ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1302|ئىنكاس: 24
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[بىلىم، تەجرىبە] Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسى توغرىسىدا

8

تېما

384

يازما

147

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
983
ئاقچا
1
QQ
Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسى توغرىسىدا

Microsoft نىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ساھاسىگە قول تىققىنىغا 10 يىلدىن ئاشتى، ئەڭ دەسلەپتە Windows CE نى ئاساس قىلغان ئۈسكۈنىلەرگە قول تىققان،مەسىلەن: 1996-يىلى قولدا ئېلىپ يۈرۇيدىغان شەخسلەر كومپيۇتېرى (Handheld PC) ۋە ئالقان كومپيۇتېرى (Palm-size PC) لارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلغان. 2000- يىلدىن باشلاپ بۇ خىل ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سېستېمىلىرىنىWindows Mobile غا بىرىكتۈرۈۋەتكەن، مەقسىدى شەخسلەر كومپيۇتېرىنى ئادەملەرنىڭ يانچۇقۇغا پاتقۇدەك قىلىش ئىدى. كۆپلىگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق كارخانا دەرىجىلىك ئېھتىياجلار يېڭىچە ئىقتىدارلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەشغۇلات سۇپىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەسكە توختاپ قالغان، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا قىزىقمىغان. گەرچە ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى ئىشەنچلىك بولسىمۇ بىراق كۆركەم ئەمەس ئىدى، بۇ بىر نۇقتا ئىشلەتكۈچىلەر يۈزىگە نىسبەتەن بىر داغ بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە Windows Mobile نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى تۆۋەن ئىدى، شۇڭا Windows Mobile سېستېمىنى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى.
2010-يىلى 2- ئايدىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر دۇنياۋى يىغىنىدا، Microsoft يېڭىچە قىياپەتكە ئىگە بولغان 7 Windows Phoneتۈرىدىكى كۆچمە مەشغۇلات سېستېمىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ چەك-بۇلۇڭلىرى ئېنىق ئايرىلغان، كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن نەپسلىك بىلەن كۆركەملەشتۈرۈلگەنىدى. بۇ كۆرۈنمە يۈزنىڭ ۋاكالەت نومۇرى Metro  ئىدى.
Windows Phone گەرچە ھەممە ئىنتىزار بولۇۋاتقان مەھسۇلات بولسىمۇ، Microsoft بۇ سەۋەبلىك قارىغۇلارچە ئابروي قوغلىشىپ كەتمىدى، ئەكسىچە بىرقىسىم چەكلىمە ۋە ھوقۇق تەڭپۇڭلۇق تۈزۈملىرىنى بېكىتتى. Windows Phone نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپىنى خېلىلا يۇقۇرىلاتتى، مەسىلەن CPU نىڭ چاستۇتىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1GH بولۇش ھەمدە سۈرەت بىرتەرەپ قىلىش قاتتىق دېتالىنىڭ سۈرئەت تېزلىتىشنى قوللاش دېگەندەك، بۇ ئارقىلىق Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. سۈرەت تېزلىتىش ئىقتىدارىدىن باشقا Windows Phone ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر جەزمەن كوندېنساتور تىپىدىكى چەكمە ئېكران ئىشلىتىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئىنكاس سۈرئىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. Windows Phone تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكۈچىلەرنى ( ھەرگىزمۇ كارخانا ياكى سودىگەرلەرنى ئەمەس) ئاساس قىلغان كۆچمە مەشغۇلات سۇپىسى بولۇپ، قاتتىق دېتالغا نىسبەتەن بىر تۈرلۈك مەجبۇرلاش خارەكتېرلىك رامكا بېكىتتى، يەنى ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قاتار تەلەپلەرنى مەجبۇرى بېكىتتى، مەسىلەن سىرتقى كۇنۇپكىنى ( بەزى چاغدا ھەتتا كۇنۇپكىنىڭ ئورنىنىمۇ) ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەتتا بەزى ئالاھىدە قاتتىق دېتال ئىقتىدارلىرى مەسىلەن: Wi-Fi,GPS,  ، تېزلەتكۈچ، ئېلېكترونلۇق كومپاس، ئاپارات، يورۇقلۇق سېنزورى ( سەزگۈچ )، ئارلىق سېنزورى، ۋە تىترىگۈچ قاتارلىقلار جەزمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر بىر ئۈسكۈنە رامكىدا بېكىتىلگەن بارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىمىغاندا، ئېنىقلا Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىرچە Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسى چەكمە ئېكران بولمىغان ئۈسكۈنىلەرنى قوللىمايدۇ، بىراق ئۈسكۈنە ياسايدىغانلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىش قوشۇپ يۈرۈپ كۇنۇپكا ئارقىلىق باشقۇرۇلۇدىغان Windows Phone قاچىلايدىغان ئىقتىدارى ناچارراق ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ چىقالايدۇ.
پروگرامما تۈزگۈچىلەرنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىش Windows Phone دا پەقەت ئىككى خىللا ئېكران چوڭلۇقى بار، يەنى ئەڭ دەسلەپ ئېلان قىلىنغىنى   )048*800 WVGA (. ئىككىنچى خىلى بولسا HVGA (320*480 ) كېيىن ئېلان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئەپ تۈزگەندە ئەپنىڭ ئېكران چوڭلۇقىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
خوش بۈگۈنكى گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، نېمە دەپ تام تۈۋىدىن ھوشو قوپقاندەك Windows Phone مەشغۇلات سۇپىسى ھەققىدە گەپ قىلىپ قالدىڭ دېسەڭلار، Phone مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ مۇقۇملۇقى ياخشى، يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك مەجبۇرلاش خارەكتېرلىك قاتتىق دېتال تەلەپلىرى ئۇنى شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان، يەنە كېلىپ ھازىر يېزىقىمىزنى تەۋەككۇلچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سېستېمىسىغا قوشۇپ بېرىۋاتقان ماغدۇرى بار شىركەتمۇ Microsoft. بېشىڭنى كىم سىيلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ دېگەندەك شۇنىڭ ھەققىدە گەپ قىلىپ قالدىم.
ناۋادا Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئەپ يېزىشقا قىزىقىدىغانلار بولسا ( بولغاندىمۇ كۆپرەك بولسا ) كېيىن بۇ توغرىسىدا تېما يوللىنىلىدۇ.
(مەن پەقەت 7.8Windows Phone كىچە ئەپ يېزىشتىن گەپ قىلىپ بېرەلەيمەن، 8Windows Phoneكە ئەپ يېزىش توغرىلىق گەپ قىلاي دېسەم كومپيۇتېرغا تەلىپى ئالاھىدە يۇقۇرىكەن، قول تىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم) .
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن...
تۆۋەندىكى رەسىم 7.8Windows Phone كە تۈزۈلگەن ئەپنى سىناش جەريانىدىن كېسىپ ئېلىنغان.


4

تېما

154

يازما

291

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1329
ئاقچا
10
、very.幸福 ۋاقتى: 2013-11-28 10:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ بەك  قىزىقاتتىم Windows Phone غا

9

تېما

239

يازما

351

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1275
ئاقچا
4
uy0903 ۋاقتى: 2013-11-28 11:15:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ سىناۋاتقان,ئەپنى,تارقاتمىغان ئوخشايسىز ھە ...

9

تېما

239

يازما

351

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1275
ئاقچا
4
uy0903 ۋاقتى: 2013-11-28 11:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wp8 ئەپ,تۈزۈشتە كوزنەك 8 نىڭ64 بىتلىقى بولمىسا بولمايمىش دەپ ئاڭلىغان ..

5

تېما

353

يازما

170

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1142
ئاقچا
0
esl ۋاقتى: 2013-11-28 11:45:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-28 12:20  

ھازىرwindowsphoneئشلىتىۋاتقانلار سانى(ئۇيغۇرلار)كۈندىن كۈنگە ئىشىۋاتقان بولسىمۇ ,ئانا تىلىمزنى راۋان قوللىغان بۇ مەشغۇلات سىستىمسغا جاۋابەن,ياسالغان ئۇيغۇرچە ئەپلەر يوقلا دىيەرلىك. بەلكىم wipقا ئەپ ياساسش شۇنچىلىك تەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. نىمىشقا دىگەندە www.ablikim.comنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلكىم ئەپەندى ئۈزى ياسىغان uyghur keyboard,ئۇيغۇچى يىزىق كىرگۈزگۈچسى ناملىق ئەپنى يېڭى نەشىر گەيىڭلىندۇ دەپ ئىلان بەرگىلى 2ئاي بولاپ قالدى ئەمما تىخىچە خۇش خەۋەر يوق.ئەل -ئاغىنە باللادىن نەچچىسى قولۇمدىكى لۇمىيا 820نى كۈرۈپ شۇنچە ھەۋەس ۋە ئشتياق باغلىغان بولسىمۇ ,ئۇيغۇرچە ئەپلەر ۋە بەزى قوللىنىشچان ئەپلەرنى كۈزدە تۇتۇپ رايى قايتتى. مەسىلەن :ئەڭ ئاددىسى قارلۇق ياسىغان ئالما ئەپ سىتورىدا ھەقسىز تارقاتقان <خاتىرەم>ناملىق ئەپچىلكمۇ ئادەم سۈيۈنگىدەك ئۇيغۇرچە ئەپ يوق. ئۇيغۇرچە خەۋەر تورى,نۇر تورى نىڭ مۇ يوق.ئادەتتە توركۆرگۈ بىلەن كۆرسەكمۇ بولىدۇ.ئەمما نۇر تورىنىڭ بەت ماسلىششچانلىقى لۇمىياغا ماس كەلمەمدۇ قانداق,باش بەتتە مەزمۇن تاللاش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن.مەسىلەن نۇر تورنى ئېچىپ , تىخنىكا  دىگەننى تاللماقچى بولۇپ مەشغۇلات قىلسىڭز بىلىسز.htcۋە samsungنىڭ wipيانفۇنلىرىدا قانداق سىناپ باقمىدىم.
دىمەكچى بولغۇنىم ئۇستازلار بىلمىڭلارنى ئايىماي ,مۇشۇنداق ياخشى دەرسلكلەرنى يوللاپ تۇرساڭلا ,پروگىرامما تىلىدىن خەۋىرى بالا تىرىپ -تىرمشىپ wipتىمۇ ئۇيغۇرچە ئەپ ھۇزۇرنى سۈرۈشكە نىسىپ بولسا.....

1

تېما

71

يازما

125

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
340
ئاقچا
0
قۇياش ۋاقتى: 2013-11-28 11:51:18 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىشلتۋاتمەن ئۇ تېلفۇننى ...لېكىن ئەپلىرى بەك ئازكەن ....!ئۇيغۇرچە ئەپلەر بولسا تەۋزيە قىلساڭلا...؟ ئىقتىدارىنى بىلمگەچكە تاشلاپ قويۇپ يەنىلا قۇتلان يانفۇنۇمنى ئىشلتۋالدىم来自: Android客户端

1

تېما

6

يازما

97

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
241
ئاقچا
2
muzdawan ۋاقتى: 2013-11-28 11:54:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتىكى تېلفۇنلارغا قاچىلىغىلى بولامدۇ
كولپەد دېگەندەك ..

1

تېما

71

يازما

125

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
340
ئاقچا
0
قۇياش ۋاقتى: 2013-11-28 11:54:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、very.幸福 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 10:37:13
مەنغۇ بەك  قىزىقاتتىم Windows Phone غا

قىزىقان بولسىڭىز ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقامسىز سېتىپ بىرەي...NOKIA 900来自: Android客户端

5

تېما

353

يازما

170

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1142
ئاقچا
0
esl ۋاقتى: 2013-11-28 12:11:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىپىق كودلۇق مەشغۇلات سىستىمسى بولغان ئالما مەشغۇلات سىستىمىس iosۋە مىكروسوفىت سىستىمسى بولغان wipتىن تاللاشقا توغرا كەلسە ,wipيانفۇنلىرى ,سۈپەت ,باھا,مەشغۇلات تىزلىكى جەھەتتە ياخشى تاللاش بولالىسىمۇ,ئەمما ئەپ,ئويۇن ھۇزۇرنى سۈرۈش,ۋە قوللىنىشچانلىق جەھەتتە ئالما يانفۇنى يەنلا نوچىكەن.ھەر ئككسىنىڭ ھەقلىق,ۋە ھەقسىز ئويۇن ,ئەپلىرى بار,ئەمما ئالمىنىڭ پۇلغا ئالسا ئەرزىگۈدەك,ئەپلىر كۆپ مەسىلەن:كاككۇك قىرىندىشمىز ياسىغان ئسىل كىتاپلار,ھەدس توپلاملىرى,يەنە پاكىستان pakdataشىركىتى ياسىغان قۇرئان مەجىد .بۇ ئەپنى ئشلىتىپ باققانلا بىلىدۇ ھەقىقەتەن ئسىل ياسالغان ئەپ,ئۇيغۇرچە يىزىش خاتىرە ساقلاش ئۈچۈن ,خاتىرەم يىتىپ ئاشىدۇ. بۇ مىنىڭ شەخسى قارىشىم خالاس .مۇشۇنداقتاللاشقا دۇچ كەلگەنلەرگە ئازراق ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.p

4

تېما

154

يازما

291

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1329
ئاقچا
10
、very.幸福 ۋاقتى: 2013-11-28 12:20:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 11:54
قىزىقان بولسىڭىز ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقامسىز سېتىپ بىرەي. ...

نەچچە پۇل ئاڭلاپ باقاي مۇۋاپىق بولسا .ئالىمەن

18

تېما

189

يازما

480

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1370
ئاقچا
1
sada425 ۋاقتى: 2013-11-28 12:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uy0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 11:17
Wp8 ئەپ,تۈزۈشتە كوزنەك 8 نىڭ64 بىتلىقى بولمىسا بولمايمىش  ...

win7 نىڭ 64بىتلىقى بولسىلا بولىدۇ.
facebook نى قايتىدىن تىپىۋالدىم ھى ھى ھى

0

تېما

36

يازما

118

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
384
ئاقچا
0
xagirt01 ۋاقتى: 2013-11-28 16:06:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىندوۋىسفۇننىڭ ئۇيغۇرچە ئەپلىرى كۆپرەك بولسا نىمە دىگەن ياخشى  ، لىكىن مەن بۇ تېلىفۇنغا بىر ياخشىراق قۇرئانمۇ قاچىلىيالمىدىم ، ئالىپ تورىغا ئىنكاس يازاي دىسەممۇ ئۇيغۇرچە يازالمىدىم ، بولسا ماڭا ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۈگۈتۈپ قويساڭلا دوسلا

21

تېما

910

يازما

458

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2627
ئاقچا
0
QQ
amirdinov ۋاقتى: 2013-11-28 18:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ياقتۇردۇم   بۇنى  wp  نى   ..   820 نى   .. خۇدا خالىسا ئۇيغۇر تېل بۇلىقىمۇ قىتىلىدۇ    . بىلەت تاشلاشنى توختاتمايلى    ..  
/thread-16790-1-1.html

9

تېما

239

يازما

351

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1275
ئاقچا
4
uy0903 ۋاقتى: 2013-11-28 20:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xagirt01 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 16:06
ۋىندوۋىسفۇننىڭ ئۇيغۇرچە ئەپلىرى كۆپرەك بولسا نىمە دى ...

ئەپ بازىرىغا كىرىپ uyghur دەپ ئىزدىسىڭىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار شۇنى قاچىلاپ .. ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ ... قۇرئانغا كەلسەك .. تەۋەلىكنى ئامرىكا ياكى مالايسىيا , تۈركىيە دىگەندەك دۆلەتلەرگە توغرىلاپ quran ياكى islam دەپ ئىزدىسىڭىزساماندەك ...

9

تېما

239

يازما

351

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1275
ئاقچا
4
uy0903 ۋاقتى: 2013-11-28 20:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمدىكى ئەپنى قاچان تارقىتىسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش