- جۇغلانما
- 1845
UID25341
تىزىملاتقان2013-10-18
ئاخىرقى قېتىم2015-3-30
توردا926 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1845
- ئاقچا
- 0
|
خۇاۋېي شىركىتى نەچچە ئاي بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Ascend P6 نى ئېلان قىلغانىدى, بۇ يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن, بەلكى يۇمشاق دېتال جەھەتتىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ, يەنى ئۇنىڭغا ئاندىرويىد 4.2.2 نىڭ Jelly Bean سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان. تۈنۈگۈن, خۇاۋېي شىركىتىAscend P6 يانفون سىستېمىسىنىڭ كىلەر يىلى ئاندىرويىدنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Kit Kat سىستېمىسىغا يېڭىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دىيىشىچە, بۇنىڭ كونكىرىت ۋاقتى كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا بولىدىكەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن, كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى, P6 يانفونى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەپ, ئاندىرويىد 4.2.2 دىن بىراقلا ئاندىرويىد 4.4 گە يېڭىلىناتتى.
دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز لايىھىلەنگەن ئاندىرويىد يانفونى بولۇش سۈپىتى بىلەن, خۇاۋېي P6يانفونىنىڭ قىلىنلىقى ئاران 6.8 مىللىمېتىر كىلىدىكەن. ئۇنىڭغا 4.7 دىيۇملۇق ئېنىقلىقى يۇقىرى ئىكران سەپلەنگەن, ئۇندىن باشقا, بۇ يانفونغا 1.5GHz لىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ, 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ, 8GB ۋە 16GB لىق ساقلاش بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا, بۇ يانفون يەنە microSD سېغىم كارتىسى سېلىشنى قوللايدىغان بولۇپ, ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 64GB لىق كارتا سالغىلى بولىدىكەن.
بۇندىن باشقا, Ascend P6 يانفونىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا يۈزىگە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ, ئالدى يۈزىدىكى كامېرانىڭ ئېنىقلىقى بەش مىليون پىكسىل, ئارقا يۈزىدىكى كامېرانىڭ ئېنىقلىقى سەككىز مىليون پىكسىل كىلىدىكەن.
مەنبە .نۇر تورى |
|