|
ئالىپ تورىدا arduinoغا ۋە مىكرو كونتىرول قىلىش تېخنىكىسىغا قىزقىشى بارلارنىڭ بۇنچىۋالا كۆپلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن،لىكىن شۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەنىدى.بۇ مېنىڭ تۇنجى تېمام،بۇ بىر باشلىنىش.ئاللاھ خالىسا،داۋاملىق تۈردە arduino بىلىملىرىنى كۆپچىلىكىنىڭ ھوزورىغا سۇنىمەن.
ئەمىلىيەتتە مىكرو كونتىرول قىلىش توك يوللىرىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ،بۇلارنىڭ ئېچىدە arduino ئەڭ ياخشىسى،چۈنكى ئۇنىڭ مەيلى قاتتىق دىتالى بولسۇن،مەيلى يۇمشاق دىتالى بولسۇن ھەممىسى ئوچۇق كودلۇق،خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن.ئۈگىنىشىكە نىيەت باغلىسىڭىزلا ناھايىتى تىزلا ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز. |
|