ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2687|ئىنكاس: 66
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خاككىرلىق ۋە ۋىروس

48

تېما

457

يازما

2405

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
6176
ئاقچا
5

تۆھپە ئوردېنى

ئىنتايىن سىرلىق جەريانلار

iso_27001_-_information_security_management_business_misc__inf__tools-520435.jpeg

ئېلىكىتاپ :



             ئالدىنقى يازمامدا بۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مېنىڭمۇ ھەم بۇ ھەقتە زور قىزىقىشىم بولغاچقا ، بىلىدىغان ئازغىنە ئۇچۇرلىرىمنى قىسقىغىنە قىلىپ قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كىلدى.


               ئاۋال بىز خاككىرىلىق ھەققىدە توختىلىمىز :  خاككىرى دىگەن بۇ ئىسىم  كۆپىنچىمىزگە ئانچە چىرايلىق ئاڭلانماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكىى كىممۇ ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىغا  باشقىلارنىڭ خالىغانچە كىرىپ _ چىقىپ يۈرۈشىنى خالىسۇن؟ ئەمما بۇ  كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن بۇ بىر شەرەپ ئۇنىۋانىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە  بىز دەۋاتقان خاككىرىلىق دەل يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت.__ (يەنى پىروگىراممىر) ئەلىۋەتتە خاككىرىلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
0422_WVprivacy.jpg

                                   1.بىرىنچى خىلىدىكىلەر ________  پەقەتلا يوچۇق ئىزدەيدۇ ،  شۇنداقتىمۇ بۇلار ئەڭ تۆۋەن بولغاندا  توردىكى تەييار يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ  QQ مەخپىي نومۇرى ، توربەت باشقۇرۇغۇچىنىڭ Root  ھوقۇقى مەخپىي نۇمۇرى ،  ئېلىخەت مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى ئوغۇرلايدۇ. سەل تەجىربىلىكلىرى  بولسا  كۆزىگە سەت كۆرۈنۈقالغان توربەتلەرنىڭ يۇچۇقىنى ئىزدەپ تېپىش ، باشقىلارنىڭ بانكا  كارتىسىغا چاقچاق قىلىش  قاتارلىق  ئىشلارنى قىلىپ سېلىشى مۇمكىن. تەجىربىسى  ناھايىتى موللىرى بولسا  ھەرقانداق شىركەت ياكى ئورگانلارنىڭ خالىسا كامىرا سېستىمىسىغا ، خالىسا ھىساباتىغا ، خالىسا ساندانىغا بۆسۈپ كىرىۋېرىدۇ.  
Computer-Password-Security-Hacker.jpg gty_hacker_tk_111115_wg.jpg

                                   2.ئىككىنجى خىلىدىكىلەر  _____________ يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىگە ناھايىتى پىششىق بولغان، ھەم  بۇھەقتە تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بىرقىسىم خاككىرىلار باركى  ۋىروسنى  يەنى ۋەيران قىلغۇچى يۇمشاق دىتالنى ئۆزى ياسايدۇ. ۋە ئۆزى بۇيرۇق يۈكلەيدۇ ۋە ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا كۆزىگە سەت كۆرۈنگەن بىرىنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلىۋىتىدۇ.   مەسلەن : تور پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان بولغاچقا ، ئەگەر سەۋيىسى يەتسىلا  خالىغان دۆلەتتىكى بىرەر شىركەتنىڭ كامىرا سېستىمىسىغا بۆسۈپ كىرەلەيدۇ.
Anonymous.jpg


       ھازىر دۇنيادا  ئەڭ داڭلىق بولغىنى   anonymous (نامسىز دىگەن مەنىدە)  خاككىرلار ئەتىرتى ،   خاككىر دەپ  سانايدىغان بولساق  《تور دۇنياسىدىكى ساكلار》 دەپ ئاتالغان بۇ ئەترەتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. 2011 _ يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورى   faceBook  نىڭ  ئەزا ساندانىغا ھۇجۇم قىلىپ مىليونلىغان   faceBook  ئابونىتلىرىنىڭ  ئۇچۇرلىرى ئاشكارلىنىپ كەتكەندىن كىيىن بۇ  ئەترەتنىڭ نامى تېخمۇ داڭلىق بولۇپ كەتتى. ئالدىنقى يىلى  دۇنيادىكى بىخەتەرلىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورگان ئالمىنىڭ  ئابونىت ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ كەتكەندە بولسا دۇنيا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇلارنى تونۇپ كەتتى. گەرچە  2012 _ يىلىنىڭ ئاخىرىدا نىيۇيورىك  شەھىردىكى   ساقچىلارنىڭ ئانا _ بالىغا  ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدىن كىيىن بۇ  ئەترەت توردا بايانات ئېلان قىلىپ ئامىركا ھۆكۈمىتىگە تەھتىد سالغان بولسىمۇ ئامىركا ھىچنىمە بولمىغاندەك جىم تۇرىۋالدى ، چۈنكى  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ   يىلىلاردىن بۇيانقى  كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يارىشا تا ھازىرغىچە بۇ ئەترەتنىڭ بىرمۇ ئادىمىنى تۇتالمايۋاتاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇتەشكىلاتنىڭ ئەزا قۇبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ تورغا ئېلان قىلغان ۋىدىئولىرىنى قاتمۇ _ قات تېخنىكىلىق سۈزۈشتىن  كىيىن ئاندىن تورغا يوللايدىكەن. شۇڭا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەھلىلچىللىرى نە  ئاۋازنى نە مۇھىتنى نە كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن.
Anonymous-1.jpg


anonymous_hacker.jpg anonymous160911.jpeg


                                 2010 _ يىلىنىڭ يىل ئاخىردا مۇنداق بىر قىزقارلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.  { ئەنگىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تارمىقىدىكى بىر  بانكىنىڭ مالىيە ئاتچوتىدا غايەت زور  مالىيە ئېقىم ئۇچۇرى كۆرۈلگەن. ئەھۋالنى بايقاپ ۋە  كونتىرول  قىلىپ بولغىچە  بولغان  ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت  ئىچىدە 33 مىليارد فونىستېرلىڭ قىممىتىدىكى مالىيە رەقىمى ئاللىقاچان شىۋىتسارىيە بانكىسىغا يۆتكىلىپ بولغان. . . .  ئامىركا ۋە ئەنگىليەنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش  ئەتىرىتى ناھايىتى تېزلا  ھۆجۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە گىرمانىيەدىن قىلىنغان ۋىروس ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.  ئەمما گىرمانىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى تەكشۈرۈشتىن كىيىن گىرمانىيەدىكى  شىركەت مۇلازىمىتىرخانىسىنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھىلھىم  شەھىردىن قىلىنغان تور ھۇجۇمدا كونتىرول قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. . . . كىيىنكى تەكشۈرۈشلەر  ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنى  تېخىمۇ قايمۇقۇپ كەتكەن .  چۈنكى بۇ  غايەت زور زەنجىرسىمان تور ھۇجۇمى بولۇپ  ئەسلىي مەنبەسىنى ئېنىقلاش  ناھايىتى قىيىنغا تو*******تتى. . . .

         ئەنە شۇنداق ئورۇنسىز ئۇرۇنۇشلار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى بىزار قىلىپ ئاخىرى كارىمۇ بولماس بۇلۇپ كەتتى. شۇ تاپتا 《نامسىز》 خاككىرلار ئەتىرتى   دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق  ۋە ئەڭ سىرلىق  ئەترەت دەپ قارىلىدۇ. ھازىرچە بۇ ئەترەت توغۇرلۇق شۇنداقلا (خاككىر) دىگەن ئۇقۇم ئۈستىدە مۇشۇنچىلىك توختىلايلى. راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئەترەت ھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇرغا ئېرىشىشىممۇ ناھايىتى تەس بىرئىش . . . .


               ئەمدى بىز ۋىروس ھەققىدە قىسقىغىنا توختىلىپ ئۆتەيلى!
8475553-penetration-into-a-computer-of-a-virus-from-internet.jpg

             ۋىروس كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بۇ ئاتالغۇدىن قېنىق قورقۇنىچ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە كىشىلەر ۋىروس دىگەن ئىبارە بىلەن تەڭلا كۆز ئالدىغا قورقۇنۇچلۇق  باكتىريەلەرنى كەلتۈرۈشى ئېنىق ،  ئەمەلىيەتتە  ۋىروسمۇ سىز ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دىتاللارغا ئوخشاشلا بىر پىروگىرامما نەتىجىسىدىن ئىبارەت. بىراق ئازراق ئوخشىماسلىقى  بۇنىڭغا  ئاراق ئالاھىدە بۇيرۇق كودى يۇكلەنگەن يېرى بار شۇ !

           ئەمدى بىز ۋىروسقا ئاددى  ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى!  ئادەتتە بۇ خىلدىكى ۋەيران قىلغۇچى يۇمشاق دىتاللار سىز توردىكى ئېلانلارنى چەككەندە QQ  دىكى قالايمىقان تورداشلارنىڭ ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلىش ، نامەلۇم ئېلخەت  قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كومپىيۇتېرىڭىزغا كىرىدۇ ۋە ئۆزىگە يۈكلەنگەن بۇيرۇق بويىچە ھەركەت قىلىشقا باشلايدۇ. بەزىللىرى سىز ئۇنى چەككەندە ئاندىن قوزغىلىدۇ  بەزىللىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ يەنە بەزىللىرى يىتەرلىك شارائىت ھازىرلانغاندا قوزغىلىدۇ …. ھەركەت تۈرلىرىمۇ  ناھايىتى كۆپ  ئەلىۋەتتە !   
how-do-i-shut-down-windows-8-824468712-dec-27-2012-1-600x400.jpg

               ئەجبا سىز كومپىيۇتېرڭىزنى  关机  كونۇپكىسى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋەتتىم دەپ ئويلامسىز؟   ھې  ھې  ھې   ئۇنداق ئاسان ئىش يوق پەقەت كومپىيۇتېرىڭىز توككا چېتىقلىقلا بولىدىكەن  CPU  توختىماي ھەركەتتە.  يەنى  ئەڭ تۆۋەن سەرپىياتتا توختىماستىن بارلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ۋىروسنىڭ ئىقتىدارى شۇنداق يۇقرى بولسا راستىنلا  كومپىيۇتېرىڭىزنى خالىغان ۋاقىتتا قوزغىتىۋىتەلەيدىغانلىقىغا  ھەتتا تورغا ئۇلاپ  خاككىرغا ئىچىدىن ماسلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز ؟  ئەلىۋەتتە ئىشىنىشىڭىز كېرەك چۈنكى ئەمەلىيەت شۇنداق .   ئادەتتىكى ئابونىتلارنىڭ ئىشلەتكىنىنىڭ  نورمال بىر كومپىيۇتېر سەپلىمىسىنىڭ  %10 گىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى (يەنى %90 تىن كۆپرەك ئىقتىدارى ئىشلىتىلمەيدۇ) بىلەمسىز؟  شۇنداق دۇنيادىكى %80 تىن %90 كىچە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى  ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ  كومپىيۇتېرىنىڭ  %20 چە شەپلىمىسىنى خورىتالىشى مۇمكىن. شۇڭا كومپىيۇتېرلار ئاساسەن   سەپلىمىسىنىڭ خوراپ تۈگىگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ۋىروس ۋە سىرىتقى زەخمىلەر  تۈپەيلى كاردىن چىقىدۇ.
Screen Shot 2013-10-31 at 6.44.15 PM.png

                                                             تەبئىيكى ئاقساقاللىق بىلەن قىلغان  تەھلىلىرىمىدە ئاز بولمىغان خاتالىقلار بار. ئەمما ئېنىقكى  تەھلىل قىلىش قىلمىغانغا قارىغاندا توغىرلىققا يېقىنراق….   
  ئەگەر ئۇنتۇلۇپ قالغان ،  مۇجمەل بولۇپ قالغان ، كام قالغان يەرلەر بولسا  پىكىر بەرسەڭلار ! خۇشاللىق بىلەن داۋاملىق ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنىش   نەتىجىللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان بولاتتىم ……

  
                    2013 _ يىلى  31 _ ئۆكتەبىر                                           _______  پادىچى            



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-31 21:01):
ئۆزرە : شەنبە كۈنىدىن باشلاپ بىرەر ئايغىچە تورغا چىقالماسلىقىم ياكى تېما يىزىشقا ۋاقىت چىقماسلىقى مۇمكن

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-31 21:01):
شۇڭا    قېرىنداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن رۇخسەت سورايمەن

ىھغ.pdf

102.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 194

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +100 يىغىش سەۋەبى
alip + 100 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

9

تېما

181

يازما

487

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1832
ئاقچا
0
uqkur132 ۋاقتى: 2013-10-31 20:40:50 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنامسىزلارتەشكىلاتى ۋەھشى تەشكىلات ھە ئالدىنقى يىللىرى جۇڭكۇنىڭمۇ نۇرغۇن تورلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ توختىتى ۋەتكەن来自: Android客户端

48

تېما

457

يازما

2405

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
6176
ئاقچا
5

تۆھپە ئوردېنى

Padichi  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-31 20:06:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sirdax4520 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-31 20:02
‏ھەيييي مەنمۇ بەك قىزىقىمەن بۇ خاككىرلىققا.لىكىن  مەند ...

  خاككىرلار ئالاھىدە ئانىلاردىن خاككىر پېتى تۇغۇلغان ئەمەس ~   سەۋيى قىزغىنلىقتىن ، ئىنتىلىشتىن كىيىن بارلىققا كېلىدۇ .  سەۋيەم  يوق دىگەنلەر  مەڭگۈ سەۋيەسى يوق  پېتى قالىۋېرىدۇ.   شۇڭا ئىنتىلىش كېرەك . . .!  
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

30

تېما

694

يازما

513

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2304
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

QQ
خاككىر05 ۋاقتى: 2013-10-31 19:06:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خاككىر05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-31 19:09  

مەن مۇشۇ 360غا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم، 360نىڭ كاساپىتىدىن كومپيۇتېر ئىككى قېتىم بۇزۇلۇپ بولدى.360نىڭ ئۆزىمۇ بىر ۋىروس ئوخشايدۇ.

3

تېما

199

يازما

553

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2023
ئاقچا
0
ئىمام786 ۋاقتى: 2013-10-31 19:15:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئاللاھ ئاجايىپ خاككىرلار باركەنغۇ ، يامان ئەمەس قىزىقىپ قالدىم جۇمۇ ، رەھمەت سىزگە! يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى ئايىمىغايسىز............

1

تېما

432

يازما

332

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

红米note

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2118
ئاقچا
0
سەردار8 ۋاقتى: 2013-10-31 19:22:27 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز  بۇ ئىشقا قىزىقمايدىغانلار يوققۇ دەيمەن来自: Android客户端

8

تېما

226

يازما

297

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1407
ئاقچا
1
izdangvqi ۋاقتى: 2013-10-31 19:27:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ 0101 لارنى قاچانمۇ چۈشىنىپ كېتەلەرمىز ؟

9

تېما

364

يازما

565

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2246
ئاقچا
10
QQ
bayawat ۋاقتى: 2013-10-31 19:48:45 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاككىرلار ئامرىكا ھۆكمىتىگە قانداق تەھتىت سالايدۇ،،،؟来自: Android客户端
بۇ ھايات بۈگۈنگە قەدەم قويدى،  

22

تېما

507

يازما

441

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4922
ئاقچا
0
hiyalim1234 ۋاقتى: 2013-10-31 19:49:19 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قالتىسقۇ كومپىيوتىر ماھىرى دىگەن ھە، بەك قىزىقىپ قالدىم جۇمۇ ،ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن رەھمەت سىزگە

5

تېما

209

يازما

657

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2006
ئاقچا
1
dhan ۋاقتى: 2013-10-31 19:50:47 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم،ھەقىقەتەن پايدىلىق تېما بوپتۇ،ئاخىرىنى ساقلايمىز ئەمسە…

22

تېما

507

يازما

441

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4922
ئاقچا
0
hiyalim1234 ۋاقتى: 2013-10-31 19:53:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى سىز خاككىرلىقنى ئۈگۈنىۋاتامسىز ھازىر سىزنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمىڭىز خېلى باكەن

14

تېما

365

يازما

551

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2076
ئاقچا
1
sirdax4520 ۋاقتى: 2013-10-31 20:02:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ھەيييي مەنمۇ بەك قىزىقىمەن بۇ خاككىرلىققا.لىكىن  مەندە ئۇنىڭغا كىتەرلىك سەۋيە يوقتە.

48

تېما

457

يازما

2405

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
6176
ئاقچا
5

تۆھپە ئوردېنى

Padichi  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-31 20:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2013-10-31 19:48
خاككىرلار ئامرىكا ھۆكمىتىگە قانداق تەھتىت سالايدۇ،،، ...

قانداق سالاتتى   :  « ھە دەپ بەرسە ئېشىۋالما !  بولمىسا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى  ھىچ بولمىغاندا ساقچى باش شىتابىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى  قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ »  دەپ   
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

7

تېما

137

يازما

729

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2584
ئاقچا
0
omak1120 ۋاقتى: 2013-10-31 20:16:09 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hahaha   rahnat  paqat yizipsila

0

تېما

85

يازما

322

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1596
ئاقچا
1
pinhan_dunya ۋاقتى: 2013-10-31 20:39:07 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانكىغا پۇل  قويماڭلار  ۋىروس يەۋەتمىسۇن يەنە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش