ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1780|ئىنكاس: 36
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاتالمىش «چەكسىز تور دېسكىلىرى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

12

تېما

647

يازما

977

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3952
ئاقچا
5
QQ
تورغا چىقىدىغانلاردىن تور دېسكىسى ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئاز بولىشى مۇمكىن. بىر چاغلاردا تور دېسكا دېگەنمۇ ئەتىۋار نەرسە ئىدى، 5G بوشلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىمىغانلىرىمىز قالمايتتى. مۇشۇ بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشى نەتىجىسىدە، يېقىندىن بىرى تور دېسىكىسى دېگەن كونا تاغاردەك تۆكمە بوپ كەتتى. بۇ خىل ھادىسە بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمىدى ، ئەلۋەتتە. 1TB 2 TB بولغان بۇنچە چوڭ سىغىملىق ھەقسىز بوشلۇقلار نەدىن كېلىدۇ؟ زادى قانداق بىر غايەت زور مۇلازېمىتىر چەكسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، نامراتلىقىمىزدىن ھەقسىز نەرسىلەرگە ئوبدانلا كۆنۈپ كەتكەن بىزلەر ئۈچۈن، ئاشۇ چەكسىز تور بوشلۇقلىرى پەقەتلا بىزلەرنى جەلىپ قىلغۇچى يالتىراق خالتا بولىشى مۇمكىن.
مودا بولىۋاتقان چەكسىز تور دېسكا بوشلۇقلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى مۇنداق ئىدى:
تۆۋەندە سىزنى تور دېسكا بوشلۇقى تەمىنلىگۈچى تەرەپ، مېنى ۋە بىزنى ئابونت دەپ مىسال ئالىمىز!
سىزدە ھەربىر ئابۇنتقا 1G بوشلۇق تەمىنلىيەلەيدىغان، 1000G لىق بىر مۇلازېمىتىر بولسا، ئۇنداقتا بۇنى قانچە ئابونتقا تەقسىملىشىڭىز مومكىن؟ ئېنىقكى " 1000G/1G=1000 يەنى 1000 ئادەمگىلا تەقسىملەيمەن" دەپ جاۋاب بېرىسىز. ئەمما ئويلاپ باقساق، بۇنداق تەقسىملەنگەندە ھەربىر ئابونتنىڭ 1G بوشلۇقنى تولۇق ئىشلىتىشى ناتايىن. بەزىلەر پەقەت تىزىملىتىپ قويۇپ ئىشلەتمەيدۇ، بەزىلەر ئازراقلا نەرسە يوللاپ تاشلاپ قويىدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ...ئۇنداقتا بىز ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن ھەربىر ئابونت 50M بوشلۇق ئىشلىتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇنداقتا سىز 1000 ئابونتقا تەقسىملەپ بەرگەن 1000G بوشلۇقتىن ئاران 1000*50M=50G ئىشلىتىلگەن بولىدۇ، دېمەك 950G بوشلۇق بىكار تۇرغان، يەنى مۇلازىمىتىرىڭىز ئاساسەن بىكارغا ئىسراپ بولغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشىڭىز كېرەك؟
سىز ئاۋۋال تەقسىملەش ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، 1000G بوشلۇقنى 20000 ئابونىتقا قورقماي بۆلۈپ بېرىڭ( ئەلۋەتتە ھەربىر ئابونىتقا نامدا بېرىلگەن بوشلۇق يەنىلا 1G بولىدۇ). ئەمدى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىشى 50M بويىچە ھىسابلىسىڭىز، 20000*50M=1000G بولىدۇ، دېمەك مۇلازىمىتىرنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئاشتى. ئەمما لېكىن بىراق، بۇنداق تەقسىملەپ قويغاندىن كىيىن، ئويلىمىغان يەردىن بىرەر ئابونت كۆپرەك ھۆججەت يۈكلەپ سېلىشى ، ھەمدە ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن تور دېسكا بوشلۇقىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقارقىدەك 20000 ئابونتقا بۆلۈپ بەرمەي، 19000 غا بۆلۈپ، قالغىنىنى زاپاسقا ئېلىپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟!. چۈنكى، ئوتتۇرىچە قىممەتتىن ئاشۇرۇپ ھۆججەت يۈكلەيدىغانلار ھامان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئوخشاش مۇلازىمىتىرنىڭ ئۈنۈمنى بىردەمدىلا 19 ھەسسە ئاشۇردىڭىز،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايسىز.يەنە ئويلاپ باقايلى!
ئەگەر سىزدە 1000 دانە مۇلازىمىتىر بولسا، ھەربىر مۇلازىمىتىرنىڭ سىغىمى 1000G بولسا، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بولغاندا ھەربىر مۇلازىمىتىردا 50G سىغىمنى زاپاس قويىشىڭىز كىرەك، ئۇنداقتا بۇ 1000 دانە مۇلازىمىتىرىڭىزدا 1000 *50G=50000G بوشلۇق بىكارلا قالغان بولدى(50دانە مۇلازىمىتىر بىكار قالغان گەپ)، بۇ نەقەدەر زور ئىسراپچىلىق – ھە!؟ بۇنى ھەل قىلماي بولمايدۇ! كىشىلەر ئاللىبۇرۇن توپلاشتۇرۇپ ساقلاش(计存储集群) تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ تېخنكىا ئارقىلىق بىر ئابونتنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئەھۋالغا قاراپ، ئوخشىمىغان مۇلازىمىتىرلارغا بۆلۈپ ساقلاشقا بولىدۇ(يەنى مەن تور دېسىڭىزغا بىر دېتال يوللىغان بولسىام بەزى ھۆججەتلىرى خوتەندىكى مۇلازىمىتىرغا، بەزى ھۆججەتلىرى ئۈرۈمچىدىكى مۇلازىمىتىرغا يۈكلەنگەن بولىشى مومكىن، بۇنى مەن سەزمەيمەن، خالاس). بۇنداق بولغاندا ھەربىر مۇلازىمىتىردا زاپاس بوشلۇق قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ھەتتا كۆپ قىسىم مۇلازىمىتىرنىڭ بوشلۇقىنى 100% ئىشلىتىشكە بولىدۇ(يەنى 10000 ئابونىتقا 1G دىن10000G بوشلۇق بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەسلى 10دانە مۇلازىمىتىر ئاجىرىتىلىشى كىرەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 10000 ئابونىتنىڭ يۈكلىگەن ھۆججەت ئومۇمى سىغىمى 1000G بولغان بولسا، ئاران بىر مۇلازېمىتىر ئىشلىتىلگەن بولىدۇ). مۇشۇ ھالەتتە تاكى ھەربىرىنىڭ سىغىمى 1000G بولغان 1000دانە مۇلازىمىتېرنىڭ ئومۇمى سىغىمى 1000*1000G=1000000G تولۇق ئىشلىتىلىپ بولغۇچە تەمىنلەشكە بولىدۇ، ئەگەر سىغىم توشۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى يىقىنلاپ، زاپاس بوشلۇق رايونىغا كىرىپ قالسا، ئۈنئالغۇغا لېنتا سالغاندەك مۇلازىمىتىرغا دېسكا سەپلىسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇلازېمىتىر بوشلۇقىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمنى يەنە ئاشۇرۇلدى، چەكلىك بوشلۇقنى چەكسىزگە يىقىن ئابونىتلارغا تەقسىلەپ بېرىش تامامەن مۇمكىن بولدى.
ئۇنداقتا ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان باشقا ئامال بارمۇ – يوق؟
بىركۈنى مۇلازىمىتىر ئاسىرىغۇچى خادىمىڭىز توساتتىن بىر ئىشنى بايقاپ قالدى: گەرچە تور دېسكا بوشلۇقىغا تىزىملاتقان ھەربىر ئابونتقا نامدا 1G ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىچە 50M بوشلۇق تەقسىملەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بەزىلەر نەچچە KB نەرسە يوللاپ قويۇپ، بىر نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل يوقاپ كەتتى. بۇنداق بىكار تەلەتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك مۇلازىمىتىرنى بىكار قويۇشقا بولمايدۇ – دە! بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىللىق ئىنژىنىرلىرىڭىز تۆۋەندىكى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى:
" بىر ئابونتنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوخشىمىغان مۇلازىمىتىرغا بۆلۈپ ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق،تارقاق ۋە توپلاشتۇرۇپ ساقلاش تېخنىكىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمامدۇق؟ ئىنتايىن ئاسان، بىز قورقماي ئابونىتلارغا 1G بوشلۇق بەردۇق دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە دەسلىپىدە 0M بوشلۇق تەقسىملەيلى، ئاندىن ئۇلار قانچىلىك نەرسە يوللىغىنىغا قاراپ ئاپتوماتىك بوشلۇق ئاجىرىتىپ بىرەيلى!"
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر دانە 1000G لىق دېسكىڭىز بىلەن تەخمىنەن 1000000 ئابونتنىڭ ئىھتىياجى قاندۇرۇلىدىغان بولدى(دۆلىتىمىزدە 4000000000 ئادەم بار دەپ قاراپ، ھەمىسىى تور دېسىكىىڭىزنى ئىشلەتتى دېسەك، ئۇنداقتا تەخمىنەن 4000000000/1000000=4000 ھەربىرى 1000G بولغان دسكىدىن پەقەت 4000 دانە بولسىلا يىتەرلىك،ئەلۋەتتە 4مىليارد ئادەمنىڭ تور دېسكىڭىزنى ئىشلىتىشى ئاساسەن مومكىن ئەمەس). دېمەك بەيدۇ، 360 تور دېسكىلىرىنىڭ پونى زەڭ سالماي ئېتىپ، بوشلۇق تۆكمە قىلغىنى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس!
ئاتالمىش تور دېسكا مەخپىيەتلىكلىرى موشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟
ياق، ياق... ئېلىخەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يۇقىرىقىلار يىتىپ ئاشىدۇ، ئەمما تور دېسكىسى ئۈچۈن يەنە باش قاتۇرۇشىڭىز كىرەك! چۈنكى، ئېلىخەت مۇلازىمىتىرىدا ئۇچۇرلار ئاساسەن ئوخشىمايدىغان ۋە ئىجادىي بولىدۇ. بىراق تور دېسكىسىدا بولسا ئوخشاش بىر ھۆججەتنى نەچچە ياكى نەچچە مىڭ ئادەم يوللايدىغان ئەھۋال ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن:
مەمەت مەلۇم تور بەتتىن "گۈلەمخان" ناملىق كىنونى چۈشۈرۈپ، تور دېسكىڭىزغا تىزىملاتقاندىن كىيىن ساقلاپ قويدى. سەمەتمۇ ئوخشاش كىنونى چۈشۈرۈپ تور دېسكىڭىزغا ساقلاپ قويدى. موشۇ بويىچە مىڭ ئابونت ئوخشاش بىردانە ھۆججەتنى 1000 قېتىم تور دىسكىڭىزغا يۈكلىدى. ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە نەچچە ئايغا قالماي تور دېسكىڭىزنى تاقاپ، قېچىپ كەتمەي ئامالىڭىز يوق.
شۇنىڭ بىلەن ئىنژىنىرلىرىڭىز يەنە ئامال تېپىشقا باشلىدى:" ئەخمەق ئابونتلار ئوخشاش ھۆججەتنى تەكرار يوللاۋەرگەندىكىن بىزمۇ "ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ " قىلىپ، ئوخشاش ھۆججەتتتىن دېسكىمىزدا بىر نۇسخىلا ساقلايلى. ئاندىن ئابونتقا سەزدۈرمەستىن دېسكىمىزدىكى ئوخشاش ھۆججەتنى تېپىپ، ئۇ يوللىغان ھۆججەت ئورنىدا تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ بىرەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 'بۇ ھۆججەتنى ئۆزۈم يوللىدىم' دەپ خۇش بولسۇن، بىز بولساق قىممەتلىك دېسكىمىزنى تىجەپ قالايلى. لېكىن – زە، ئەگەردە ئۇ بىردىنبىر نۇسخا ھۆججەتنى مەلۇم ئابونت ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولسا قانداق قىلىمىز؟بۇنىڭمۇ ئامالى بار، بىز پەقەت ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆججەت تېزىملىكىنى ئۆچۈرۈپ بەرسەكلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابونت ئۆچۈرگەن ھۆججەت شەكىلدە ئۆچۈپ، ئەمەلىيەتتە دېسكىمىزدا ساقلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، بىرەر ئابونىتىڭ ھۆججەتنى ئۈچۈرۋېتىشى سەۋەبلىك، باشقىلارنىڭ ساقلىۋالغانلىرى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت مەزكۇر ھۆججەتنى ساقلىغۇچۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرىۋەتكەندىلا ئاندىن بىز ئالدىرىماي دسكىمىزدىن تازىلىۋەتسەكلا بولىدۇ".
ئابونىتلارنىڭ كۆپىيىشى، يوللانغان ھۆججەتلەرنىڭ ئاۋۇشى بىلەن دېسكىڭىز گوياكى چەكسىز ئوكيانغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن يوللانماقچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ تەكرارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشمۇ، ئۇنىڭ دېسكىدىكى تەييار نۇسخىسىنى ئىزدەپ تېپىشمۇ قولايلىقلىشىپ ماڭىدۇ. دېمەك، بىر زامانلارغا بارغاندا ئابونىتلار ساقلىۋالغان ئاساسلىق ھۆججەتلەر دېسكىڭىزدا تولۇق بىر قامۇس شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇچاغلاردا "بۇلۇت بوشلۇقى" دېمەي "ھاۋا بوشلۇقى" دېسىڭىزمۇ باشقىلار ئىشىنىدۇ. موشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ھەربىر ئابونىت ئەمەلىيەتتە پەقەت 1M ئەتىراپىدا ھەقىقىي ھۆججەت يوللىغان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دېسكىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنە ئاز دېگەندە 50 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خادىملىرىڭىز يەنە بىر قانۇنىيەتنى بايقاپ قالدى: مەمەت يۈكلىگەن "گۈلەمخان" ناملىق ھۆججەت بىلەن سەمەت يۈكلىگەن " ئۇيغۇرچە كلاسسىك كىنو - گۈلەمخان" پەقەت ھۆججەت نامى ئوخشىمايدىغان ئوخشاش ھۆججەت ئىكەن. "ئەجىبا، بىز موشۇنىمۇ ئايرىيالماي، ئابونتلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان نامدا بىر ئوخشاش ھۆججەتنى تەكرار ساقلاپ يۈرەمدۇق؟ نەدە ئۇنداق ئەخمەقلىق بولسۇن! پەقەت بىر نەچچە قۇر ئىپادە( مەسىلەن: MD5 قىممىتى) ئارقىلىق ھەربىر قىسقۇچ ئىچىدىكى نىشان ھۆججەتنىڭ شەكلى ۋە يۇشۇرۇن خاسلىقلىرىنى پەرىقلەندۈرسەكلا ئىش پۈتمەمدۇ؟! چاپىنى ھەرخىل بولسىمۇ ئىچىدىكىنى بايقىۋالىمىز، ئاندىن تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكرار يۈكلەشتىن ساقلىنىمىز. پەقەت ئابونت ئۈچۈن ئۆزى قويىۋالغان نامنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا ئىش پۈتىدۇ" – خادىملىرىڭىز شۇنداق دەيدۇ.
بىراق كىيىنچە يەنە باش ئاغىرىقى چىقتى. ھەربىر ھۆججەتنىڭ MD5 سىنى ئايرىم ھىسابلىغاندا ئىېنىقلا باش ئاپپارات CPU سىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئوخشاش ھۆججەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلىقىنى قايتا تەكشۈرۈش، زور دەرىجىدە ئىقىم خورىتىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟
ئەقىللىق پروگراممىرلىرىڭىز كىچچىككىنە بىر دېتال ياكى قىستۇرما يازسۇن – دە، ئابونتلار ھۆججەت يۈكلەشتىن ئاۋۋال شۇنى قاچىلاپ قوزغىتىش تەلەپ قىلىنسۇن(ياكى يۇشۇرۇن قاچىلىنىپ ئىشنى پۈتتۈرسۇن). شۇنىڭ بىلەن MD5 ھىسابلاشلىرى پۈتۈنلەي ئابونىتنىڭ كومپىيوتېرىدا ئاشۇ دېتال ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلىنسۇن. ئەگەر يۈكلەشتىن ئاۋۋال نۆۋەتتىكى ھۆججەتنىڭ دېسكا بوشلۇقىدىكى مەلۇم ھۆججەت بىلەن ئوخشاشلىقى بايقالسا، نۆۋەتتىكى ھۆججەتنى ئەمەلىي يۈكلەشتىن توختىتىپ، پەقەت ئابونىتقا يۈكلەۋاتىمەن دەپ قويسۇن، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە " XX ھۆججەت نەچچە سكۇنتتىلا يۈكلەندى" دەپ پو ئېتىپ قويۇپ، ئارقا سەھنىدە تەييار ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، شۇ ئابونىتنىڭ ھىساۋاتىغا پەيدا قىلىپ بەرسۇن.
يۇقارقى بىر قاتار نەيرەڭلەر ئارقىلىق بۇرۇن پەقەت 1000 ئابونتقىلا تەمىنلەشكە بولىدىغان بوشلۇقنى، ئابونىت تەرەپتىكى 1G بولغان بوشلۇق قىممىتىنى ئۆزگەرتمەستىن 1000000 ئابونىتقا تەمىنلەيدىغان بولدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن ياخشى چۈش كۆرۈپ قالغان بىرەر كۈنى قوپۇپ" دەرھال 1TB لىق ھەقسىز تور دېسكىسى ئېلىۋېىلىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ بىرنەچچە دېتاللىنىلا قاچىلاپ، ئۇچىرىغانلارغا ماختاپ بەرسەڭلارلا بولىدۇ" دەپ تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغاڭ، ھەقسىزگە كۆنگەن تالايلىغان ئادەملەر بەس – بەستە بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ، 1TB لىق بوشلۇققا ئىرىشپ تىرىسىگە سىغماي قالسۇن. بىراق ئۇلارنىڭ ھۆججەت يوللاش ئوتتۇرىچە سىغىمى 50M دىن ئازراقلا ئاشىقان بولىدۇ . تور دېسكىڭىزنىڭ سېغىمغا بولغان ئىھتىياجنىڭ بۇنچىلىك ئېشىشى ئىرىشكەن پايدىلىڭىز ئالدىدا ئادەتتە تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ئەمما نامدا "چەكسىز بۇلۇت بوشلۇقى" بىلەن "ھەقسىز" تەمىنلەپ دەۋىر بۆلىگۈچ ئۆزگىرىش قوزغىغان بولىسىز.
ئەلۋەتتە جاپاكەش ئىنژىنىرلىرىڭىز توختىماستىن قانداق قىلغاندا تور دېسكا بوشلۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. بەلكىم بىر كۈنى كومپىيوتېرىمىزنىڭ سېستىمىسىنمۇ تور دېسكڭىزغا قاچىلاپ قويۇپ، نەچچە مىليون ئابونت ئورتاق ئىشلىتىدىغان بوپ كېتىشىمىز مۇمكىن!
مەنبە: تەشنا بلوگى

17

تېما

189

يازما

634

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2455
ئاقچا
22
uyoghul ۋاقتى: 2013-11-20 16:37:59 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aslida mundak  ixkanda

17

تېما

319

يازما

1226

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4234
ئاقچا
0
1785200596 ۋاقتى: 2013-11-20 17:00:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   ............

2

تېما

75

يازما

284

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1033
ئاقچا
0
Miradiljan ۋاقتى: 2013-11-20 17:04:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپسىز .ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپسىز .توربەت ئاچىدىغان ئوخشىمامسىز ؟

30

تېما

317

يازما

19

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

قۇغدۇغۇچى√ HDSTN

Rank: 4

نادىر
1
جۇغلانما
756
ئاقچا
0
QQ
پادېچى ۋاقتى: 2013-11-20 17:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولالماي ئەجەپ يىرىپ كەتتىم دىسە

2

تېما

169

يازما

353

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1514
ئاقچا
0
uran ۋاقتى: 2013-11-20 17:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل چۈشەندۈرۈش بوپتۇ

0

تېما

112

يازما

204

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
972
ئاقچا
0
uqkun888 ۋاقتى: 2013-11-20 17:57:42 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىم بوپكەتتى بۇ ،……

7

تېما

372

يازما

473

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1807
ئاقچا
0
QQ
buradar ۋاقتى: 2013-11-20 18:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوقۇپ كىتىپتىمەن ..يوللىغان نەرسىمىز ئۇدۇل ساقچى ئىدارىسىغا باردىغان ئوخشايدۇ دەپ:

13

تېما

533

يازما

1215

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4885
ئاقچا
1
QQ
تادان ۋاقتى: 2013-11-20 18:11:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقارتىپ ئىيىتقاندا ئىشلىتىدىغىنىمىز تايىنلىق ، ھەقسىز بوشلۇقنى كۆپەيتىمىزدەپ خەقنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇپ ھەقسىز ئىلان ئىشلەيسىلەر، ھەم تەشۋىقاتچى بوپ بىرىسىلەر  دەپتۇ .

0

تېما

136

يازما

57

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
280
ئاقچا
0
→كۇچا← ۋاقتى: 2013-11-20 18:41:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
buradar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 18:03:12
مەن قوقۇپ كىتىپتىمەن ..يوللىغان نەرسىمىز ئۇدۇل ساقچى ئ

ئۇنىمۇ يىراق كۆگىلى بولمايدۇ جۇمۇ بۇرادەر.  ھازىرقى ئاپشاركىلارنىڭ كۆپلىكىدە غاجىلايدىغان سۈڭەك تاپالماي ئاران تۇرغاندا .بىزنى چىشلىمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.  دىمىسەممۇ ئۈزۈڭلار بىلسىلەر بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاپشاركىلارنىڭ كۆپلىكنى.يېزا بازار تۇرماق بىر كەنىتتىمۇ ئاز دىگەندە 3-4گىچە بار ئەمەسمۇ来自: Android客户端

30

تېما

309

يازما

854

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2945
ئاقچا
1
musapi ۋاقتى: 2013-11-20 18:52:29 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە مۇنداقكەندە

0

تېما

8

يازما

12

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
45
ئاقچا
0
emir97 ۋاقتى: 2013-11-20 18:59:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
buradar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 18:03
مەن قوقۇپ كىتىپتىمەن ..يوللىغان نەرسىمىز ئۇدۇل ساقچى ئ ...

سىز  ۇدۇك.... ساقچى ىدارىسىغا   بارىدىغان لىىنى  بىلمەيدىغان  وخشىمامسىز

8

تېما

245

يازما

39

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
620
ئاقچا
9
فونتان ۋاقتى: 2013-11-20 19:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دىسكىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىۋېتىلىدى!!!!!!
ياشىغانكەنسەن مۇقەددەس بىر نىشانىڭ بولسۇن!

4

تېما

409

يازما

336

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1432
ئاقچا
1
tudajimamat ۋاقتى: 2013-11-20 19:06:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ توغرا  قانداقلا  بولمىسۇم  ھەر  بىر ئادەمگە ت ب لىق بوشلۇق  بېرىلدى ، سېز  ت ب لىق  ھۆججەت يوللىسىڭىز  ھەرگىز پ ب بولۇپ  يوللانمايدۇ ، سىز  بوشلۇقىڭىز  قانچىلىك بولسا  شۇنچىلىك  ھۆججەت يوللىيالىسىڭىز بولدى  دەپ قارايمەن  ، مەنمۇ  600 گىگالىق نەرسە  توشقۇزۇپ بولدۇم.

7

تېما

146

يازما

182

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
669
ئاقچا
0
$BashbugH$ ۋاقتى: 2013-11-20 19:41:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بۇپتۇ، مەنمۇ ھەيران قالغان، نەدىمۇ  شۇنچىۋالا بوشلۇقنى بېكاردىن-بېكارغا بېرىدىغان ئىش بار؟ ئەسلىدە ئىشنىڭ كەينىدە ئىش بار-دە! پەقەت بىزگە يالغاندىن داۋراڭ سېلىپ، ئىشنى ئارقىدا ئولتۇرۇپ توغىرلايدىغان گەپ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش