- جۇغلانما
- 1796
UID9260
تىزىملاتقان2012-8-11
ئاخىرقى قېتىم2014-10-12
توردا705 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1796
- ئاقچا
- 200
|
بارماق دىسكىنى چەكلەش ئۇسۇلى
ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر بارماق دىسكا ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر يۆتكەش قوراللىرىمىزنىڭ بىرسى. بىراق دەل مۇشۇ بارماق دىسكا يەنە نۇرغۇن ۋىرۇسلارنى تارقتىۋاتقان مەنبەلەرنىڭ بىرسى
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ كومپىيۇتۇرىمىزدا خالىغانچە بارماق دىسكىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ۋىرۇس تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ شۇنداقلا يەنە باشقا خىلدىكى USB ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگىلى بولىدۇ؟
ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن
ئالدى بىلەن ئازراق ئېلان تارقىتىۋالاي
سىغىمى 4G، 8G، 32G ,16G بولغان 惠普 ماركىدىكى بارماق دېسكىلار توپ باھادا سېتىلىدۇ. بۇ بارماق دېسكىلار ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتكەن، بازاردىكى ساختا بارماق دىسكىلارغا قەتئى ئوخشىمايدۇ. سۈرئىتى تىز، باھاسى ئەرزان، ياسىلىشى كۆركەم ھەم ئەپلىك. سېتىۋېلىشنى ئويلايدىغان دوستلار تىزدىن بۇ يەرگە كىرىپ سېتىۋېلىڭلار
ئالدى بىلەن باشلاش تىزىملىكىدىكى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى چىكىمىز، ئاندىن ئىچىلغان كۆزنەككە regedit دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ، تىزىملاش جەدىۋىلىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىمىز ھەمدە تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى قىممەتنى تاپىمىز.
[HKEY_LOCAL_MACHINESYSTEMCurrentControlSetServices|USBSTOR]
بۇ يەردىكى قىممەتلەر USB ئۈسكىنىلىرىنىڭ قوزغىتىش پىراگراممىسى تۈرلىرى. بۇ يەردىن START دىگەن تۈرنى تېپىپ، ئۇنىڭ DWORD قىممىتىنى 4 كە ئۆزگەرتىپ قويىمىز. بۇنىڭ بىلەن بارماق دىسكىنى چەكلىگەن بولىمىز. ئەمما ئۆزىمىز بارماق دىسكا ئىشلەتمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟
ناھايىتى ئاددى، ئەگەر ئۆزىمىز بارماق دىسكىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، بۇ قىممەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئەگەر دائىملا تىزىملەش جەدىۋىلىنى ئېچىپ، ئىزدەپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، تىزىملاش جەدىۋىلىنىڭ ھۆججەتكە چىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ يەردىكى قىممەتنى بىر ھۆججەتكە چىقىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى قىممەتنى 4 كە ئۆزگەرتىشىتىن بۇرۇن ،USBSTOR دىگەن تۈرنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن ھۆججەت - چىقىرىش دىگەن بۇيرۇقنى بىر چىكىپ، ئېچىلغان كۆزنەككە ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بىرىمىز مەسىلەن: بارماق دىسكا ئوچۇق دەپ، ئاندىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.
2- قېتىمدا قىممەتنى 4 ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر قېتىم ھۆججەت - چىقىرىش مەشغۇلاتى قىلىپ، ھۆججەت ئىسمىنى :» بارماق دىسكا ئۆچۈك « دەپ قويۇپ قويساقلا بولىدۇ. بۇندىن كېيىن ئەگەر بارماق دىسكىنى چەكلىمەكچى بولساق، بارماق دىسكا ئۆچۈك دىگەن ھۆججەتنى ئىككى چىكىپ ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولساق، بارماق دىسكا ئوچۇق دىگەن ھۆججەتنى ئىككى چەكسەكلا بولىدۇ.
|
|