- جۇغلانما
- 6023
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-10
توردا1235 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 6023
- ئاقچا
- 71


|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دىتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-29 22:52
تىما ئىگىسى،
DLNA دىن پايدىلىنىڭ،
بۇ قۇرغان نۇقتىغا ئاز بولغاندا 2 ، كۆپ بولغاندا بىرەر مىڭغىچە ئۈسكۈنىنى( سىمسىز تور تارقاتقان ئۈسكۈنە قوللىسىلا بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ) بىر نۇقتىغا ئۇلاپ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلغىلى چۈشۈرمەي تۇرۇپ كۆرۈپ باققىلى، ياكى چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ!
بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بۇ ئەمەس،
ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى؛-
قوللايدىغان مەشغۇلات سىستىمىلىرى بەك كۆپ، بۇ Windows نىلا ئەمەس، نۇرغۇن مەشغۇلات سىستىمىسىنى قوللايدۇ!
Windows Vista نەشىرى ۋە يۇقىرلىرىدا بەزى بىر تەڭشەشلەر ئارقىلىق بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدۇ! Windows XP نەشىرى ۋە تۆۋەنلىرىدە ئايرىم يۇمشاق دىتال بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ!
بۇ ھەتتا Meego مەشغۇلات سىستىمىسىدەك ئىشلىتىش نىسبىتى ئاز بولغان سۇپىلارنىمۇ قوللايدۇ!
بۇ قوللايدىغان مەشغۇلات سىستىمىلىرى تۆۋەندىكىچە؛
Windows , Linux , Unix , Mac os x ,
Meego , Windows Phone , IOS , Symbian , Android, BlackBerry
ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىۋىزورلار ، Xbox ، Ps دەك ئويۇن ماشىنىلىرى، ۋە مەخسۇس مۇشۇ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر
ئىشقىلىپ سىمسىز تور قوللايدىغانكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ خىل ئىقتىدارنى قوللايدۇ!
بۇ سىمسىز ئالاقە- سىمسىز تور شارائىتى (WI-FI) ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ!
قىسقىسى مەنمۇ ئادەتتە مۇشۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىمەن، FTP دا بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدىكى خالىغان ئىككى ئۈسكۈنە ئوتتۇرسىدا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ بەلكىم بولسىمۇ بەك ئاۋارچىلىق بولىشى مۇمكىن،
مەن ئۆيۈمدە خاتىرە كومپىيۇتىرىمدىكى 150 گىگابايىت سىغىمىدىكى فىلىم ، ناخشا مۇزىكىلارنى ھەمبەھىرلەپ قويىمەن،
ماڭا ناخشا قاچىلاپ بەر دەپ كەلگەنلەرنى ئۇدۇللا DLNA غا ئۇلاپ بىرىپ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىمەن،
ئەپسۇس بۇنىڭدا پەقەت مىدىيا ھۆججەتلىرىنىلا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ!
بۇنىڭ FTP دىن بىر ئالاھىدىلىكى سىمسىز تور سىگنالى مەيلى قايسى ئۈسكۈنىدىن تارقىتىلغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، پەقەت ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈسكۈنىلەر بىر سىمسىز نۇقتىغا ئۇلانغان بولسىلا بولدى
ئۆيېڭىزدە Android سىستىىلىق ياكى ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىۋىزور ، تىلىۋىزور قۇتىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بولسا يانفۇنىڭىزدىكى ياكى سىمسىز تور كارتىسى بار كومپىيۇتىرىڭىزدا بىرەر مىدىيا ھۆججىتىنى تىلىۋىزورىڭىزدا كۆرمەكچى بولسىڭىز بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ تىلىۋىزوردا قويامسىز؟ بۇنداق ئىپتىدائىي ئۇسۇلنى ئەمدى ئىشلەتمەڭ، دەرھال DLNA غا كۆچۈڭ،
ھەمبەھىرلىگەن نەچچە يۈز گىگابايىت سىغىمدىكى ماتىرىياللارنى تىلىۋىزوردا بىلمالال كۆرەلەيسىز! |
|