بۇرۇن يوللانغان تېمىلىرىمىزدا تۇنۇشتۇرغان WM6.5 غا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا ئائىت مەزمۇنلار كېڭەيتىلگەن رايۇندىكىسى ئىدى. ئۇيغۇرچىنى كېڭەيتىلگەن رايۇندا بىر تەرەپ قىلغاندا نورمال تېكىستنى كېڭەيتىلگەن رايۇنغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. جۈمىلىنىڭ بېشى ئاستىنقى قۇرغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇيغۇرچىنى ئاساسى رايۇندا تونۇتۇش ئاخىرى ھەل بولدى.
Sunnysoft شىركىتنىڭ ياسىغان ئەرەبچە كىرگۈزچىنى قاچىلىساق ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىش مەسلىسى تۇللۇق ھەل بولىدىكەن. كىرگۈزگۈچ قىسىمىدا ئازراق مەسلە بار. ئۇيغۇرچە پ ، ە ، ۈ ، ۆ ھەرپلىرى بىلەن كومپىيۇتېردا ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەملىك ھەرپلەر ئوتتۇرسىدا پەرق باركەن. باشقىسى نورمال.
سىناق قىلىنغان يانفۇن: HTC HD2 , مەشغۇلات سىستېمىسى Windows Mobile 6.5
تۆۋەندىكى رەسمىدىكىسى يانفۇندىكى IE دا ئالىپ تورىنى كۆرگەندىكى ھالەت
تۆۋەندىكىسى UC تور كۆرگۈدە كۆرگەندىكى ھالەت


تۆۋەندىكىسى بىلىك كۇلۇبىنى IE Mobile دا كۆرگەندىكى ھالەت


دىمەك WM6.5 سىستېمىلىق يانفۇنلاردا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشتا مەسلە قالمىدى. ھەممە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى نورمال. ئىلگىرى Opera دا ى ە ھەرپلىرىدىن باشقىسى نورمال كۆرۈنەتتى. باشقا تور كۆرگۈدە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر پەقەت ئۇلانمايدۇ. ماۋۇ دېتالنى قاچىلغاندىن كېيىن يوقارقىدەك باشقا تور كۆرگۈدە نورمال. Opera دا ى ە مەسلىسى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۇلانمىدى.
تۆۋەندىكىسى يانفۇندىكى MSN Messenger نىڭ كۆرۈنىشى


دىمەك، يانفۇندىكى MSN دىمۇ ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلىش ئەمەلگە ئاشتى.
تۆۋەنكى رەسىمدىكىسى كومپىيۇتېردىكى Word2007 دە تەييارلانغان ھۆججەتنى ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي يانفۇندىكى Word Mobile دا ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش

تۆۋەنكى رەسىمدىكىسى كومپىيۇتېردىكى Excel2007 دە تەييارلانغان ھۆججەتنى ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي يانفۇندىكى Excel Mobile دا ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش

تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە ۋېكپىدىيەدىن (uyghur Wiki)بىر كۆرۈنۈش

تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن كۆرۈنۈش


مەن ئالدىنقى قېتىم يوللىغان لۇغەتتە يوقارقى رەسىمدىكى ھالىتىدە بىر قۇرغا پاتمىغان ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ بېشى ئاستىنقى قۇرغا چۈشۈپ كېتەتتى. بەتنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولاتتۇق. ماۋۇنىڭدا ئۇنداق مەسلە يوق.
ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھۆججىتنى چۈشۈرۈڭ. ئەسكەرتىش: ئەزالىق نامىدا كىرسىڭىز ئاندىن چۈشۈرۈش ئادېرسى كۆرۈندۇ.
سەيياھبۇ جايدىكى يوشۇرۇن مەزمۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن جۇغلانمىڭىز 1 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، ھازىرقى جۇغلانمىڭىز 0
يوقارقى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يانفۇننى سانلىق مەلۇم سىمى بىلەن كومپىيۇتېرغا چېتىپ، يوقارقى پىروگىراممىنى كومپىيۇتېردا ئىجرا قىلدۇرسىز. ئاندىن يانفۇندا قاچىلاش كۆرسەتمىسى چىقىدۇ. شۇ بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ. قاچىلاپ بولۇپ يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىز ئۇيغۇرچە تونۇتۇش تاماملىندۇ ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىندۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە خەتلەر سەتراق چىقىدۇ. تۆۋەندىكى تېخنىك ئەپەندى ئۆزگەرتكەن Tahoma فونتىنى قاچىلسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتلەر يۇقارقى رەسمىدىكىدەك چىرايلىق چىقىدۇ.
alip.rar
(712.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6274)
|