|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-16 16:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كەمىنە ۋات-ۋات (ۋىيشىن) تىكى دوستلارنىڭ يازمىلىرى ۋە يوللانمىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ساقلىۋىلىش ئۈچۈن خاتىرە دەپتەرلەرنى ئىشلەتكەن بولساممۇ، بىراق بەزىسى ئىشلىتىش قولايسىز، ساقلاش ئاۋارىچىلىق، يەنە بەزىسى ئىشەنچلىك ئەمەس بولغانلىقتىن تولا ئىزدەپ يۈرۈپ، تېز خاتىرە دېگەن ئەپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان (پەقەت خەنزۇچە تىل ھۆججىتىلا تەرجىمە قىلىندى (يانفۇندا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان)، دوستلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل قىسقۇچىنى قوشۇپ قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.)
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاسان، پەقەت ساقلىماقچى بولغان مەزمۇننى كۆچۈرۋىلىپ خاتىرە قوشۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ، مەزمۇن قىسمىغا چاپلىساقلا بولىدۇ. چىكىنىشنى باسساق ئۆزى ساقلايدۇ.
ساقلىۋالغان مەزمۇننى تېما /thread-13479-1-1.html دىكى تېكىست كۆرگۈچ بىلەن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قىسقۇچ قوشۇش ئىقتىدارى بار، مەزمۇننى تۈرگە ئايرىپ ساقلىيالايدۇ.
ساقلاش قىسقۇچىنى ئۆزىمىز بەلگىليەلەيمىز.
دوستلارنىڭ بۇنى ئىشلىتىپ رازى بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئايىمىغايسىلەر.
يۈكلەش مەنزىلى: http://www.bilge.cn/app/téz-xatire.apk
http://www.bilge.cn/app دە بىر قىسىم ئەپلەر يوللاپ قويۇلدى، دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىنى قارشى ئالىمەن. |
|