ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1357|ئىنكاس: 29
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالپداشلار يۇمۇرمۇ ئوقۇپ قويۇڭلار

12

تېما

310

يازما

419

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىم

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1833
ئاقچا
1
QQ
يۇمۇرلار يارىسا ئانچە مۇنچى مۇكاپاتلاپمۇ يۇيارسىلە
مېجەزى چۇس بىر ئادەم بار ئىكەن ،بىر كۈنى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە مىھمان كىلىپ قاپتۇ .
ئۇ بىر خورىزىنى ئۆلتۈرۈپ مىھمان قىلماقچى بولۇپ،خورازنى قوغلاپ تۇتماقچى بوپتىكەن خوراز ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ زادىلا تۇتۇق بەرمەپتۇ ،ئۇ ئادەم ئاچچىغىدا باققان مىكيانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆگزىدىكى ھېلىقى خورازغا ئاچچىقلاپتۇ :
_ سەن ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرگىلى قويمىدىڭ ،ئەمدى بىر ئۆمۈر بويتاق ياشا !
*******
ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ پۇتى يارىلانغان بىرۆيلەن سوتتا شوپۇرنىڭ 50 مىڭ يۈەن تۆلەم
بىرىشىنى تەلەپ قىپتۇ .شوپۇر :
_ مىنى مىليونىرمىكىن دەپ قالدىڭمۇ ؟_دەپ ۋاقىراپ كىتىپتۇ .
_ .ئۇنداقتا ،مىنى سەكسەنپۇتمىكىن دەپ قاپسەن-دە ؟_دەپتۇ يارىلانغۇچى .
********
ئايالى : مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا چۇقۇم بىر ئايال بار .
ئېرى : ئۇنداقتا ،مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئەرنىڭ ئارقىسىدىچۇ ؟
ئايالى : چۇقۇم بىر توپ ئايال بار .
******
بىر ئايال باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،ئەتراپىدا ئادەم يوقلۇقىنى
كۆرگەندىن كىيىن ،ئۇزۇن ئورۇندۇققا چىقىپ پۇتىنى سوزۇپ ياتتى .بىر ئاز ئۆتكەندىن
كىيىن بىر قەلەندەر ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كەلدى :
_ ھەي ئامرىقىم ،ئىككىمىز بىللە باغچىنى ئايلانساق قانداق ؟
_ كىم سېنىڭ ئامرىقىڭكەن ، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە ،مەن ئۇنداق تاپتىن چىققان
ئاياللاردىن ئەمەس .
_ ئۇنداقتا ،سىز مېنىڭ كارۋىتىمدا نىمىش قىلىسىز ؟_ دىدى قەلەندەر .
*******
ئېرى ئەتتىگەندە خوتۇنىغا كاپالەت بېرىپتۇ :
_بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئادەم بولىمەن .ھەرگىز ھاراق ئىچمەيمەن .
بىراق شۇ كەچلىكى يەنە غەرق مەست ھالەتتە ئۆيگە كەپتۇ ، بۇنى كۆرگەن خوتۇنى
دەپتۇ :
_سىز ئەتتىگەن يېڭىدىن ئادەم بولىمەن ،ھاراق ئىچمەيمەن دىمىگەنمىدىڭىز ؟
ئېرى : _ھەي ،مەن يېڭىۋاشتىن بولىدىغان ئادەمنىڭمۇ مۇشۇنداق ئادەم  
بولۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىمەن .
********
مۇئەللىم : سەمەت ،سەن ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىپ ،سوغۇقتىن تارىيىش ھادىسىسىگە
بىر مىسال ئېلىپ باق .
ئوقۇغۇچى : يازلىق تەتىل ئالتە ھەپتە ،قىشلىق تەتىل پەقەت 14 كۈنلا ئىكەنلىكى
بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ .
******
داڭلىق دوختۇرنىڭ ياردەمچىسى ئۇنىڭدىن :
_ ئۇستاز ،سىز دايىم بىماردىن ;تاماق يىيەلەمسىز ،ئىشتىھايېڭىز ياخشىمۇ ؟
دەپ سورايدىكەنسىز ،كېسەلنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇلارنى سوراشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار ؟
دەپ سوراپتۇ ،
_ ھەي ،ئەخمەق ساڭا ئەجەپ ئۆگۈتۈپ بولالمىدىم ،كېسىلىنى تاپالمىغاندىن كىيىن
شۇنى سورىماي نىمە دەيتتىڭ ؟_ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇستازى .
********
بىر كىشى ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بارغىنىدا ،ئاغېينىسى ئۇنىڭ ئالدىغا
بىر چىنە سۈت قويۇپ :
_ ئىچكىن ئاغېينە ،قايماق ،قېتىق ،سۈزمە ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە ،_دەپتۇ .
خېلى كۈنلەردىن كىيىن ، سۈت بەرگەن كىشى ھېلىقى ئاغېينىسىنىڭكىگە مىھمانغا
بېرىپتۇ ئاغېينىسى ئۇنىڭ ئالدىغا بىر چىنە بۇغداي ئۇنى قويۇپ :
_ مەرھەمەت ،دوستۇم ،قۇيماق ،لەغمەن ،سامسا ،پىتىر مانتا ،قاتلىما ،
نارىن چۆپ ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە ،_ دەپتۇ .
*********
بىر ھۇرۇن باشقىلارغا ئۆزىگە خىزمەت تېپىپ بېرىشنى ھاۋالە قىپتۇ ،بىرۆيلەن
ئۇنىڭغا قەبرىستانلىققا قاراش خىزمىتىنى تېپىپ بىرىپتۇ .ھۇرۇن ئىشقا چۈشۈپ
ئىككى كۈن بولا -بولمايلا ،ئاغرىنغان ھالدا :
_بۇ خىزمەتنى ھەرگىزمۇ ئىشلىمەيمەن ،باشقىلارنىڭ ھەممىسى ياتىدىكەن ،
پەقەت مەنلا ئۆرە تۇرىدىكەنمەن ،_دەپتۇ .
*********
بىر ئاخشىمى غەرق مەست بولۇپ كەتكەن بىر ھاراقكەش لەلەڭشىگەن
ھالدا قاۋاقخانىدىن چىقتى _دە ،ئۇياق -بۇياق پىقىراپ يۈرۈپمۇ ئۈيىنى زادىلا
تاپالمىغاندىن كىيىن ، بىر كىرا ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توستى ۋە شوپىرغا دىدى :
_ مىنى ئىتتىپاق يۇلىدىكى 95- قوروغا ئاپپىرىپ قويسىڭىز .
_ چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز ،_ دىدى ،شوپۇر ھەيران بولۇپ ،_ سىز
ھازىر دەل ئىتتىپاق يۇلىدىكى 95- قورونىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىسىزغۇ ؟
_ بوپتۇ ،_ مەست بىر تەرەپتىن سۆزلەپ ،يەنە بىر تەرەپتىن شۇپۇرغا
پۇل بەردى،_دە ،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،_لېكىن كېلەر قېتىم ماشىنىنى مۇنداق
تېز ھەيدىمەڭ ،_ھە !

چاقىرىش
ئىككى ئايال پاراڭلىشىپ قاپتۇ:-باللىرىڭىز بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ،بىر ئايال
_ھەئە،10 بالام بار
_ۋاي خۇدايىم،10 بالنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتۇشمۇ تەستۇ؟...
_ياقەي،مەن 10 بالامنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئىسىم قويۇۋالغان،چاقىرغاندا دادىلىرىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ چاقىرمەن....
ئۇ ئانام
بىر ئەر يەنە بىر ئەردىن سوراپتۇ:
_سىز مۇشۇ كەمگىچە سىزنىڭ بارلىق سەۋەنلىكلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلۋېتىدىغان ،سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆردىغان بىرەر ئايالنى ئۇچۇرتۇپ باقتىڭىزمۇ؟
_ھەئە...
_سىز نېمىدىگەن بەخىتلىك...
_ئۇ ئايال مېنىڭ ئانام...

ئالماشتۇرۇش
ئەر-ئايال تېلۋېزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى.ئېرى:
_خوتۇن،دادام-ئاناملار ئۆيدىكى رەڭلىك تېلۋېزۇرنى بىزنى كۆرۈڭلار دەپ بېرىۋەتتى،بىزمۇ گەپ قىلماي قاراپ تۇرساق بولماس
ئايالى
_شۇنداق ،قاراپ تۇرساق بولماس ،بىزمۇ باللىرمىزنى ئۇلارنىڭ قارىشىغا ئاپرىپ بېرەيلى...

بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگنىۋاتىمەن
ئىككى ئاغىنە ئۇچرشىپ قاپتۇ.بىرى
_ئاداش ئائىلەڭ قانداقراق؟_دەپ سوراپتۇ.يەنە بىرى:
_سورىمايلا قوي ئاداش ،قىزىم رويال چېلىشنى ئۆگنىۋاتىدۇ،ئوغلۇم دۇمباق چېېلىشنى ئۆگنىۋاتىدۇ،ئايالىم ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگنىۋاتىدۇ
_ئۆيۈڭلار قىززىپ كېتىپتىغۇ ئەمسە،سەن نېمە ئۆگنىۋاتسەن؟
_ۋاي ئاداش ،مەنچۇ بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگنىۋاتىمەن


مەن يەسلىگە دەرسكە كىرىمەن، بەش ياشلىق بۇ ئوماق بالىلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ سۆزلىرى مېنىڭ ھارغىنلىقىمنى تۈگىتىدۇ، سىلەرگىمۇ خۇشاللىقىمدىن ئالغاچ كەلدىم، دىمىسىمۇ ئۇيغۇر باللىرى يۇمۇر ھە



تۇنجى قېتىم مەكتەپكە مۇئەللىم بولۇپ كىرسەم يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن بالىلارغا مەسئۇل قىلىپ قويدى، دەم ئېلىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىسىلەر دەپ قويۇۋىتىپتىمەن، دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا ئەللىك نەچچە بالامدىن ئاران ئون نەچچىسى قايتىپ كىرىپتۇ، ساقلىسام كىرمىدى، ۋاي بۇ بالىلار نەگە كەتكەندۇ ؟ دەپ ئەنسىرەپ سىرتقا چىقسام،بىر خىلدا مەكتەپتىكى تىرەك-سۆگەتلەرنىڭ سايىسىدا ئاغچايلام( مىھماندارچىلىق )ئويناپ كېتىپتۇ ،"سىنىپقا كىرىڭلار،ئارام ۋاقتى توشتى" دىسەم، " مۇئەللىم ،توختاپ تۇرۇڭ، تاماق پىشمىغان تېخى"دەيدۇ
ئالداپ يۈرۈپ سىنىپقا ئەكىردىم، دەم ئېلىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا سىرتقا چىققىلى قويمىدىم، يەنە بالا ئىزدەيدىغان ئەخمەق بولمىسام مەن ھە...ھې ھې ھې.....بۇ خوشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى، بۇ لايقونچاقلار شەرت قويدى.." تالاغا چىققىلى قويمىسىڭىز ئەتە مەكتەپكە كەلمەيمىز" ...ئاران تەستە يالۋۇرۇپ ،يىغىسىنى توختىتىپ ئەكەلگەن بالىلار تۇرسا بۇ...خەپ


بالىلارغا خەنزۇچە ئۆگەتمەكچى بولدۇم،
__ ماۋۇ بەك ئاسان خەت ، ئاغزى دىگەن گەپ، كوۋ دەپ ئوقۇيمىز، يېزىپ بېقىڭلارچۇ ؟
__ مۇئەللىم ،ئۇ خەتنىڭ چىشى يوقكەنغۇ؟ چىشىنى يېزىپ بېرىڭ،،،،
سىلەرچە مېنىڭ قولۇمدىن كېلەما ؟؟؟

مەۋلان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ قېشىنىڭ ئۈستىگە يارا چىقىپ قاپتۇ ، ئۇنى كۆرۈپ سورىدىم
___ مەۋلان، ئاۋۇ يەرگە نىمە بولدى؟
يېنىدىكى ئوماق شەۋكەت شۇھامان : " مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئوق تەگكەن" دېۋىدى. يېنىدا تۇرغان ئېھسان " دۈشمەنلەر ئېتىۋەتكەن ئۇنى " دەيدۇ
شۇنچە تىرىشساقمۇ مۇنبەردە ئۇلاردەك تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلار يوق .ئىشىنەمسىز؟

2-يىللىققا خەنزۇتىلى بېرىشكە باشلىدىم، بۇ سىنىپتا رۈي رۈي ئىسىملىك بىر خەنزۇ قىزچاق ئوقۇيتتى،ئۇيغۇرچىسى خەنزۇچىسىدىن ياخشى، باشقىلار ئۇيغۇر瓦.دەپ ،بۇ خەتنى چۈشەندۈردۈم، ۋا پىيەن بولسا كاھىش دىگەن گەپ بولىدۇ، يەنە قانداق سۆز ياسىغىلى بولىدۇ؟ كىم دەپ باقىدۇ دىسەم، پەقەت شۇ رۈيرۈي قول كۆتۈرۈپتۇ
__ ھە،رۈي رۈي، سەن دىگىنە
__ كاۋا
__ كاۋا؟ نىمە گەپ بۇ ؟ خەنزۇچىدا بۇنداق گەپ يوقتۇ؟
__ ۋىيەي مۇئەللىم، يەيدىغان كاۋىچۇ؟
__ كاۋىنى نەن گۇا دەيمىز، قوشتىلدا ئوقۇپ سەنمۇ ئۇماچ بوپ كېتىپسەنغۇ ؟
ھازىرمۇ رۈي رۈي نىڭ "خۇدايىم توۋۋا، يۈزمىڭ توۋۋا، ھەي قاباقباش،مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟ " دىگەن ئۇيغۇرچە گەپلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن


بالىلارغا ئويۇنچۇقلىرىنى تۆكۈپ بېرىپ ،ئۇلارنى كۈزىتىشكە باشلىدىم
___ ئابدۇسالام، كەچتە سېنى دادام ئەكەتسۇنمۇ ؟
ئابدۇسالام ئادىشىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەي ئۇيۇنچۇق تاپانچىدا ئۇنى ئېتىشقا باشلىدى
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ئابدۇسالام، كەچتە سېنى مېنىڭ دادام ئەكەتسۇنمۇ؟
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، كەچتە سېنى دادام ئەكەتسۇنمۇ؟
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ئاتمىغىنا ۋاي،ئېتىۋىرەمسەن؟؟
ھا ھا ھا.....ئابدۇسالامنىڭ ئادىشىنىڭ قانچىلىك جېلە بوپ كەتكىنى بىلمەيسىلەر ...ھا ھا ھا ھا


بىر كۈنى مەكتەپتە ئېگىز باشنىلىق ئايىغىمنى كېيىپ كەلدىم. ئالدىنقى ئىككى سائەتتە باغچا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىللىرىم ئايىغىمنى كۆرگەن ئوخشايدۇ. 3-سائەتتە كىچىك بالىلارنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى جىق، پاكار پاشنىلىق ئاياغ كېيەي دەپ خىزمەتدىشىم بىلەن ئاياغ ئالماشتۇرۇپ دەرسكە كىردىم.دەرس ئارلىقىدا ئېرپان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇم يېنىمغا كېلىپ دېدى
____ مۇئەللىم،سىزنىڭ ئايىغىڭىز ئۆزگىرەلەمدۇ؟
____ ياق بالام ،ھېچكىمنىڭ ئايىغى ئۆزگىرەلمەيدۇ،
____ياق،ئالداۋاتىسىز، سىز ئەتىگەندە ئېگىز پاشنىسى بار ئاياغ كېيىۋالغان

ھا ھا ھا...كۈندە سەرخىل يۇمۇرلار ،قىزىقارلىق گەپ سۆزلەر، بۇگۈن "چىن تۆمۈرباتۇر "نى ئېيتىپ بەرسەم ،ئەتىسى " تۆمۈرچى باتۇر" نى ئاڭلىغۇمىز بار دەيدۇ.

يەنە جىققىدە بار ئىدى،دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن، سەبىيلىرىمىزنىڭ كۈلكىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ، بالىلارسىز ۋەتەن بولامدۇ؟ يەنە داۋاملىق يوللايمەن، كۈتۈپ تۇرۇڭلار ھە
بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئىشىكى ئالدىغا : ; مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يېگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى كېيىنكى ئەۋلادى

تاپشۇرسا بولىدۇ ; دېگەن ئېلان چاپلاپ قويۇلۇپتۇ .
بىر خېرىدار ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن ،خوشاللىغىدىن قىن -قىنىغا پاتماي قاپتۇ -دە ،ئاشخانىغا كىرىپ ،تازا ياخشى سەي -تائام ۋە قىممەت باھالىق ھاراقلارنى ئەكەلدۈرۈپتۇ .ئۇ قۇرسىغىنى تويغۇزۇپ بولۇپ
قوپاي دەپ تۇرىشىغا ،كۈتكۈچى ئۇنىڭ ئالدىغا ھېساپلاشقىلى كەپتۇ .ھېلىقى خېرىدار ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىدىكى

ئېلاننى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ :
_ ئېلانغا پۇلنى كېيىنكى ئەۋلادى كېلىپ تاپشۇرسا بولىدۇ ،دەپ ئېنىق يېزىقلىق تۇرمامدۇ ؟_دەپتۇ .
_ئېتقىنىڭىز توغرا ئەپەندىم ،سىز تۆلىمەكچى بولغان ھەممە پۇلنى بوۋىڭىز سىزنىڭ تاپشۇرىشىڭىزغا
قالدۇرۇپ كەتكەن ،_دەپتۇ كۈتكۈچى .

************

قۇلىقى ئېغىر بىر موماي يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ غودۇراپتۇ :
_كىم ؟ئىشىكنى چېكىۋەرمەي كىرسىڭىزچۇ !

*************

كۈتكۈچى : ئەپەندىم ،ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلەشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز .
خېرىدار : نېمە ؟ھاراقنى ھەممىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىچمىسەم نېمىشقا ئىچەتتىم .

*********

ئا : يەلپۈگىچىڭىز شۇنچە يىل ئىشلەتسىڭىزمۇ يېپ -يېڭى تۇرۇپتۇ .
ب : ئاياپ ئىشلىتىمەن .شامالدىماقچى بولسام ،يەلپۈگۈچنى ئەمەس ،بېشىمنى لىڭشىتىمەن .

*********

سايىت قاۋاقخانىغا پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ،قۇلى بىلەن مېڭىپ كىرىپ :
_ماڭا بىر بوتۇلكا گۇچىڭ ھارىقى كەلتۈرۈڭ ،_ دەپتۇ .
_قولىڭىز بىلەن مېڭىپ يۈرگىنىڭىز نېمىش ئەمدى بۇ ؟_دەپ سوراپتۇ كۈتكۈچى ھەيران بولۇپ .
_مەن خوتۇنۇمغا قاۋاقخانىغا ھەرگىزئاياغ باسمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم ،_دەپتۇ سايىت .

*********

مامۇتنىڭ ئايالى تۇرمىغا مامۇتنى يوقلاپ بېرىپتۇ ۋە مامۇتتىن سوراپتۇ :
_ دادىسى ،قانداقراق تۇرىۋاتىسىز ،؟
_ھېچ قانداق يەرگە بارغىلى قويمايدۇ ،تاماقنىمۇ تېجەپرەك بېرىدۇ ،پۇل خەجلىگىلى قويمايدۇ .
خۇددى ئۆيدە تۇرغاندەك ياشاۋاتىمەن .

*********
دادىسى :ئوغلۇم ،قېنى دەپ باقە ،بايقاش بىلەن كەشىپ قىلىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
ئوغلى : دادا ،بۇ بەكلا ئاددىي ،سەن ئاپامنى بايقىغان ،كېيىن مېنى كەشىپ قىلغان .

********

قوشنىسى : _ ئوغلىڭىز تارىخ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەپتۇ _ھە ؟
بارات : _سىزمۇ ئاڭلاپسىز _ھە ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىقكەن ،ئوغلۇمدىن ئۇ تۇغۇلۇشتىن
ئىلگىرىكى ئىشلارنى سورىغىنى نېمىشى ؟

************

بىمار : دوختۇر ،ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم بەكلام ئاجىزلاپ كېتىپ بارىدۇ .
دوختۇر :قايسى دەرىجىدە ؟
بىمار : _ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىر گەندە پۇل تۆلەشنى ،ئاپتۇۋۇزغا چىققاندا ساندۇققا
پۇل تاشلاشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .
دوختۇر : كېسىلىڭىزگە دىياگنوز قويۇشتىن .ئاۋۋال داۋالاش ھەققىنى تۆلىۋېتىڭ .

***********


تۇغۇت بۆلۈمىدە يەڭگىش ئالدىدا تۇرغان ئايالى ئېرىگە :
_مىنى كەچۈرۈڭ ،مەن قاپىقىمغا قات چىقارغان ،بۇرنۇمنى ئېگىزلەتكەن ،ئېڭىكىمنى ئوڭشاتقان .
شوڭا بالىمىز ماڭا ئوخشىماي قالسا ،ھەرگىز ھەيران قالماڭ ،_دەپتۇ .
ئېرى ئايالىغا تەسەللىي بېرىپتۇ :
_كېرەك يوق ،مەنمۇ ساڭا راست گەپنى قىلاي ،مىنىڭ ئوڭ كۆزۈم يالغان كۆز ،چىشلىرىمنىڭ
تولىسى يالغان .

************


بىر بېخىل ئاغىينىسىگە پۇل توغرۇلۇق قاخشاپتۇ :
_ئۆتكەن ھەپتە ئايالىمنىڭ كۆزىگە قۇم كىرىپ كېتىپ ،قاراپ تۇرۇپ 300يىۈۋەن چىقىم قىلدىم .
_ئالدىنقى ھەپتە ئايالىمنىڭ كۈزىگە نوركا پەلتو كىرىپ كىتىپتىكەن ،مەنمۇ 4000يۈۋەن
چىقىمدار بولدۇم .
بىر بالا دايىم دانىخورەكنى سىقىدىكەن .ئانىسى ئۇنىڭغا كايىپتۇ :
_سىقما ،سىقىۋەرسەڭ داغ بولۇپ قالىدۇ .
كەچتە بۇ بالا ئايغا قاراپ ئۇھ تارتىپتۇ :
_ئاي بىچارىمۇ دانىخورەكنى سىقىپتىكەن_دە !

***********

دادىسى بازاردىن سېتىۋالغان بىر ئويۇنچۇقنى ئۈيىگە ئەكىلىپتۇ_دە ،بەش بالىسىنى
چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
_كىم ئانىسىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدۇ،ئانىسى بىلەن تاكاللاشمايدۇ ،ئانىسى تاپشۇرغان ئىشنى
ياخشى قىلىدۇ ؟شۇ بالا بۇ ئويۇنچۇقنى ئوينىيالايدۇ .بەش بالا بىردەم جىم-جىتلىققا چۆككەندىن
كېيىن ھەممىسى تەڭلا بىر ئېغىزدىن :
_دادا بۇ ئويۇنچۇقنى سىز ئوينىسىڭىز بولغۇدەك ،_دەپتۇ .

*********

ئىككى بالا باققۇچى ئۆز خوجايىنلىرى توغرىسىدا مۇڭدىشىپ قاپتۇ .
بالا باققۇچى ئا : _مەن تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى خانىم بەك ياخشى، مۇئامىلىسىمۇ ئوبدان ،بىراق
ئەپەندىم بەك ئەسكى.
بالا باققۇچى ب : ئۇ قانداق ئەسكى ؟
بالا باققۇچى ئا : دائىم ئاچچىقلايدۇ ،ھە دىسىلا مىنى تىللايدۇ .
بالا باققۇچى ب: ئۇنداقتا، سەن قىينىلىپ قاپسەن _دە !
بالا باققۇچى ئا : مەنمۇ بوش كەلمەيمەن ،ئۇنىڭغا شورپا ئەكىرىدىغان چاغدا
قاچىسىغا تۈكۈرۈپ قويىمەن ،يەنە تېخى يۈز لۇڭگىسىگە شىلىم سۈرۈپ قويىمەن .

*********

ئاتا -بالا مال بازىرىغا بېرىپتۇ .
بالا : دادا ،چوڭلار نىمىشقا قوينىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ،قۇيرىقىنى تۇتۇپ باقىدۇ ؟
ئاتا : ئۇلار سېتىۋالىدىغان قوينىڭ سىمىز -ئۇرۇقلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ .
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بالا ھاسىراپ -ھۆمىدىگىنىچە دادىسىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپتۇ-دە _
_چاتاق بولدى ،دادا ،پوچتالىيون ئاكاش ئاچامنى سېتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ ،ئۇ ئاچامنىڭ
ئۇرۇق -سىمىز لىكىنى بىلىپ بېقىۋاتىدۇ .

***********

بىر ھورۇن قىز زادىلا يۇيۇنمايدىكەن ،كىيىملىرىنىمۇ يۆتكىمەيدىكەن ،بىر كۈنى ئاپىسى مىھمان
چاقىرىپتۇ ۋە قىزىغا :
_قىزىم ،يۈز -كۆزلىرىڭنى پاكىزراق يۇغىن ،كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇر ،_دەپتۇ .قىزى :
_ئاپا ،مىھمانلار كەلمەي قالسا مىنىڭ يۇيۇنۇپ ،كىيىنىشلىرىم بىكارغا كەتمەمدۇ ؟_دەپتۇ .

************

دوختۇر : _ساڭا ئالدىنقى قېتىم يېزىپ بەرگەن دورا قانداقراقكەن ،پايدىسى بولدىمۇ ؟
ئاغرىق : _بەك ياخشى ئىكەن ،تاغام مىنىڭ شۇ دورامنى خاتا ئىچىۋېلىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا
ئۆلۈپ كەتتى .ھازىر مەن ئۇنىڭ مال -دۇنياسىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدىم .

***********

تالىپ : ئايالىڭىز قانداق چاغدا ئاز سۆزلەيدۇ ؟
ئۆمەر : 2-ئايدا .
تالىپ : نېمىشقا ؟
ئۆمەر : 2- ئاي 28 كۈنلۈك ئەمەسمۇ .

***********

ئا : دوختۇرنىڭ دېشىچە ،ئۇرۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سۇ ئۈزۈش ئىكەن .
ب: بۇ گەپكە تازا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ،كۈن بۇيى سۇدا ياشايدىغان كىتلارنىڭ
بىرسىمۇ ئۇرۇق ئەمەسقۇ ؟!

***********

مەلۇم شېركەتنىڭ لىدىرى ياش خىزمەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا :
_توي قىلمىغان قىزلىرىم بار ،ئۇلارنى ياتلىق قىلغاندا بىر ئۆلۈشتىن تويلۇق سوۋغا بىرىمەن .
30 ياشلىق قىزىمغا 10 مىڭ يىۆەن ،35 ياشلىق قىزىمغا 50 مىڭ يىۈەن ،40 ياشلىق قىزىمغا
100 مىڭ يىۈەن ،بېرىمەن .ئۇلار بىلەن توي قىلغان يىگىت ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ ،_دەپتۇ .
بۇ چاغدا بىر خىزمەتچى ئورنىدىن تۇرۇپ :
_لىدىر ،50 ياشلىق قىزىڭىز بارمۇ ؟_دەپ سوراپتۇ .

***********

زىراپە مايمۇنغا ياتلىق بوبتۇ . بىر يىلدىن كىيىن زىراپە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ مايمۇنغا :
_ئېگىز -پەس سەكرەپ يۈرۈشۈڭنى ئەمدى كۆرگۈم يوق ! _دەپتۇ .مايمۇنمۇ كۆڭلىدىكىنى
دەپتۇ :
_ئاجراشساق ئاجىرىشايلى ،سۆيۈشۈش ئۈچۈن دەرەخكە چىقىۋىرىپ ئەمدى ھاردىم ،_دەپتۇ .

**********

بىر كۈنى بىر دېھقان ئېشىكىنى يېتىلەپ شەھەرگە كىرىپتۇ ،بىرۆيلەن دېھقاننى ئەخمەق قىلىش
ئۈچۈن :
_تاماق يىدىلىمۇ ؟_دەپ سوراپتۇ . دېھقان :
_ يىدىم ،_دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
_ سىلىدىن سورىمىدىم ،ئېشەكتىن سوراۋاتىمەن ،_دەپتۇ ھېلىقى .ئادەم .
دېھقان ئېشىكىنى قامچىلاپ :
_شەھەردە تۇققىنىڭ بارلىقىنى نىمىشقا ماڭا دىمىدىڭ ؟_دەپتۇ .

***********
يىگىت : سىز مىنىڭ قوياشىم ،يۇلتۇزۇم ...........
قىز : ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتامسىز ياكى ئاستورونومىيەدىن دەرس بىرىۋاتامسىز ؟
************
ئوغلى : ئاپا ،كۇپتىكى سۈتنىڭ ئىچىدە چاشقان تۇرىدۇ .
ئاپىسى : ئېلىپ تاشلىۋەتكەنسەن ؟
ئوغلى : ياق ،مۈشۈكنى سېلىپ قويدۇم .

***************

ئا : ئايالىم تىكتۈرۈپ بەرگەن ئوغرىدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيىۋالغاندىن بېرى ،
پۇلۇم يېتمەيدىغان بولدى .
ب: نۇسخىسىنى ماڭا دەپ بەرگىن ،مەنمۇ شۇنداق كىيىم تىكتۈرۈپ كېيەي .
ئا : پاسونى ئادەتتىكى كىيىم بىلەن ئوخشاش ،بىرلا يېرى يانچۇقى يوق .
يۇمۇرلار
1. پور سېمىز:قانداق قىلسا ئۈنۈملۈك ئۇرۇقلىغىلى بولىدۇ
دوختۇر:باش چايقىسا.
پور سېمىز:قانداق چاغدا
دوختۇر:باشقىلار تاماققا زورلىغاندا.

2.ماگزىندا ئادەم كۆپ ئىكەن، بىر ئەر بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-ئىككىمىز بىر ئاز پاراڭلىشايلى،
-نىمە دېمەكچىتىڭىز
-نېمىلا دېسەم بولىۋېرىدۇ، خوتۇنۇم يوقاپ كەتتى.بىراق مەن قىزلار بىلەن پاراڭلاشسام ئۇ ھازىرلا پەيدا بولاتتى.
3.
-بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، ماڭا قانداق سوۋغات ئالدىڭىز -دەپ سورىدى خوتۇنى.
-ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك پىكاپنى كۆردىڭىزمۇ
-كۆردۈم !-دېدى خوتۇنى خۇشاللىقىدا.
-مەن سىزگە ئاتاپ ئوخشاش رەڭدىكى چىش چوتكىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.

4.قىز:بىز ئايرىلىپ كېتەيلى.
يىگىت:نېمىىشقا
قىز:ئىمتاھان بىرىپ بولدۇق ،ئەمدى سىزنىڭ كۈتۈپخانىدا ئورۇن تالىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
يىگىت:ئەمما مەندە ئىككى دانە پويىز بېلىتى بار ئىدى.
قىز:ئەسكى ،ئەسلىدە ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويغان.

5.بىر ئايال ئۆز نەۋرىسىنى《دىپلوم》دەپ چاقىراتتى.
بىرەيلەن ئەجەپلىنىپ سورىدى
-نەۋرىڭىزنى نېمىشقا 《دىپلوم》دەپ ئاتايسىز
-قىزىمنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتسەم ،ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ،مۇشۇ نەۋرەمنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ ئەمەسمۇ.

6.بىر ئايال مېھمان چاقىرىپتۇ.مېھمانلار كەلگەندە ئايال قىزىغا مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغان بىر نەچچە سۆزقىلىشنى
بۇيرۇپتۇ.بىراق ،قىزى نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، مېھمانلاردىن بىرى ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ:
-جىددىلەشمەڭ ،ئاپىڭىز ئادەتتە نېمە دېگەن بولسا،سىزمۇ شۇنداق دېسىڭىزلا بولىدۇ،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىز مۇنداق دەپتۇ:
-خۇدايىم،نېمىدەپمۇ مېھمان چاقىرغان بولغىيتتىم،بۇ ئايلىق مائاشىم تۈگەيدىغان بولدى-دە.

7.ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ:
-سىز قايسى كۈنى تۇغۇلغان
-3-ئاينىڭ10-كۈنى.
-قايسى يىلى
ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

12

تېما

310

يازما

419

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىم

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1833
ئاقچا
1
QQ
تورچى  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-21 13:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىق جۇمۇ!!!!!!
ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

1

تېما

180

يازما

368

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1177
ئاقچا
0
QQ
ئاخىرلاشتۇرغۇچى ۋاقتى: 2013-11-21 13:46:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اھا ھا ھا بەك قىزىقارلىقكەن

0

تېما

363

يازما

70

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
639
ئاقچا
0
QQ
0998dulan ۋاقتى: 2013-11-21 14:05:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  قانداقمۇ  يىزىپ  بولغانسىز  بۇ  يۇمۇرلانى来自: Android客户端
ئۆتمە  نامەرت كۆۋركىدىن سۇ سىنى ئاقتۇرسىمۇ  يىمە نامەر

5

تېما

187

يازما

502

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1565
ئاقچا
1
wirus007 ۋاقتى: 2013-11-21 14:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكىلىككەن . تازا كۈلۈپتىمەن رەخمەت

0

تېما

245

يازما

50

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
540
ئاقچا
0
2513030390 ۋاقتى: 2013-11-21 14:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇمۇر دىگەننى تۈكۈۋېتىپسىز جۇما

0

تېما

112

يازما

200

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
951
ئاقچا
0
uqkun888 ۋاقتى: 2013-11-21 14:19:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىقكەن،داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ:

0

تېما

245

يازما

50

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
540
ئاقچا
0
2513030390 ۋاقتى: 2013-11-21 14:21:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ تورىدا مۇنداقمۇ يۇمۇرلار ئاڭلىغىلى بولىدىكەن ،ھە.....

12

تېما

717

يازما

356

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2426
ئاقچا
1
tograk520 ۋاقتى: 2013-11-21 14:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى ما بىزنىڭ كەنتنىڭ سېكىرتارى ئۆيىگە كىرىپلا، ماتىريال مىخلايدىغان دىڭ شۇجىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئېسىگە كىلىپ كەينىگە يېنىپ مېڭىپتۇ، ئايالى قۇپۇپ ۋاي نەگە ماڭدىڭىز ئۆيگە كىرىپلا يېنىپ مېڭىپسىزغۇ دىسە،  سېكىرتار دېڭ شۇجىنى ئەكىلەي دەپ چىقىپ كىتىپتۇ، ئايالى بۇ دېڭ شۇجىنى ئاران بىر كەلگەندە قۇرۇق ياندۇرساق سەت تۇرىدۇ، خورازنى ئۆلتۈرۈپ ئوخشۇتۇپ لەغمەن ئېتەي دەپ، بالىسىغا مىڭ بىر جاپادا خورازنى تۇتقۇزۇپ ئۆلتۈرۈپ لەغمەن ئېتىپتۇ، بىر كەمدىن كىيىن سېكىرتار يالغۇز كىرىۋاتقىدەك، ۋۇي.. دېڭ شۇجىنى ئەكىلىمەن دەۋاتىتڭىز يالغۇز كەپسىزغۇ دىسە، سېكىرتار مانا دېڭ شۇجى دەپ قۇلىدىكى دېڭ شۇجنى كۆرسىتىپتۇ.
تىل-يېزىقىمىزنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى!

0

تېما

245

يازما

50

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
540
ئاقچا
0
2513030390 ۋاقتى: 2013-11-21 14:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرنىمۇ ئۇقۇپ تۇرايلى ،ياخشى ئەپلەر بولسا داۋاملىق ھەمبەھىرلىنەيلى

0

تېما

86

يازما

609

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2013
ئاقچا
1
QQ
xamal810 ۋاقتى: 2013-11-21 14:34:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت قىزىق كەن   رەخمەت سىزگە

0

تېما

112

يازما

194

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
862
ئاقچا
0
.SIRDAX. ۋاقتى: 2013-11-21 14:48:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا!!!ۋەھشەتكەنغۇ!

0

تېما

164

يازما

140

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
493
ئاقچا
0
alamat02 ۋاقتى: 2013-11-21 14:51:56 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا قىزقكەن.来自: Android客户端

2

تېما

1252

يازما

750

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4109
ئاقچا
0
alipalim ۋاقتى: 2013-11-21 14:54:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ھارمىغايسىز来自: Android客户端
ھەركەتتە بەركەت

1

تېما

406

يازما

579

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3133
ئاقچا
0
QQ
royharry ۋاقتى: 2013-11-21 15:56:40 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىقكەن،باشقىلارمۇ ئاخىرىنى ئۇلايلى!
گۇڭ كۈتىرەمتىبىر كۈنى بىرەيلەن ئۈيىدە ئولتۇرسا بىرسى ئىشىكنى چىكىپتىكەن بارسا تىلەمچىكەندە يېنىنى ئاختۇرۇپ 2موچەن پارچە پۇل باركەن شۇنى تەڭلىسە دىۋانە پۇلنى تاشلىۋىتىپتۇ.ئۇئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىپ:نىمانداق بىر نىمە سەن،قېيداشلىرىنى دەپتۇ.دىۋانە تۇرۇپ كىتىپ:ھەي مەن بۇ يەرگە 5يۈەنگە تاكسى تۇسۇپ كەلسەم 20پۇڭ بەرسەڭ گۇڭ كۈتىرەمتى دىگۈدەك.شەھەرلىكلەر بەك ئىسراپخوركەنبىر ئادەم ئەخلەت ئېلىپ چىقىپ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلايمەن دەپ ئۈزىمۇ چۈشۈپ كىتىپ چىقالماپتۇ.بىر ئەخلەت تىرىدىغان مۇماي كىلىپ چىقىرىۋېلىپ ھەيران قاپتۇ ۋە:شەھەرلىكلەر ھەقىقەتەن ئىسراپخوركەن،بىر ئوبدان ئەمگەك كۈچىنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋەتكىنىنى دەپتۇ.رىكورتنى بۇزۇشبىر بالا مەكتەپتىن ناھايىتى خۇشال كىلىپ مۇمىسىغا:مۇما،مۇما بۈگۈن مەكتىپىمىزدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولغانىدى مەن ئىككى تۈردە رىكورتنى بۇزۇپ تاشلىدىم دەپتۇ.رىكورت،تەنھەرىكەت دىگەنلەردىن ئەسلا خەۋىرى يوق مۇماي نەۋرىسىگە كايىپتۇ:ھەي كەپسىز،پۇلنىڭ يۇقىدا ئۇ رىكورتنى قانداق تۈلەيمىز؟تاشنى باغلاپ قۇيۇشبىر فوتوگراف بىر يۇرتنىڭ مەنزىرسىنى سۈرەتكە تارتقىلى بېرىپتۇ.ئۇ بىر مەنزىرىنى تارتاي دەپ تۇرسا بىر ئىت ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەپتۇ.ئۇ قورقۇپ كىتىپ يەردىكى تاشنى ئېلىپ ئىتقا ئاتماقچى بوپتۇ ئەمما بەك قورقۇپ كەتكەچكە ھۇدۇقۇپ تاشنى ئالالماپتۇ دە جىلى بۇلۇپ:قانداق نىجىس جاي بۇ،ئىتنى قۇيۇۋىتىپ،تاشنى باغلاپ قۇيىدىغان دەپتۇ.ئىئانەيېزىلىق ھۈكۈمەت بىر ئېتىزنىڭ ئورنىغا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياسېتىشنى پىلانلاپ ئىئانە توپلىماقچى بوپتۇ.يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ خادىملىرى بىر دىھقاننىڭ ئۈيىگە كىرىپ سۇراپتۇ:سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قۇرۇلۇشىغا نىمە ئىئانە قىلماقچى بۇلىۋاتىسىز؟دەپ سۇراپتۇ.دىھقان ئويلانمايلا:ئىككى چىلەك سۇ دىگۈدەك.بېلىق تۇتۇشبىر ياش دادا 10ياشلىق ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر قولۋاقنى ئىجارىگە ئېلىپ بېلىق تۇتقىلى بېرىپتۇ ۋە نۇرغۇن بېلىقلارنىكۈرۈپتۇ دادا ئوغلىغا:بۈگۈن بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قۇيۇپ ئەتە كىلەيلى دەپتۇ.بالىسى:ماقۇل،ئەمىسە مەن بەلگە سېلىپ قۇياي دەپتۇ دە بەلگە سېلىپ قولۋاقنى ھەيدەپ كىتىپتۇ.يولدا كىتىۋېتىپ دادا ئوغلىدىن سۇراپتۇ:ئېيتە بالام،بايا قەيەرنى بەلگە قىلىۋالدىڭ؟دەپتۇ.ئوغلى:مەن قولۋاقنىڭ سىرتىغا بەلگە سېلىپ قويدۇم دەپتۇ.دادىسى ئاچچىقلاپ:ھەي كالۋا ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارە ئېلىپ بولغۇچە باشقىلار ئېلىپ كەتسە قانداق قىلىمىز دىگۈدەك.ئالاھىدە ئۇسۇلبىر بالا دادىسىغا دەپتۇ:دادا مەن ھازىر بار نەرسىنى يوق قىلالايدىغان بىر ئالاھىدە ئۇسۇلنى بىلىۋالدىم دەپتۇ.دادىسى ھەيران بۇلۇپ:قانداق ئۇسۇل ئۇ؟ماڭا كۆرسىتىپ قۇيە دەپتۇ.بالا:سەن ھازىر ماڭا10يۈەن بەرسەڭ مەن 5مىنۇتقا قالماي يوق قىلىۋىتەلەيمەن دەپتۇ.ئادىرىسئانا ئوغلىغا دەپتۇ:ئاكاڭغا خەت يېزىپ ئەھۋالنى سۇراپ باققىن.ئوغلى:بىراق ئاكامنىڭ ئادىرىسىنى بىلمىسەم.ئانىسى:ھەي دۆت،يازغان خېتىڭدە سۇراپ باقمامسەن دىگۈدەك.سۇنىڭ پۇلىنى ئالمىدىمبىر ئايال سۈت دۇكىنىنىڭ خۇجايىنىغا دەپتۇ:خۇجايىن سۈتكە سۇ ئارلاشتۇرۋىتىپسىزغۇ؟بۇنىمە ئۈچۈن؟خۇجايىن:چالۋاقىماڭ،مەن سۈتكە سۇ قوشقىنىم بىلەن سىزدىن تېخى سۇنىڭ پۇلىنى ئالمىغانغا خۇش بۇلۇڭ.دەپتۇ.لويلىنىڭ پۇلىھىسامكام چوڭ باققاللاردىن توپ مىۋە ئېلىپ پارچە ساتىدىكەندە،بىر باققال دائىم ھىسامكامنى قۇيىۋىتىپ مىۋىلەرنىڭ ئارىسىغا لويلىنى قۇشۇپ سېتىۋىتىدىكەن.بىر كۈنى ھىسامكام ئۇ باققالدىن ئالما ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭمۇ ئارىسدا لويلىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قاپتۇ دە پۇلنىڭ ئارىسىغا نۇرغۇن قەغەزنى قىستۇرۇپ بىرىپتۇ.باققال پۇلنى ساناۋېتىپ راست پۇلنى قۇلىغا ئېلىپ:ماۋۇغۇ ئالمىنىڭ پۇلى دەپتۇ ۋە ھېلىقى قەغەزنى ئېلىپ:ماۋۇ.....ھىسامكام دەررۇ جاۋاپ بىرىپتۇ:ئۇ لويلىنىڭ پۇلى،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش