ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1788|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفۇننى مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى ئورنىدا ئىشلىتىش

7

تېما

61

يازما

500

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1209
ئاقچا
46
يازما تېمىسىنى كۆرۈپلا، نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن، ھەم بولسىمۇ بۇنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولار دەپ ئويلىغانسىز-ھە؟ ئەمما ئوبدان ئويلاپ باقسىڭىز يانفۇنىڭىزنى مائۇس،كۇنۇپكا تاختىسى ھەتتا ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ (游戏手柄) ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ يەنىلا خېلى ئەھمىيىتى بار. ھىچ بولمىغاندا ھازىر بەزىلەر كومپىيۇتېر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلاپ قويۇپ، تىلىۋىزۇردا كىنو كۆرۈشتەك ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا كىنو تىز ئۆتكۈزۈش، ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى تىلىۋىزۇرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا قىلالايسىز.  ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز تىلىۋىزۇرىڭىزنى ئىكران قىلىپ تۇرۇپ ئويۇن ئوينىيالايسىز.
تۆۋەندە سىزگە ئەنە ئەشۇنداق ياخشى يۇمشاق دىتالنى بىرنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.
بۇ دىتالنىڭ ئىسمى手电通 بولۇپ، تۆۋەندىكى تور بەتتىن چۈشۈرۈپ ئالالايسىز.
http://sdt.jiajia.tv/
بۇ دىتالنى قانداق ئىشلىتىمىز دىگەندە ئالدى بىلەن سىز ئالما مەشغۇلات سىستىمىسىدىكى يانفۇن ياكى ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستىمىسىدىكى يانفۇندىن بىرنى تەييارلاڭ. ئاندىن بازاردىن 20 يۇەنگە كۆك چىش ماسلاشتۇرغۇچتىن بىرنى سىتىۋىلىڭ.(ئادەتتە 20 يۇەنگە بېرىدۇ. ئۆزى كىچىكلا، usb  ئېغىزىغا سالسىڭىزلا، كومپىيۇتۇرىڭىزمۇ كۆك چىش سىگنالىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، يانفۇن بىلەن كومپىيۇتېر ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايسىز.) بۇ دىتال كومپىيۇتېر بىلەن يانفۇننى ئۇلاش ئۇسۇلىدا يالغۇر كۆك چىشقىلا تاينماي يەنە wifi   تورىنىمۇ قوللايدۇ ھەتتا usb نىمۇ قوللايدىكەن. سىناپ باقىمەن دىگۈچىلەر سىناپ باقسا بولىدۇ. مەن پەقەت كۆك چىش بىلەن ئۇلاش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىدىم.
يۇقارقى شەرتلەرنى ئورۇنلاپ بولغان بولسىڭىز، ئەمدى بۇ دىتالنىڭ يانفۇن نۇسقىسى بىلەن كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ، يانفۇن ۋە كومپىيۇتېرغا قاچىلاڭ. قاچىلاپ بولۇپ، يانفۇن نۇسقىسىنى ھەم كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى قوزغىتىڭ.(يانفۇننىڭ كۆك چىشنى ئىچىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ)
كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى كومپىيۇتېردىن قوزغاتسىڭىز، تۆۋەندىكى رەسىمدەك كۆرۈنىدۇ.

ئۇنىڭدىن كۆك چىش (蓝牙)دىگەن تۈرنى تاللاپ ئاستىدىكى يانفۇن قوشۇش (添加手机) دىگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.بۇنىڭ بىلەن يانفۇننى ئىزدەشنى باشلايدۇ ھەمدە تاپقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك كۆرۈنىدۇ.

بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ يانفۇنىنى تاللاپ، تۆۋەندىكى قوشۇش (添加) كۇنۇپكىسىنى باسساق. ئىكراندا يانفۇن تېپى كۆرۈنىدۇ.

دىمەك يانفۇن بىلەن كومپىيۇتېر كۆك چىش ئارقىلىق ئۇلاندى دىگەن گەپ، قېنى ئەمدى كومپىيۇتۇرىڭىزنى يانفۇن بىلەن باشقۇرۇپ بېقىڭ. قانداق بولىدىكىن.
بۇ دىتال ئارقىلىق كومپىيۇتېرنى يانفۇندا باشقۇرۇش بەكلا ئەپچىل ئىكەن. كۇنۇپكا تاختىسىمۇ ياخشى ئىشلەيدىكەن.
ئەڭ قالتىس يېرى بۇ دىتالنى قاچىلاپ يانفۇنىڭىزنى ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىپ، 极品飞车  دىگەندەك ماشىنا ئويۇنلىرىنى ئوينىيالايدىكەنسىز.
ھە راست  体感游戏 دەپ ئاڭلىغانمىتىڭىز، بەلكىم ئاڭلىغان بولسىڭىزمۇ ھىس قىلىپ باقمىغان بولغىتىڭىز. مانا سىزگە ئەمدى پۈرسەت كەلدى.يۇقارقى تور بەتتە  بۇ خىل ئويۇن ئۈچ خېلى بولۇپ، بېرسى سەل چوڭراق ئىكەن ئۇنى تېخى سىناپ باقمىدىم. قالغان ئىككىسى سىغىمى كىچىكرەك بولۇپ، بىردەمدىلا چۈشۈپ بولىدىكەن. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. بۇ ئويۇنلارنىڭ بىرسى تېننىس توپ يەنە بىرى كالتەك توپ بولۇپ، ئويۇننى ئوينىغاندا سىز يانفۇنىڭىزنى تىننىس توپنىڭ پالىقى، كالتەك توپنىڭ كالتىكى ئورنىدا ئىشلىتىسىز، يەنى قولىڭىزدا يانفۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئالدىڭىزغا ئۇچۇپ كەلگەن توپنى ئادەتتە توپ ئوينىغاندا پالاق بىلەن ئۇرغاندەك قولىڭىزنى سىلىكىپ ئۇرىسىز. قانداق بولامدىكەن. بۇ ئويۇننى ئويناپ قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟
ئاخىردا ئاۋۇ体感游戏 دىگەن سۆزمۇ چىققىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭغىمۇ ئوبدانراق سۆزدىن بىرنى ياساپ قويايلى. يەنە كېيىنچە ئومۇملاشقاندا体感游戏 بولۇپ ئومۇملىشىپ كەتمىسۇن.
بۇ يازمىدىكى دىتال ئارقىلىق يانفۇن بىلەن كومپىيۇتېرنى ئۇلاش ئارقىلىق يانفۇنىڭىزنى مائۇس ئورنىدا ئىشلىتىپ، كومپىيۇتېرنى باشقۇرالايسىز، كۇنۇپكا تاختىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ خەت باسالايسىز، ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ماشىنا ئويۇنلىرىنى ئوينىيالايسىز،ئەڭ قالتىس  يېرى بولسا دىتال ئاچقۇچىلار تەمىنلىگەن体感游戏    نى ئوينىيالايسىز.
ئەلۋەتتە بۇ خىل دىتاللاردىن يەنە باشقىلىرىمۇ باركەن. ئەمما ماۋۇ دىتال ماڭا ئىشلىتىش ئاسانراق بىلىندى. قالغىنىنى تورداشلار ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئاندىن باھا بېرەرسىلەر.
ئەگەر رەسىملەر ئېنىق كۆرۈنمىسە ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىدىن ئەسلى يازمىدىن كۆرگەيسىلەر.

3

تېما

39

يازما

222

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
1
amrulla ۋاقتى: 2011-12-16 03:56:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل  مۇرەككەپ  ئىكەن  مەن  قىلالمىغىدەكمەن   ھەي  .................
ئىيمان[/b] بايلىقىم

2

تېما

200

يازما

588

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1920
ئاقچا
1
QoxYurak ۋاقتى: 2011-12-16 11:10:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىناپ باقاي بۇ يېڭلىقنى.............

11

تېما

156

يازما

441

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1209
ئاقچا
0
adl2052103 ۋاقتى: 2011-12-16 11:51:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي رەسىم چىقمىدى  مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمدا
http://img2081.poco.cn/mypoco/myphoto/20120305/14/5611163620120305143053092.gif

9

تېما

245

يازما

941

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2709
ئاقچا
3
ئەرقۇت ۋاقتى: 2011-12-16 15:53:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر چىقمىدىغۇ

19

تېما

618

يازما

843

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
1
جۇغلانما
2939
ئاقچا
5
sanjar ۋاقتى: 2011-12-16 20:48:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا...مەن خېلى بولغان بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى..بەك قۇلايلىق قىلىۋىتىدىكەن ! ئەمىلىيەتتە بەك ئاسان ،خەنزۇچە بىلسىلا قىلالايدۇ....

7

تېما

61

يازما

500

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1209
ئاقچا
46
abral  ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-16 21:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم چىقمىغانلار ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىغا كېرىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. بەلكىم بىلوگباسنىڭ سەۋەبى بىلەن كۆرۈنمىگەن بولۇشى مۇمكىن

3

تېما

17

يازما

48

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
137
ئاقچا
4
aral52 ۋاقتى: 2011-12-25 18:57:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 يۈەنگە بىردىغان كوك چىش ماسلاشتۇرغۇچنى خەنچە نىمە دەيمىز؟  

11

تېما

116

يازما

339

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
945
ئاقچا
23
QQ
مۇزەپپەر ۋاقتى: 2012-1-4 20:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى بوپقويىدىكەن ، شۇغۇنىسى ماشىنا ئوينىغاندا ئانچە ياخشى تىزگىنلىگىلى بولمايدىكەن...
..........

58

تېما

1289

يازما

305

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2837
ئاقچا
3
QQ
alxat110 ۋاقتى: 2013-10-21 08:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abral يوللىغان ۋاقتى  2011-12-16 21:36
رەسىم چىقمىغانلار ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىغا كېرىپ كۆرس ...

ۋوي تىخى بلوگباس ئوينايدىغانلار ھازىرمۇ بارما؟
كورىيە سىئولدىن Samsung SKY تىلفۇنلىرىنى ئەكەلدۇردىغانلار  ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش