- جۇغلانما
- 6047
UID13905
تىزىملاتقان2013-2-14
ئاخىرقى قېتىم2015-4-24
توردا2112 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
مۇنبەر ئاقساقىلى√ BADBOY
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6047
- ئاقچا
- 0

|
نوكىيا شىركىتى يىقىندا ئۆزى مۇستەقىل ياساپ چىققان Asha سىستېمىسى قاچىلانغان ئىككى خىل تۆۋەن سەپلىمىلىك سېزىمچان ئىكرانلىق يانفوننى رەسمىي مال بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان. نوكىيا مۇشۇ ئىككى خىل يانفونىغا تايىنىپ، تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاندىرويىد يانفونلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەكچى ئىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، Asha 503 يانفونى ھازىر فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بازىرىغا كىرىپ بولغان. باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا يەنە نەچچە ھەپىتىدىن كىيىن كىرىدىكەن. نوكىيا شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونكىرىت تارقىتىلىش ۋاقتى پات-ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. ھالبۇكى، Asha 502 يانفونى بولسا ئاساسلىقى ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قاتارلىق رايۇنلار بازىرىنى نىشانلىغان ئاساستا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىكەن.
Asha 503 بولسا مۇشۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدىكى بايراقدار يانفون تىپى بولۇپ، باج قوشۇلۇشتىن بۇرۇنقى باھاسى 99 دوللار (603 يۈەن)؛ بۇ يانفونغا 3 دىيۇملۇق سېزىمچان ئىكران ۋە 5 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن ئىكەن، 3G ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
قوش SIM كارتىسىنى قوللايدىغان Asha 502 يانفونىنىڭ ئىكران چوڭلۇقى ۋە كامېرا ئېنىقلىقى يۇقارقىغا ئوخشاش ئىكەن. ھالبۇكى ئۇنىڭ 3G ئىقتىدارى يوق بولغاچقا، باھاسى 10 دوللار ئەرزان ئىكەن.
بۇ يانفونلار يەنە ئىكران يۈزىنى سېيرىش ئارقىلىق كامېرانى قوزغىتىش، قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىش ئارقىلىق كامېراغا كىرىش ۋە كامېرا يۈزىدە ئىكراننى سېيرىش ئارقىلىق رەسىمگە تارتىش ھالىتىدىن سۈرەتكە ئېلىش ھالىتىگە ئۆتىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. ھالبۇكى،Asha يانفونىمۇ سىستېما يېڭىلاش ئارقىلىق بۇ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە بولالايدىكەن.
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ باھاسى 100 دوللاردىن تۆۋەن بولغان Windows Phone سىستېمىلىق يانفون بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن بولمىغاچقا، Asha ئائىلىسىدىكى يانفونلار بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.
نۇر تورىدىن ئىلىندى. |
|