- جۇغلانما
- 6012
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-8
توردا1230 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 6012
- ئاقچا
- 71


|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ،
مەن ئالدىنقى قىتىم يوللىغان تىمامدىكى روم يەنە بىر قىتىم يېڭىلاندى
بۇ روم ئەسلىدە ئەخلەت ئەپلەر تازىلانغان ، سۈرئىتى تىل بولغان بۇ رومنى مەنبە قىلغان،
مۇشۇ رومنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھازىرقى رومنى گۈزەللەشتۈرۈپ چىقتىم ، مىنىڭ رومغا قانچىلىك ئەجىر قىلغىنىمنى بىلىپ باققۇسى كەلگەن تورداشلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ ، ئاندىن مىنىڭ قانچىلىك قىلغىنىمنى شۇ ۋاقىتتا ھىس قىلالايسىلەر، ھەم بىر كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن،
بۇ رومنى دەسلەپتە گۈزەللەشتۈرۈشكە باشلىدىم ، نۇرغۇن تىرىشلار ئارقىلىق بۇ تىمامدىكى دەسلەپكى رەڭلىك روم ھاسىل بولدى!
بۇ تىمىدىكى روم تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا سۇنۇلدى ،
كىيىن ئاساسەن تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بۇ تىمامدا پەيدا بولدى! بۇ تىمامدا رومنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى ئاساسلىق قىلىپ recovery بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندىم، بۇمۇ بولۇپ قالدىغان ئۇسۇلكەن،
بۇ قىتىم سىستىمىغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ چىقتىم، ۋە تىخىمۇ چىرايلىقلاشتۇردۇم،
بەزى قىرىنداشلار سونىي ۋە سىيانوگېنمود نىڭ ئىكران قوزغاتقۇچىسىغا تازا كۆنەلمىگەنلىكىنى دىدى ۋە يىقىندا مۇشۇ ئۈستەل يۈزىگە ئۇسلۇپ ياسايدىغاننىڭ گىپى بولۇۋاتىدۇ ، شۇڭا بۇرۇنقى ئۈستەل يۈزى قايتىپ كەلدى!
بۇ قوزغىلىپ يانفۇن تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تاللىغاندىن كىيىنكى ئۈستەل يۈزى ھالىتى؛
تىزىملىك كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن؛
ئۇسلۇب باشقۇرغۇچمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىندى
بۇ رومنىڭ بۇرۇنقىلىرىدىن بولغان روشەن پەرقى بولسا تەڭشەكلەر تىزىملىكىگە بىر ئاز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن،
يەنى يانفۇن تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەندىن كىيىن تەڭشەش تىزىملىكىنى ئاچسىڭىز DLNA دىگەن تۈرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ سىزگە بەلكىم يېڭى ئۇقۇم بولىشى مۇمكىن ، بىراق بۇ ئانچە بەك يېڭى ئۇقۇممۇ ئەمەس،
DLNA بولسا قوللايدىغان مەشغۇلات سۇپىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان ، يەنى PC مەشغۇلات سىستىمىلىرىدىن ،
Windows , Linux, Unix , Mac Os X قاتارلىق مەشغۇلات سىستىمىلىرىنى
كۆچمە ئۈسكۈنە مەشغۇلات سۇپىلىرىدىن؛
Meego , Symbian, Java , Android , IOS, Windows Phone قاتارلىق مەشغۇلات سىستىمىلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىۋىزور ، Xbox غا ئوخشاش كۆڭۈل ئىچىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ۋاستە ھۆججەتلىرىنى ئورتاق بەھىرلىنىش ئىقتىدارى بولۇپ ئۇ سىمسىز تور مۇھىتىدا ئىجرا بولىدۇ ، ئاز بولغاندا 2 ، كۆپ بولغاندا بىرەر مىڭغىچە ئۈسكۈنىلەرنى بىر سىمسىز نۇقتىغا ئۇلىغىلى ، ۋە مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن خالىغان ئىككى ئۈسكۈنىدە ھۆججەت ئورتاقلىشىشقا بولىدۇ!
بۇنىڭ سىن بەلگىسى ئىكراندىمۇ قويۇپ قويۇلدى ۋە تەڭشەكلەر رايۇنىدىنمۇ بىۋاستە قوزغىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ! كۆرنمە يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ؛
يانفۇن تىل مۇھىتى ئۇيغۇرچە بولغان ئەھۋال ئاستىدىكى '' تەڭشەكلەر '' نىڭ كۆرىنىشى
ئاستىغىراق سۈرسىڭىز كۆرىدىغىنىڭىز بۇ بولىدۇ ،
تەڭشەكلەر تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز بۇ يېڭى ئىككى تۈرنى كۆرىسىز!
سىستىما ۋە قاتتىق دىتال ھالىتى دىگەن تىزىملىكتىن سىز يانفۇنىڭىزدىكى ئارقا سۇپىدا ۋە ھازىر ئىجرا بولىۋاتقان بارلىق ۋەزىپىلەرنى ، يانفۇنىڭىزنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ، ئىجرا ئىچكى ساقلىغۇچىسى ، ساقلىغۇچىسى ، تور قاتارلىقلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتىكى ئىشلەش ئەھۋالى ۋە ئىشلىگەن جەريانىنى زىيارەت قىلالايسىز! بۇ تىزىملىكنى پەقەت تەڭشەكلەر ئىچىدىنلا قوزغىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ!
ئۈستەل يۈزىدە سىن بەلگىسى يوق ، كۆرۈنمە يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ؛
ئاستىدىكىسى بولسا بىزگە ناتونۇش ئەمەس، يەنى رووت ھوقوقى باشقۇرىدىغان كۆزنەك ، بۇ كۆزنەكنىمۇ پەقەتلا تەڭشەكلەر ئىچىدىن ئىچىشقا بولىدۇ! كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك؛
يەنە يېڭى قوشۇلغان بىر تىزىملىك ، يەنى تېلېفۇن كەلسە كامىرا چىرىقىنى چاقنىتىدىغان تاللاش تۈرى ،
بۇ تەڭشەكلەر - ئىكران ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،
كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك
ئەمدى تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ ،
يەنى يانفۇن تىلى ئىنگىلىزچىگە تەڭشەلگەندىكى كۆرۈنمە يۈزلەر
يانفۇن تىلى خەنزۇچە بولغاندا
يۇقارقىلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئەگەر يۇقارقى قوشۇلغان 3 تال ئىقتىدارنى ئىشلىتىمەن دەيدىكەن چوقۇم يانفۇن تىلى ئۇيغۇرچە ھالەتكە تەڭشەلگەن بولىشى شەرىت ، بۇ '' تاسادىبىي '' ھالدا شۇنداق بولۇپ قالدى! چۈنكى ئانا تىلىم ھەممىدىن ئۈستۈن،
يەنە رومغا ئاۋاز سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ماڭا يارىغان Apollo مۇزىكا قويغۇچ گۈزەللەشتۈرۈلۈپ قوشۇلدى ،
تۆۋەندىكىلىرى مۇزىكا قويغۇچنىڭ كەسمە يۈزلىرى؛
يەنە ئۇ يەر ، بۇ يەردىن 2 تال سۈرەت ؛
سۈرەتلەرنىمۇ كۆرۈپ ئۆتتۇق ،
ئەلۋەتتە رومنىڭ بارلىق خەتلىرى ئوڭ تەرەپكە يانداشتى، ئۈرۈمچى ۋاقتى قوشۇلمىسا ئۇنىمايسىلەر ھەقاچان، يەنە بەزى بىر ئۇششاق چۈششەك تىخىمۇ رەڭدار ئۆزگىرىشلەرنى رومنى ئىشلەتكەندە ھەقىقىي ھىس قىلىسىلەر ، رومنىڭ بەزى تەرجىمە قىلىنمىغان يەرلىرىنى نىمە دەيمىز دەپ قالسىڭىز باھانەمنى ئاڭلاڭ ،
ئەسلىدە نۇرغۇن يەرلىرىنى تولۇق تەجىمە قىلىۋەتكەن ، ھازىر كومپىيۇتىرىمنىڭ سائىتىگە قارىسام ، مۇشۇ خەتلەرنى يىزىۋاتقان دەقىقىلەردە 2013/12/8 5:47 دەپ تۇرىدۇ،
بايام تور دىسكىسىغا رومنى چىقارغان ۋاقىتتا ئۇقۇشماستىنلا بۇرۇنقى Settings.apk نى رومنى قوشۇپ زور ئىشەنىچ بىلەن تور دىسكىسىغا يوللىۋىتىپ بوپتىمەن، يوللاشقىمۇ يىرىم سائەت ۋاقتىم كەتتى،
ھازىر تىخى ئىكراننى سۈرەتكە تۇتىۋىتىپ بۇنى بايقاپ قالدىم، قايتا يوللاي دىسەم تاڭ ئىتىپ كەتكۈدەك بۇ كالا ھارۋىسدەك تور بىلەن ، شۇنداق قىلىپ بۇ تەرجىمىنى مەن ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىستىما يامىقى ھالىتىدە تولۇقلايمەن، شۇنىڭغا ئىشىنىڭ،
يەنە بىر ئەسكەرتىپ قوياي ،
بۇ روم ماس كىلىدىغان تىپ ؛ HUAWEI C8813Q
Android Version ; 4.1.2
ماۋۇ رومغا بۇرۇنقى رومنىڭ ياماقلىرىنى قاچىلاپ قويساڭلار يانفۇن كىسەك بولمايدۇ بىراق ھازىرقى بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، ئاللا خالىسا ئىھتىياجىڭلارغا قاراپ ھازىرقىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ياماق ياسايمەن، شۇڭا قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلمايمەن!
ئىلگىركى يىشىل رەڭلىك ئۇسلۇب ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقىسىنىمۇ يىشىل رەڭنى ئاساس قىلدىم،
ئەمدى رومنىڭ باھاسىچۇ؟ باھاسىغا كەلسەك يەنە شۇ 10 ئاقچا،
بۇرۇنقى نۇسقىسىنى سىتىۋالغان قىرىنداشلىرىمىزغا ئەلۋەتتە مەن ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىمەن،
بۇرۇنقىسىنى سىتىۋالغانلار 1622180363 چ چ نۇمۇرىنى قاچىلاڭ ، ياكى خەت ئەۋەتىڭ ، ئىلخەت ئادىرسىم ، yeganaaa@hotmail.com مۇشۇ ئادىرىس بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ ،
rom_adders.txt
(173 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 32, باھاسى: 10 ئاقچا)
|
-
|