|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار !تور دۇنياسىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىياتى تۇرمۇشمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە تور سودىسى مەلۇم سالماقنى ئىگەللەپ مال سېتىۋېلىش ئىشلىرمىز كۈندىن -كۈنگە ئاسانلىشىپ ئائىلدە ئولتۇرۇپلا مال سېتىۋېلىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى بىرئاز تۈگەتتۇق. بىراق مەلۇم تورسودا تىجارەتچىللىرى يېڭىدىن تورسودىسغا قىزقىپ بازاردىكى سانى ئاز تېپىلشى قىيىن بولغان مەھسۇلاتلارغا ئۆزىنى ئېتىپلا بەزى سودا تورىدىكى بەزى يوچۇقلارنى بايقىماي قارىغۇلارچە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كېپىلچىلىگى يوق شەخىسلەرنىڭ ھىساۋاتىغا شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ پۇل سالماقتا.
بۇنىڭ تىپىك مىسالى :يېقىندىن بۇيان سازمال سودا تورىدىن مال سېتىۋېلىپ ئاخىرى مال كەلمەي تىل ھاقارەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ خېلى كۆپلىگىننى كۆزدەتۇتۇپ بۇ يازمىنى يازدىم. مەن بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن (سازمال سودا تورى)غا خاتىرە كومپيۇتېر ئۈچۈن 1700.00يۈەن پۇل سالغان ئىدىم. بىر ئىككى ئايغىچە پۇل يوق دوختۇر خانغا ئشلىتپ بولدۇم تۇرۇپ تۇرۇڭ دىدى. كىيىن تېلېفوننى ئالماي چەكلەپ قويدى. باشقا يانفۇندا ئۇرسام تونۇپلا شۇنداق سەت تىللىدى. باشقىلار تېلېفۇن ئۇرسا مال تەييار ھازىرلا مال سالىمەن پۇل سېلىپ بېرىڭ دەپ ئالدىراتتى. دۇكان ئادېرسى ۋە باشقا مۇقۇم تۇرۇشلۇق ئورنى كىملىكى قاتارلىقلارنى مالنى يەتكۈزۈپ بەرگۈچىگە پۇل تۆلەشنى ئېيتسا ئۇنىماي كايىپلا كەتتى. مانا ھازىر باشقا ئامال بولماي ئەرز قىلسام جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تور ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە ھاۋالە قىلدى. ئۇيەردىكى ساقچىلار تەكشۈرۈپ، ئۇ تور بەتنىڭ مۇلازىمىتىرى چەتئەلدە بولغانلىقتىن بىر ئاز ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا باشقا ئادەملەرنىڭ مۇشۇ سودا تورىدا ئالدامچىلىققا يولۇققانلارنىڭ ئىسپاتىنى يىغىپ ئەكىلىشىمنى ئېيىتتى. شۇڭا باشقىلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا ھەممە ئىسپاتنى يىغىپ مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار
ئالاقە نومۇر:15109987757چ چ :760943432
(باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي باشقىلارنىڭ ئالدىنپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ تېمامنى بىر تەستىقلىۋەتسەڭلار ناھايىتى خۇرسەن بولاتتۇق) |
|