- جۇغلانما
- 1721
UID872
تىزىملاتقان2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم2015-3-5
توردا193 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1721
- ئاقچا
- 8
|
بۈگۈن تورداشلارغا windows phone8يانفۇنى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە (ئېنلىگىزچە،ياپونچە،تۈرۈكچە،ئەرەبچە......)كۆپخىل تىللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان لۇغەتنى ئېلىپ كەلدىم تۆۋەندە ئىشلىتىش قاچىلاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
ئەپ ئىسمى:超级词典
نەشىرى:1.5.5.0
كۆرۈنمە يۈزى:خەنزۇچە
دۇكان ئاددىرىسى:http://www.windowsphone.com/zh-c ... 1-997d-66ead87ffdeb
سۆزلۈك ئامبىرى تىپى: (dict,dict.dz)( بىز ئىلگىرى ئىشلىتىپ كەلگەن (stardict) يەنى ئاناتىلىم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈكنى قوللايدۇ.
قاچىلاش باسقۇچى:
دۇكاندىن 超级词典دەپ ئىزدەپ قاچىلاشنى باشلىساق بۇلىدۇ.
قاچىلىغاندا سۆزلۈك بىللە قاچىلانمايدۇ ،سۆزلۈكنى ئايرىم قاچىلايمىز.
سۆزلۈكنى قاچىلاش ئۈچۈن:
( بۇ يەردە ھازىرچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاناتىلم لۇغىتىنىلا چۈشەندۈرۈي ، باشقا تىللاردىكىمىسمۇ ئوخشاش)
1.ئاۋال ئاناتىلىم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈكنى پىرىسلاڭ. يەنى zipھۆججەت شەكلىدە rarنى لۇغەت تونۇمايدىكەن.
2. پىرىسلىغان ھۆججەتنى ئۆزىڭىزنىڭ skydrive بوشلۇقىڭىزغا يوللاڭ.
يوللاش ئاددىرىسى https://skydrive.live.com/ ئۆزىڭىزنىڭ مىكروسوفت ئېلخەت ئارقىلىق كىرىسىز. يەنى يانفۇنىڭىزدا ئىشلىتىۋاتقان ئەپ بازىرىغا كىرگەن ھېسابات نومۇرىڭىز ۋە پارولى ئارقىلىق كىرسىڭىز بۇلىدۇ.
3. لۇغەتنى ئېچىپ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىت بار كۇنۇپكىنى (...)باسمىز، ھەمدە كۈرۈنگەن تىزىملىكتىن 词典يەنى لۇغەت دېگەن بۇيرۇقنى تاللايمىز.
4.ئېچىلغان 词典يەنى لۇغەت دىگەن تۈرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىت بار كۇنۇپكىنى (...)باسمىز، ھەمدە كۈرۈنگەن تىزىملىكتىن 添加词典يەنى لۇغەت قوشۇش دېگەن بۇيرۇقنى تاللايمىز.
5. 添加词典نى تاللىغاندىن كېيىن بىزگە ئىككى دانە تاللاش كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككىنچىسى يەنى (通过skydrive下载词典。只支持.zip文件格式) نى تاللايمىز.
6.skydrive下载词典。只支持.zip文件格式نى تاللاپ بولغاندىن كېيىن Connect ناملىق بىر كونۇپكا كۆرۈنىدۇ بۇنى باسساق ئۆزىمىزنىڭ skydrive بوشلۇقىمىزغا ئۇلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆزىمىز يوللاڭ قويغان سۆزلۈك ئامبىرىنى تاللاپ چۈشۈرسەكلا لۇغەتكە ئۆزلۈكىدىنلا قوشۇلىدۇ. چۈشۈرۈپ سۆزلۈكنى يىشىپ تاماملىغىچە بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ . ھەممە مەشخۇلات تاماملانغاندىن كىيىن لۇغەتنى ئېچىپ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىت بار كۇنۇپكىنى (...)بېسىپ، ھەمدە كۈرۈنگەن تىزىملىكتىن 词典يەنى لۇغەت دېگەن بۇيرۇقنى تاللاپ قارايدىغان بولساق بىزنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىمىز لۇغەتكە قۇشۇلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن نورمال ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.
ناۋادا باشقا تىللاردىكى سۆزلۈكلەر كېرەك بولسا stardict سۆزلۈكلىرىنى ئىزدەپ چۈشۈرۈپ مۇشۇ بۇيچە قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ.
ئەسلى رەسىمنى قوشۇپ يوللاي دەپ رەسىمگە تۇتۇپ تەييار قىلىپ قويسام ماۋۇ win8.1دىكى تور كۆرگۈچنىڭ ئىشىمۇ رەسىم يوللايدىغان ئورۇنلار پەقەتلا كۆرۈنمىدى.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|