|
سۇمرۇغ تورى 28-نويابىر خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدىكى نوكىيا خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن Jolla يانفون شىركىتى 27-نويابىر فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا تۇنجى Sailfish OS سېستىمىلىق يانفون Jolla نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرقى باھاسى 399 ياۋرو ئىكەن، 9 خىل رەڭلىك بولۇپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رايونلاردا ئارقا-ئارقىدىن سېتىلدىكەن.
Jolla يانفۇنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلكى Sailfish OS سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن ، Sailfish OS نوكىيا بىلەن intel بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تەتقىق قىلىپ چىققان MeeGo ئەقلىي يانفون سۇپىسى بولۇپ، ئۆزىدىكى SDK بولۇپلا قالماستىن، يەنە Android ئەپلىرىمۇ قوللايدۇ. ئابونتلار Yandex گورۇھىنىڭ ئەپ سېستىمىسى بازىرىدىن Android ئەپ سېستىمىسىنى چۈشۈرسە ھەمدە ئىچىگە سەپلەنگەن Android تەرجىمە تەھرىرلىگۈچنى قوزغىتىپ پايدىلانسا بولىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Sailfish OS سۇپىسى دائىم سىستېما يېڭىلاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، Jolla يانفۇنىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش تېرمىنالىغا 4.5 ديۇيىم qHD لىق IPS ئېكران قوللىنىلغان بولۇپ، قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، GSM/3G/4G نى قوللايدۇ، WiFi 802.11b/g/n ۋە كۆك چىش، 8 مىليۇن پىكسىللىق ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلايدىغان ئارقا كامېرا ۋە 2 مىليون ئالدى كامېرا بار ئىكەن.
Jolla شىركىتى باشقا رايونلاردا قاچان سېتىلدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىگەن، ئەمما ئىلگىرى 136 دۆلەتنىڭ توردا ئالدىن زاكاز قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. |
|