- جۇغلانما
- 2553
UID21538
تىزىملاتقان2013-8-23
ئاخىرقى قېتىم2015-3-19
توردا941 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2553
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جەۋھەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-17 01:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار كەمىنە جەۋھەردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !
ئۇزۇن بوپتۇ يۇرتتا بولماسلىق سەۋەبى بىلەن ئالىپقا كىرەلمىدىم . يېقىندا بىر دانە يانفۇن سېتىۋالغانتىم . SCH i739 ئاندىروئىد نەشىرى 4.1 ئىكەنتۇق . كىيىن قارىسام ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇمايدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشقا كىرىشتىم. ئاۋال روتلاش كىرەك . بۇ ئانچە تەسكە چۈشمىدى . بەيدۇ بىر كونىپكىدا روتلىغۇچنى چۈشۈرۈپ بىردەمدىلا روتلاپ بولدۇم . ئاندىن ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشقا ئۆتتۈم. ئالىپ تورىدا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر تىما باركەن . بىراق ئۇنىڭ پايدىسى بولمىدى . ئالىپتىكى 4.1 غا چىرايلىق فونىت قاچىلاشنى ئىشلىتىپ كۆردۈم . ئۈنۈمى بولمىدى . ئاندىن مۇنبەر ئارىلاشقا باشلىدىم . ئارىلاپ - ئارىلاپ بىرە پايدىلىق تىما ئۇچرىمىدى . ئۇچرىسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى . كىيىن فونىت ئالماشتۇرۇپ باقاي دەپ ئىلگىرى مەن ئىشلەتكەن فونىتلارغا ئالماشتۇرۇپ باقتىم . قېرىشىپ يۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىر تىلفۇننى قوزغالماس قىلىپ قويدۇم . شۇنىڭ تور ئارىلاشقا باشلىدىم . ئىلگىرى مەن ئىشلەتكەن روم قاچىلاش دىتاللېرىدا بۇ تىلپۇننىڭ رومى يوق ئىكەن . ئاخىر ئىزدەپ يۈرۈپ گوگىلدىن بىر تور بەت ئۇچرىدى. تىلپۇنۇمنىڭ رومى بار ئىكەن . يەنە تېخى روم قاچىلاش دىتالىمۇ بار ئىكەن . شۇنداق قىلىپ تىلپۇنۇمنى ئوڭشىۋالغان بولدۇم . بىر قېتىم بۇرنۇمغا سۇ كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشتىن ۋاز كەچمىدىم. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈندىن كىيىن بىلگە تورىدا بىر فونىت قاچىلىغۇچ ئۇچراپ قالدى . ئىشلىتىپ كۆردۈم . ئۇيغۇرچە دىگەننى پەچەت قىلىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن خوش بوپ تۇرسام بىر مەسىلە بايقالدى. بۇ فونىت ئۇيغۇرچىغا لايىھەلەنگەن بولغاچقا , ئەرەپچە تۇنۇمايدىكەن ئەمەسمۇ . مەن ئەرەپچىنى كۆپ ئىشلىتىغان بولغاچقا پەقەت ماسلىشالمىدىم . شۇنىڭ بىلەن كىسىلىم يەنە تۇتتى . يەنە قېرىشىشقا باشلىدىم . نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بۇنىمۇ ئوڭشىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى فونىت قاچىلىغۇچنىمۇ ئۆزگەرتىپ قويدۇم . ئەرەپچە ئۇيغۇرچە نورمال قاچىلايدىغان بولدى.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم : ئەگەر روم قاچىلىماقچى بولسىڭىز روم قاچىلاش دىتالىنى تەمىنلەپ قويىمەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال روتلاش كىرەك . بۇنىڭغىمۇ دىتاللارنى يوللاپ قۇيىمەن . ئەگەر تىلپۇندا روتلاش دىتاللېرىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىسىڭىز , كومپىيۇتىر دىتاللېرىنى ئىشلىتىڭ . بۇنىمۇ ئاخىرىدا تەمىنلەپ قويىمەن .ھەممىسى ئۈزۈم ئىشلىتىپ باققان نادىر دىتاللار . روتلاپ بولغاندىن كىيىن , تەمىنلەنگەن ئەپتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە تۇنىتىۋېلىڭ . ئىشلىتىش ئۇسۇلى بۇرۇنقى فونىت ئالماشتۇرۇش دىتاللېرىغا ئوخشاش .
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. چۈنكى مەن بۇ توغۇرلۇپ كۆپ جاپا تارتتىم . شۇڭا باشقا قېرىنداشلارمۇ مەندەك جاپا تارتىپ يۈرمىسۇن دەپ تەپسىلى يېزىۋاتىمەن. باشقا 4.1 نەشىردىكى سامسۇڭ تىلپۇنى بار دوسلارمۇ مۇشۇنداق تۇنۇتىۋالسا بۇلىدۇ . قىلالمىغانلار ئىنكاس يېزىپ قۇيارسىلەر . ئادرىسلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللايمەن . |
|