- جۇغلانما
- 751
UID2706
تىزىملاتقان2011-9-4
ئاخىرقى قېتىم2015-5-8
توردا206 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 751
- ئاقچا
- 0

|
مىكروسوفت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا ، نۆۋەتتە XP نىڭ Windows سېستىمىلىرى ئىچىدە نىسبىتى % 10تىن ئاشىدىغان بولۇپ مىكروسوفت كۆپ قېتىم ئابونتلارغا سېستىما يېڭىلاشنى ئەسكەرتكەن . ھازىر مىكروسوفت يېڭى بىر خىل ئامالنى ئويلاپ چىقتى ، يەنى ۋاقىتنى تەتۈر ساناش قورالىنى ئېلان قىلدى ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنىنى Windows XP مۇلازىمىتىنى توختىتىشنىڭ ئاخىرىقى چېكى قىلىپ بېكىتىپ ، ئابونتلارنىڭ بالدۇرراق سېستىما يېڭىلاشنى ئەسكەرتتى .
مىكروسوفت يېقىندا بىر خىل ۋاقىتنى تەتۈر ساناش قورالىنى ئېلان قىلدى ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنىنى Windows XP مۇلازىمىتىنى توختىتىشنىڭ ئاخىرىقى چېكى قىلىپ بېكىتتى ، Windows XP ئابونتلىرى بۇ جورالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىلا ، بۇ قورال ئۇلارنىڭ سېستىمىسىنى يەنە قانچىلىك ئىشلىتىش ۋاقتى قالغىنىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ بېرەلەيدۇ . كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنىدىن كېيىن مىكروسوفت Windows XP سېستىمىسىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ .
مىكروسوفت يەنە :<< سىز Windows XP نى شاللاشقا كۆڭۈل بۆلەمسىز ؟ ئۇنداقتا بۇ دېتالنى ئىشلىتىڭ ، Windows XP سېستمىسىنىڭ قاچان مۇلازىمەتتىن توختايدىغىنىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ>>
دەپ ئېلان قىلغان . قىزقارلىقى شۇكى بۇ دېتال Windows XP غىلا ماس كېلىپلا قالماستىن بەلكى Windows Vista بىلەن Windows 7 غىمۇ ماس كېلىدۇ .
ئىگلىنىشچە Windows 8.1 نىڭ ھازىرىقى باھاسى 988 يۈەن ، كەسپىي نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1988يۈەن . ئاساسىي نۇسخىسىدىن كەسپىي نۇسخىسىغا ئۆستۈرۈش باھاسى 1088 يۈەن .
نۇر توردىن ئېلىندى |
|