ئەپلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارغا سۆز
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،
ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى خانىم ياكى ئەپەندىم ۋە ياكى جانابىي ئاتى ئۇلۇغ « پالانى تەرجىمە گۇرۇپپىلىرى»:
سىلەر ئانا تىلنى ھەقىقەتەن سۆيىدىكەنسىلەر. شۇڭا نامىڭلارنى ئاتايىن ئەسكەرتىپ، «ئېسىل» ئەپلىرىڭلارنى يوللاپ تورداشلارغا سۇنىۋاتىسىلەر. بىراق، تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەردىكى ئىملا خاتالىقىغا سەل قاراۋاتىسىلەر. ئىملا خاتالىقى نېمە ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە يېنىكلىك بىلەن ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلمايسىزلەر؟ يەنە كېلىپ تورداشلارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇ تىلىنى ئانچە بىلمەيمەن ، بىلىشىمچە تەرجىمە قىلدىم دەپ ئەسكەرتىپ قۇيىدىكەنسىلەر. ئۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ تەرجىمە قىلغۇدەك سەۋىيە بولمىسا سەۋىيە ھازىرلاش ئۈچۈن ئۈگىنىڭ. ئۈگىنەلمىسىڭىز تەرجىمە قىلمايلا قۇيۇڭ. كەمتەرلىكنىڭمۇ يولى بار.
ئىملا خاتالىقلىرىنى سادىر قىلغانلار ۋە سادىر قىلماقچى بولغانلار « ئادەم دېگەندە خاتالىق بولۇپ تۇرىدۇ، كۆرەلمەي قېلىۋاتامسىز» دەپ رەددىيە قايتۇرۇشىڭىز مۇمكىن.
بۇ مۇنبەردىكى ئەپ تەرجىمە قىلىپ يوللاۋاتقان بىر قىسىم تورداشلار زادى نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىملا قائىدىسىگە سەل قاراپ، ئۆزىنى كۆرسېتىشكە ئامراق؟
ئىملانى ئۆلچەيدىغان ۋە جازالايدىغان قانۇن يوق ئەلۋەتتە. ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ يۈرىكىڭىزدە. يۈرەكنى سىلاپ بېقىپ ئاندىن تەرجىمە قىلغان ئەپنى يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە بۇ شەخسەن مېنىڭلا ئەمەس ئانا تىلنى سۆيىدىغان تورداشلارنىڭ ئورتاق تەلىپى بۇلىشى مۇمكىن. بۇ باشقىلارنىڭ تەلىپى دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن.
ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىل ئىملا قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلمىساق قانداقمۇ ئانا تىلىمىزنى سۆيگەن بولىمىز؟
ئىنساپ قىلىڭلار ئىنساپ!!!!
ئۇنداق خارلىماڭلار.
ئەپ تەرجىمە قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك:
1) ئىملا
2) ئاتالغۇلار ئۆلۈك ھالدا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىنماستىن ئىمكان قەدەر ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا يېقىنلاشتۇرۇلسا شۇنداقلا نىسبەتەن ئۆلچەملىك ئاتالغۇلار قوللىنىپ تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەرنىڭ ئاتالغۇلىرىدىن پايدىلانسا.
3) ئەسلى ئەپنىڭ ئەسلى نەشرى، ياسىغۇچى ، تور بېكەتلىرىنى خالىغانچە ئۈچۈرۋېتىشتىن ساقلانسا.
4) ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ئەپنىڭ ئەسلى نامىنى ئەسكەرتىش؛
5) ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ئەپنىڭ ئەسلى شىركەت ياكى شەخىس نامى ياكى تور بېكىتى؛
6)قايسى ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە تۇلۇق نەشرى ئۇچۇرى؛
7) ماس كېلىدىغان ئاندرويد نەشرى ئۇچۇرى؛
8) ئەسلى ئەپنىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغان قىلىنغان بولسا ماسقەدەمدە تەرجىمە قىلسا.
دىمەك يۇقارقىدەك ئۇچۇرلارنى ئەپ ئېلان قىلغاندا ئەرسكەتىلىشى كىرەك. بولمىسا باشقىلارنى قايمۇقتۇرغانلىق بۇلۇپ، ئىشلەتكۈچى ئۇ ئەپنىڭ ئەسلى قايسى ئەپ ئىكەنلىكىنى، قايسى ۋاقىتتا قايسى نەشرى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قالمامدۇ؟
كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ئاتالغۇلار ئۇيغۇر سوفىت، بىلكان، UyghurDEV تور بېكىتى قاتارلىق باشلامچىلار تەرىپىدىن ئىمكان بار قۇلايلىق، نەق مەنە ئىپادىلەيدىغان، جانلىق، تىلىمىزدىكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ئىمكان قەدەر يېقىنلىشىدىغان مەنىلەردە تەرجىمە قىلىنىپ ، كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. ئاز كۈنلەرگە قالماي گۇگىل شىركىتى تەرىپىدىن ئاندرويد سىستېمىسى تىل بۆلىكىگە ئۇيغۇر تىل بولىقى ئىشلىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس. خۇددى مىكروسوفت win8 گە ئۇيغۇرچە تىلنى قوشقاندەك. ئاندرويد قا ئۇيغۇرچە قوشۇلمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
دۇنيادىكى ئاندرويد سىستىمىلىق يانغۇنلارغا 3-تەرەپ روم ياسايدىغان CM گۇرۇپپىسىمۇ نۆۋەتتىكى 4.1 دىن يۇقىرى سېستىمىلاردا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان روملارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭدىكى بىر خىل ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن خەنزۇچە ئەپتىن تەرجىمە قىلىنغان ئوخشاش بىر خىل ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى ئوخشاش بولمىسا كىمنى ئەيىپلەش كىرەك؟ CM دىكىلەرنىمۇ؟ گوگىلدىكىلەرنىمۇ؟ CM گۇرۇپپىسىنى ئەيىپلەشكە باھانىمىز يوق. چۈنكى ئۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ سۈپەتلىك ۋە ئەڭ پاكىز روم ياسايدىغان گۇرۇپپا. سۈپەتنى ۋە ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ.
CM دىسەم نىمىكىن دەپ قالماڭلار يەنە. ئورگان تور بېكىتى: www.cyanogenmod.org
يانفۇنلارغا 3-تەرەپ ئۆزلەشتۈرمە روم ياسايدىغان تور بېكەت. خۇددى جۇڭگۇنىڭ miui روملىرىدەك. بىراق miui ھەرگىزمۇ CM غا رەقىپ ئەمەس ھەتتا CM ماڭغان يولدا مېڭىپمۇ بولالمايدۇ.
گوگىلدىن ئاغرىنىشقا قۇربىتىمىز يوق. چۈنكى ئۇ ھەر بىر تىل ياكى ئىقتىدار ئۈچۈن مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقىرى تەلەپ بىلەن سۈپەتنى ئاساس قلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن بىر ئىش قىلمايدۇ.
ئەنە شۇلار كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا يېقىنلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلارنى ئىشىلتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتسا بۇنداق ئۆلۈك ھالدا تەرجىمە قىلغان ئەپلەر بىرلىكنى بۇزماقچىمۇ؟
بىرلىكنى چۈشەنمىسىڭىز Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى ئىشىلتىپ بېقىڭ. ئاشۇنىڭدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى ئاتالغۇلارغا مايىل. چۈنكى Windows8 مۇ سېپى ئۈزىدىن كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە مايىللاشتۇرۇلغان سېستىما.ئۇمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ بىرلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا سېستىمىغا ئۇيغۇرچە قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇندىن كىيىنكى رىقابەت كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى تېخنىكا رىقابىتى. شۇنداق ئىكەن، كۆچمە ئۈسكىنىكىلەردىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئاتىلىشىنى بىرلىككە ئاساس قىلغان ھالدا قوللانماي ئۆلۈك ھالدا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەر قالايمىقانچىلىك پەيدا قىلماي قولايلىق ئېلىپ كېلەرمۇ ؟ ئۆلچەملىك ئاتالغۇلارنى قوللانماي تەرجىمە قىلىپلا تارقاتقان ئەپلىرىڭىز خەلىق ئارىسىغا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ پەن-تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەردىكى بىر خىل ئاتالغۇنىڭ ھەرخىل ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى پەيدا قىلىپ نىمىگە ئىرىشمەكچىسىز؟ نام-شۆھرەتكىما؟
نام-شۆھرەتكە قىزىقىش بىلەن ئانا-تىلنى سۆيۈش ئىككىسى ئىككى ئالەم.
ئەي تىرىشچان تورداشلار، قىزغىنلىقىڭلارغا ئاپىرىن، ئەمما تىرىشچانلىقنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەمىمىيەت كېرەك. مەسئۇلىيەتچانلىق كېرەك. ھەرگىزمۇ قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا، سەۋىيەم كەم دەپلا ئۆزى خالىغانچە ئاتالغۇلارغا ئىسىم قۇيۇپ، بىرلىكنى ساقلىمىسا ئۇنى قانداقمۇ مەسئۇلىيەتچان ياكى سەمىمىي دېگىلى بولىدۇ؟
بەك بىر نېمە تەرجىمە قىلغۇڭلار كەپ كەتسە، بىلكان تور بېكىتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەرنى، بىلىك مۇنبىرىدىكى ئالىپ قاتارلىق تورداشلارنىڭ تەرجىمە قىلغان ئەپلىرىنى چۇۋۇپ، تەرجىمە قىلىشتا قوللانغان ئاتالغۇلارنى ئوبدان كۆرۈپ، نىمىنى نېمە دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىپ ئاندىن تەرجىمە قىلمامسىلەر؟
ئازراق خىجىللىق تۇيغۇسى بولسا مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلار قوزغىلىپ كېيىنكى قېتىمدا خاتالاشماسسىلەر بەلكىم.
ئۆز ئالدىغا گۇرۇپپا، شىركەت دەپ قۇرۇۋالغانلارمۇ ئارىسىدا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بارلار بولمىسا ئۇ ھامان توپتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئىملاسىنى بۇزۇپ يازغان ئادەمنى مەسئۇلىيەتچان ئادەم دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بۇنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىسۇن!!!
بۇ ئەسلى باشقا بىر تېمىدىكى ئىنكاس ئىدى. ئەپ تەرجىمە قىلغۇچى دوسلار بىر كۆرۈپ، كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ، ئاندىن تەرجىمە قىلسا دىگەن ئۈمۈدتە ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللاندى. |