ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1229|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ئۇچۇر] ئاندىرويىد سىستېمىسى ھەققىدىكى بەش خىل خاتا قاراش

30

تېما

317

يازما

19

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

قۇغدۇغۇچى√ HDSTN

Rank: 4

نادىر
1
جۇغلانما
756
ئاقچا
0
QQ
ئاندىرويىد نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ھازىرقىدەك زور بازارنى ئىگەللىشىگىچە بولغان ئارىلىقتا، نۇرغۇنلىغان شانلىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئوچۇق كودلۇق ۋە يۇقىرى دەرىجىدە خاسلاشتۇرۇشنى قوللايدىغان تەرىپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسە، يەنە بەزىلەر ئۇنى مۇرەككەپ ۋە بىخەتەر ئەمەس دەپ زەربە بىرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى مەيلى ئاندىرويىد ھەۋەسكارلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولغان سىستېمىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى بولسۇن، ئىككىلا تەرەپ زادى قايسى سىستېما ياخشى دىگەن مەسىلە ئۈستىدە بىرلىككە كىلەلىگىنى يوق. بۇ جەرياندا ئاندىرويىد سىستېمىسى ھەققىدە بەزىبىر خاتا قاراشلار تارقىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋىلىشىغا ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.
يېقىندا چەتئەلدىكى داڭلىق تېخنىكا تور بېكىتىنىڭ يازغۇچىسى مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىرويىد ھەققىدىكى خاتا قاراشلارغا رەددىيە بەردى، ئەمەلىيەتتە ئاندىرويىد سىستېمىسىدا كىشىلەر ئويلىغاندەك چوڭ مەسىلىلەر يوق، مەسىلە بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنچە ئېغىر ئەمەس. ئۇنداقتا، تۆۋەندە تور دۇنياسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاندىرويىد سىستېمىسى ھەققىدىكى بەش خىل خاتا قاراش ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
بىرىنچى خاتا قاراش: ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتى مۇرەككەپ
1.jpg
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەرشارىدىكى %80 دىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سىستېمىسى ئاندىرويىد ئىكەن. ئەگەر بۇ سىستېما باشقىلار ئېيتقاندەك شۇنچە مۇرەككەپ بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇنى ئىشلىتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزىگە «ئاۋارىچىلىق» تېپىشقا ئامراقمۇ-يا؟
تۈزۈت قىلماستىن ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئاندىرويىد سىستېمىسى مۇرەككەپ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئابونتلارغا ماس كەلمەيدۇ دىيىش تۈپتىن خاتالاشقانلىق، شۇنداقلا بۇ ئاشۇ ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسىگە بولغان ھاقارەتتۇر.

ئىككىنچى خاتا قاراش: ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋەزىپە باشقۇرغۇچتىن ئايرىلالمايدۇ
2.jpg
ئاندىرويىد سىستېمىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ھەرخىل ۋەزىپە باشقۇرغۇچ تۈرىدىكى ئەپلەر شىددەت بىلەن كۆپەيدى ھەمدە ئابونتلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى. كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋەزىپە باشقۇرغۇچتىن ئايرىلالمايدۇ دىگەندەك گەپ-سۆزلەرمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئۇنداقتا، ئەگەر ئاندىرويىد يانفونىڭىزغا ۋەزىپە باشقۇرغۇچ قاچىلىمىسىڭىز قانداق بولا؟ ئەجەبا، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ راستىنلا يانفون سۈرئىتىنى تېزلىتەلەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىلدىكى ۋەزىپە باشقۇرغۇچلارنىڭ ئەمەلىي رولىغا قارىغاندا، پىسخىكىلىق رولى تېخىمۇ چوڭ. ئىشەنمىسىڭىز، يانفونىڭىزدىكى ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئۆچۈرۋىتىپ سىناپ كۆرۈڭ، زادى قانچىلىك پەرق باركىن؟!

ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئاندىرويىد سىستېمىسى ئاسانلا يامان نىيەتلىك پروگراممىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ
3.jpg
بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋىروس بىلەن يۇقۇملانمايدۇ دىمەكچى ئەمەسمىز، دىمەكچى بولغىنىمىز، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قارىشى ھەرگىزمۇ يۇقۇملىنىش دىگەن دەرىجە بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسىتىۋاتقىنى ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكى. ھالبۇكى، ئادەتتىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ھىچقانداق خەتىرى يوق. چۈنكى ئابونتلار ھەر قېتىم قاچىلىماقچى بولغان ئەپ چوقۇم سىستېمىنىڭ ھوقوق بىرىشىدىن ئۆتۈشى كىرەك، ئۇندىن باشقا، ئەپنى قاچىلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىچىدە ۋېروس ياكى يامان نىيەتلىك پىروگرامما بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش: ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل
4.jpg
ئىشىنىمەنكى، كۆپلىگەن تورداشلار ئاندىرويىد سىستېمىلىق يانفونلارنى ئانچە ياراتمايدۇ، ئۇلار ھە دىسىلا ئاندىرويىد ئۇنداق ناچار، بۇنداق قولايسىز دىگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۈستىدە ئازراق چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىز شۇنى بىلەلەيسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قولىدىكىسى ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاندىرويىد يانفونلار.
گۇگېل شىركىتى ھازىر ئاندىرويىد سىستېمىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەلالاشتۇرۇپ، نۇرغۇن قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. يۇقىرى سەپلىمىلىك بايراقدار ئاندىرويىد يانفونى ئىشلىتىۋاتقانلار ئۇنىڭ ھوزۇرىنى راسا سۈرۈۋاتىدۇ.
باشقىچە ئېيتقاندا، ھىچقانداق بىر ئايفون ھەۋەسكارى ھەرگىزمۇ iPhone 3GS نىڭ iPhone 5S دەك راۋان ئىشلىشىنى قارىغۇلارچە ئۈمىد قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئاندىرويىدمۇ دەل شۇنداق.

بەشىنچى خاتا قاراش؛ ئاندىرويىد سىستېمىسى نىسبەتەن قالاق شۇنداقلا مۇقىم ئەمەس.
5.jpg
ئاندىرويىد سىستېمىسى دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان مەزگىللەردە، ھەقىقەتەنمۇ يۇقاردا دىيىلگەنگە ئوخشاش، سۈپىتى ناچار ۋە مۇقىم ئەمەسلىكتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. ھالبۇكى، ھەرقانداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بارا-بارا مۇكەممەللىشىش ۋە يېڭىلىنىش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.
ئىشىنىمىزكى، كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىپ باققان ھەرقانداق بىر ئىستېمالچى يانفون ئەپلىرىنىڭ قېتىپ قىلىش ۋە تۇيۇقسىز ئىشلىمەسلىكىدەك ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەن، ھالبۇكى، ئاندىرويىدتا بۇ خىل ئەھۋاللار ئېغىر دىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دەل يۇقاردا ئېيتقاندەك، تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار ياكى سىستېما يېڭىلىمىغانلاردۇر
6.jpg


مەنبە: نۇرتورى

0

تېما

318

يازما

702

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3645
ئاقچا
1
008 ۋاقتى: 2013-11-25 17:39:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم

0

تېما

228

يازما

337

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1493
ئاقچا
0
taxqi ۋاقتى: 2013-11-25 17:52:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئادەمنى  قايىلقىلارلىق来自: Android客户端

0

تېما

112

يازما

200

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
951
ئاقچا
0
uqkun888 ۋاقتى: 2013-11-25 18:13:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن راس گەپلەر

0

تېما

221

يازما

346

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1522
ئاقچا
0
acer1 ۋاقتى: 2013-11-25 18:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئادەمنى  قائىلقىلارلىق گەپلەر

2

تېما

222

يازما

671

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2544
ئاقچا
0
UYGHURBIZM ۋاقتى: 2013-11-25 18:45:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى ئېيتسام جۇڭگودا ئىشلەنگەن يانفۇنلار مۇشۇ ئاندىرويىد سېستىما بولمىغان بولسا ھېچقانداق ئۈنۈم يارىتالماي تۈگۈشۈپ كېتەتتى...

9

تېما

179

يازما

487

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1832
ئاقچا
0
uqkur132 ۋاقتى: 2013-11-25 18:59:32 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بەزىلەر ئالمىنى راھەت دەيدىكەن لىكىن تاريەردە گۇش يىگۇچە كەڭرى يەردە مۇش يە دىگەندەك پەقەتلام ئالما بىلەن كىلىشەلمىدىم ئاندىرويد بەلكىم ئالمىدەك راۋان ئەمەستۇ لىكىن نىمەقىلىمەن دىسە قىلغىلى بولغاندىكىن پايدىلىنىشچانلىقى يۇقىرى دە

0

تېما

136

يازما

101

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
407
ئاقچا
0
0996 ۋاقتى: 2013-11-25 19:17:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تووغرا

2

تېما

509

يازما

290

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1486
ئاقچا
0
حمداللە ۋاقتى: 2013-11-25 19:27:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىرويىت يانفۇنلار ئەرزان قۇلايلىق ئالماچۇ ئەڭ تۆتجى ئەۋلات بەشىنجى ئەۋلات دىگەنلىرىگ ئازدىگەندە تۆت بەشمىڭ خەژلەيدىغان گەپ ئىقتىسات بولساچۇ hts iphone5 لەرنى ھەممە ئادەم ئىشلىتىپ باققۇسى بار بىرە مىڭ يۇنلىك يانفۇنلارنى ئىشلىتىپ تۇرايلى来自: Android客户端

3

تېما

226

يازما

635

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2153
ئاقچا
1
omr ۋاقتى: 2013-11-25 20:13:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالما دىگەن ئالمىدە  

5

تېما

353

يازما

170

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1142
ئاقچا
0
esl ۋاقتى: 2013-11-25 20:42:18 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە ئاندروئدتا قىلىغىلى بولىدغان ئەڭ چوڭ ئىش -ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى .
مەن مۇشۇ تەرىپىنى ئەڭ چوڭ بىلىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا نىمە قىلسا قىلغۇدەك نان تەككۈدەك ئشمۇ تايىنلىق.

0

تېما

507

يازما

546

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2300
ئاقچا
0
KONA ۋاقتى: 2013-11-25 20:44:32 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن موشۇ ئالمىنى ياقتۇرۇپ قالدىم

0

تېما

47

يازما

148

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
493
ئاقچا
0
imerjan ۋاقتى: 2013-11-25 20:58:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KONA يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 20:44
مەن موشۇ ئالمىنى ياقتۇرۇپ قالدىم

مىنىڭچە يەنلام ئاندىروئىد ياخشى جىمۇ

5

تېما

96

يازما

174

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2538
ئاقچا
1
C.RONALDO ۋاقتى: 2013-11-25 21:12:22 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىنىڭ سېستىمىسى ھەقىقەتەن راۋان ، بۇ جەھەتتە ئاندىروئىد پاسسىپ . لىكىن ئالمىنىڭ تېلفۇنلىرى بەكلا قىممەت ، ماڭا ياقمايدىغان يېرى دەل مۇشۇ . شوڭا كۈچۈم يەتكەن 8813 نى ئىشلىتىۋاتىمەن . مىنىڭ بارلىق ھاجىتىمدىن تۇلۇق چىقىدۇ . ئەلۋەتتە كۆپرەڭلك پۇللۇق بوپ قالغان چاغدا چۇقۇم ئالمىنىمۇ ئىشلىتىپ باقىمەن

9

تېما

179

يازما

487

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1832
ئاقچا
0
uqkur132 ۋاقتى: 2013-11-25 21:13:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
esl يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 20:42:18
ئەمەلىيەتتە ئاندروئدتا قىلىغىلى بولىدغان ئەڭ چوڭ ئىش -

شەخسى كۆزقاراش来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش