ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 721|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

windows دا ئالما سىستېمىسىدەك يېزىق ئۈنۈمىدىن بەھىرلىنىڭ

32

تېما

70

يازما

402

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1014
ئاقچا
34
QQ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ تورىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى:

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى ھەممىمىزنى ئاساسەن كومپيۇتېردىن ئايرىلالماس قىلىۋەتكىلى تاس قېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن بىز مىكروسوفت شىركىتىى ئىشلەپ چىقارغان windows نىلا بىلىدىغان بولساق ھازىرقى كۈنلەردە ئالما سىستېمىسى ۋە Linux سىستېمىسىنىڭ نەشىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسم تورداشلار بۇ ئەجنەبى سىستېمىغا بولغان ئىشتىياقى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇ سەۋەب windows ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم تورداشلار مەۋھۇم كومپيۇتېر ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقتى بولغاي ، ئارتۇق گەپنى قىسقا قىلاي.

كۆپىنچە دوستلارغا مەلۇمكى، مەيلى ئالما بولسۇن ياكى linux بولسۇن ھەرئىككلىسىدە ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ شۇنداق سىپتا ۋە چىرايلىق كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئالما سىستېمىسى بولسا يېزىققا رەڭ بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆركەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. windows سىستېمىسى بولسا يېزىقنىڭ ئەتراپىنى سۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. شۇڭا بىر توربەتنى ئىككى خىل سىستېمىدا كۆرگەندىكى كىشىگە بىرىدىغان تەسىرى ئوخشاش ئەمەس.

تۆۋەندىكىسى تور بېكىتىمىزنىڭ ئىككى خىل سىستېمىدىكى كۈرۈنىشى:

(1) بىكىتىمىزنىڭ windows 7 دە كۆرسىتىلىشى

(2) بىكىتىمىزنىڭ ئالما سىستېمىسىدىكى كۆرۈنۈشى



يۇقارقى ئىككى پارچە رەسىمدىن كۆرسېتىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.توربەت ياسىغۇچىلار توربەت ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ CSS قىسمىدىكى خەت نۇسخىسى ئىسمىغا خەنزۇچە خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە خەنزۇچە يېزىپ قويغاندا ئالما سىستېمىسى css ھۆججىتى ئىچىدىكى خەنزۇچە خەت نامىنى پەرىقلەندۈرەلمەي كاتەكچە شەكلىدە كۆرسىتىپ قويۇپ، خەت نۇسخا نامى نورمال بولماي قالىدۇ. شۇڭا css ھۆججىتى ئىچىدە خەت نۇسخىسى نامىنى ئالما سىستېمىسىمۇ نورمال تۇنىسۇن دەپ ئويلىغانلار خەنزۇچە خەت نۇسخىسى نامىنىڭ ئىسمىنىڭ ئېنىگلىزچە نامىنى قوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن: 黑体 نى SimHei دەپ ئېلىشى كېرەك.

ئەمدى يۇقارقى مەزمۇنلار ئارقىلىق بۇ سىستېمىلاردا كۆرسىتىلىدىغان تېكىستلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئوخشاشماسلىق پەرقىنى بىلىۋالدۇق. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى مەزمۇن ئارقىلىق windows دىمۇ ئالما سىستېمىسىدىكىگە ئوخشاش ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تۇنشۇپ چىقايلى.
1- تور بېكىتىمىز بوشلىقىدا تەمىنلىگەن قۇرال MacType نىڭ 2012-يىللىق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. (باشقا جايدىن تاپقىنىڭىزدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل، بىكىتىمىز بوشلۇقىدىن چۈشۈرگىنى سىناقتىن ئۆتكەن)
2-دىتالنى پرىستىن يىشىپ، كومپيۇتېرغا قاچىلايمىز. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئىكرانغا MacType 用户向导 ناملىق سىنبەلگە قوشۇلىدۇ. بۇسىنبەلگىنى قوش چېكىش ئارقىلىق قوزىتىمىز.

يۇقارقى كۆزنەكتە كۆرسىتىلگەندەك ھېچقانداق تۈرنى تاللىماستىن كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

تاماملاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى ، ئاندىن تاقاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
3-باشلاش تىزىملىكى ئىچىدە MacType نىڭ ئىچدىكى MacType Tray تۈرىنى چىكىپ قوزغىتىمىز.

ئەمدى بايا بىز تاللىغان كۈرۈنۈشنىڭ ئۈنۈمى دەرھال ئىكراندا نامايەن بولىدۇ. ئەمدى كۈرۈپ بېقىڭ رازى بولدىڭىزمىكىن؟ بايىقى iOS دىن باشقا تۈرلەرنى تاللاپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. پروگرامما ئىجرا بولغاندا ئىكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يۇشۇرۇن سىنبەلگە رايۇنىغا كىرىپ كىتىدۇ. ناۋادا ئۈنۈمنى توختاتماقچى ياكى چېكىنمەكچى بولسىڭىز ئاشۇ ئورۇندىكى سىنبەلگە ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىككە ئېرشەلەيسىز.

يۇقارقى تىزىملىكتە alkatip ناملىق بىر تۈرنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ بايا بۇ دىتالنى قاچىلىغاندا ئىكراندا پەيدا بولغان ئىككى سىنبەلگىنىڭ يەنە بىرى MacType 配置程序 ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خەت نۇسخىسىنىڭ ئۈنۈمىنى بىكىتىش ئارقىلىق يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىز.  
يېڭى ئۈنۈم ھاسىل ئۇسۇلى ئاددى بولغاچقا تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلمىدى. ماقالە مەنبەسىنى ئەسكەرتىكەن ئاساستا باشقا توربەتتە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.

مەنبەسى: http://www.alqut.com/Item/488.aspx

50

تېما

442

يازما

1043

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3622
ئاقچا
0
QQ
karkaxboy ۋاقتى: 2013-11-4 18:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت نۇسقىسى ئۆزگەرتىش ئوخشىمامدۇ؟

5

تېما

139

يازما

124

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
591
ئاقچا
0
QQ
ئۇيغۇر88 ۋاقتى: 2013-11-4 18:54:39 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېھتىمال

7

تېما

211

يازما

576

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2014
ئاقچا
0
QQ
abdureshit ۋاقتى: 2013-11-5 08:58:36 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلقۇت ئەپەندى …ئالاقىلشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز ياكى 442922685 بۇ پىنگىۋىن نۇمۇرىنى قوشىۋالسىڭىز ، سىلى بىلەن كۆرىشىدىغان ئىش بار ئىدى

3

تېما

80

يازما

98

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
360
ئاقچا
0
adimin1 ۋاقتى: 2013-11-5 14:51:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن، ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن…来自: Android客户端

3

تېما

80

يازما

98

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
360
ئاقچا
0
adimin1 ۋاقتى: 2013-11-5 14:53:45 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما!来自: Android客户端

0

تېما

40

يازما

56

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
221
ئاقچا
0
kartallik ۋاقتى: 2013-11-12 13:57:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش