- جۇغلانما
- 1892
UID6
تىزىملاتقان2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم2015-4-7
توردا482 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1892
- ئاقچا
- 1

|
تۆۋەندىكى مەزمۇن ئالىم ئەھەت بىلوگىدىن كۆچۈرۈلدى.
رەسىملەرنى ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرۈڭ.
==================================================
phpBB نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ
phpBB ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن phpBB مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئۇيغۇرسوفت تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى. تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان مۇنبەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
(بۇ تېما سىناق ئۈچۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى)
http://www.uighursoft.org/bbs/viewtopic.php?f=65&t=24
phpBB دېگەن نېمە؟
2000-يىلىدىن باشلاپ phpBB بېكەت سىستېمىسى دۇنيادا كەڭ تارقالغان ئوچۇق مەنبەلىك مۇنبەر سىستېمىسىغا ئايلاندى. ئۇنى قاچىلاش ۋە ئارقا سۇپىدا باشقۇرۇش ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقالايسىز. ھازىر ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر 49 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى 50-ئورۇنغا كىردى.
phpBB مۇنبىرىنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟
ئورگان تور بېكىتى:
https://www.phpbb.com
ئۇيغۇرچە سىناق مۇنبەر (تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ)
http://www.uighursoft.org/bbs
نېمە ئۈچۈن phpBB مۇنبىرى تەرجىمە قىلىندى؟
(1) چەتئەللەردە كەڭ ئالقىشلانغان ۋە تارقالغان phpBB مۇنبىرىنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش
مۇنبەر دېسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئەڭ يېڭى تېما»، «ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېما»، «جەۋھەرلەنگەن (ياكى نادىر) تېما» دېگەندەك ئۈچ ئىستونغا ئايرىلغان تور بېكەت كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما مۇنبەر ئۇنداق لايىھەلەنمىگەن، تېخنىكىلىق مۇنبەر تېخىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.
مەن ياقتۇرىدىغان ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق مۇنبەردىن مىسال:
http://forum.high-logic.com
(2) تەرجىمە گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملارنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇش.
بۇ مۇنبەرنى تەرجىمە قىلىشتا Windows دا ئىشلىتىگەن تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلار ئىشلىتىلدى، مۇنبەرنىڭ ئۆز تىلى بولغان ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىندى.
(3) تېخنىكىلىق مۇنبەرلەرنى كۆپلەپ قۇرۇپ، پايدىلىق ئىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش
قېنى تورداشلارنىڭ بايقالغان خاتالىقلار ئۈستىدە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
قىسمەن ئىنكاسلار
ئالىم ئەھەت: بۇنىڭ يەنە نەچچە مىڭلىغان ئۇسلۇبلىرى بار. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 10-20 مىڭ پىروگراممېر بۇ سىستېمىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، WordPress قا ئوخشاش خېلە داڭلىق سىستېما بۇ.
ئالىم ئەھەت: بۇنى تەرجىمە قىلىش دېدىم، ئەمدىكى نۆۋەت يەرلىكلەشتۈرۈش دېگەنگە كېلىدۇ. ئۇنى چوقۇم ئۆزىمىزگە تولۇق ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
ئالىم ئەھەت: بۇ ئاجايىپ يېنىك، ئازادە، بىخەتەر، ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك مۇنبەر سىستېمىسى، مۇشۇنداق بىر سىستېمىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا بىلدۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بولمىسا مۇنبەر دېسە، ھېلىقىدەك 3 ئىستونلۇق (ئاۋات تېما،….)دېگەندەكلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىۋالىدۇ. مېنىڭچە ئەمدى تېخنىكىلىق بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان مۇنبەرلەر كۆپلەپ قۇرۇلسا بولاتتى.
تەشنايى: ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم!
بۇ بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ، ماۋۇ مۇنبەر سېستىمىسىنى قەۋەتلا ياقتۇردۇم. مېنىڭچە بولغاندا مەخسۇس ۋېندوۋس بىلىملىرى ۋە باشقا پروگرامما تىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېخنىكا مۇنبېرى قۇرۇش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ. ھازىرچە بەزى مۇنبەرلەردە ئاز – تولا تېخنىكىلىق يازمىلار بولسىمۇ، لېكىن كەسپىيلەشمىگەن. ئەگەردە سىلى باش بولسىلا، بىرنەچچەيلەن ھە – ھۇ دىيىشىپ مەخسۇس پروگراممىرلار كۇلۇبىدىن بىرنى قۇرىۋالساق بەك ياخشى بولاتتى. مەن ۋېندوۋس ئاچقۇچىلار مۇنبىرىدىن بىرنى قۇرۇشنى ئويكاپ كىلىۋاتقان، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالماي، ھازىرچە بلوگ ھالەتتە تۇرۇپ قالدى. قولۇمدىن كىلىشىچە win8 ئەپ ئېچىش ماتېرىياللىرىنى تەييارلىغان ئىدىم. ئەمما يالغۇز كەپ قالدىم.
http://teshna.me/category/it/win8
ئالىم ئەھەت :
بىر كەسپىي مۇنبەر قۇرۇپ چىقايلى، بۇ يەردە پىروگراممىدىن باشقا گەپلەر بولۇنمىسۇن، تېمىلار دەرسلىك شەكىلدە تەييارلانسۇن، سىز دەرھال uighursoft.org/bbs غا تىزىملىتىپ، شۇ يەردە ماقالە ئېلان قىلىڭ.
==================================================
تامام
|
|