما

72

يازما

121

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
389
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 19:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىسىل ئىش قىپسىلە. بەكمۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ. بىزمۇي ماندا يېڭى يېڭى چىقىۋاتقان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.   سىلىگە بەكمۇ قايىل بولدۇم. باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي

0

تېما

96

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1011
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 19:13:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزقىمەن qq نومۇرڭىزنې دەپ بىرىڭ

3

تېما

101

يازما

461

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1899
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 19:39:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ   بەك قىزىقىمە   ياخشى بىر  بىلىمكەن

0

تېما

100

يازما

295

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1043
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 20:14:38 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭ. كىيىنچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالامسىز تىخى.

0

تېما

100

يازما

295

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1043
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 20:16:49 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ ئىنىشتىيىن چىقسا ھىچقىسى يوق. شۇنداقمۇ باللار.

0

تېما

16

يازما

128

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
423
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 20:33:56 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكوم قىرىندىشىم بۇ تىمىڭىز بەك مەنىلىك بوپتو بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

0

تېما

516

يازما

606

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2480
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 20:36:55 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى!!!!!!!!! غەيرەت قىلىڭ!!来自: Android客户端

15

تېما

229

يازما

591

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2070
ئاقچا
1
QQ
ۋاقتى: 2013-12-24 20:44:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   قىزىقىمەن ماشىنا  ئادەم  تىخنىكىسىغا   بولسا ئالاقىلىشىش  چچ  نۇمۇرېڭىزنى  قالدۇرۇپ قۇيۇڭ     غەيرىتىڭىزگە  بارىكاللا  

0

تېما

22

يازما

167

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
427
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2013-12-24 21:05:44 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا   ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش