ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2634|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تور، ئالاقە] روھلان مۇنبىرى يانفۇن نۇسخىسى 1.2 نەشرى (يېڭى) چۈشۈرۋېلىڭ

16

تېما

73

يازما

188

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
535
ئاقچا
8
تولۇق نامى: روھلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (android) يانفۇن تېرمىنالى
سىغىمى: 2.12 MB
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2013-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىلى: ئۇيغۇرچە
نەشىر ھوقۇقى: ھەقسىز (روھلان تورى)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
روھلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالىنى 2013-يىل 5-ئايدا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان يانفۇنلاردىمۇ ئۇيغۇرچە نورمال چىقىدىغان ، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم، ئىقتىدارى كۈچلۈك قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن ناھايىتى كۆپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ رۇخسەتسىز ھالدا روھلاننىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ئۆزىنىڭ مۇنبىرىگە ئۆزگەرتىپ ئىشلىشىنەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر يانفۇن نۇسخىسى قىزغىنلىق دولقۇنىنى كۆتۈرگەن ئىدى.

گەرچە ئالدىنقى قېتىملىق ئەپ ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى چىققان بولسىمۇ بىر قىسىم خاتالىقلار ساقلانغان ئىدى، بۇ قېتىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.

بۇ قېتىملىق نەشرى ئايرىم ھاسىل قىلىنىپ قايتا ئىشلەنگەچكە ئاۋال ئالدىنقى كونا نۇسخىسىنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئاندىن بۇ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، كونا نۇسخىسى ھازىر نورمال ئىشلىمەيدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن تارقىتىلغان باشقا ئۇيغۇرچە يانفۇن مۇنبەر تېرمىناللىرىنى ئۇچرىتىپ قاچىلاشقا توغرا كەلگەندە قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفۇنىڭىزدا روھلان مۇنبىرى تېرمىنالىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىپ، قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ روھلان مۇنبىرى تېرمىنالىنىڭ يانفۇنىڭىزدا بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشىڭلارنى، ئەگەر باشقا بېكەتلەرنىڭكىنى قاچىلىغاندا روھلان يانفۇن تېرمىنالى ئۆچۈپ كېتىدىغان، باستۇرلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىساڭلار مۇنبىرىمىزگە ئىنكاس قىلپ قۇيۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، بىر قىسىم مۇنبەرلەر روھلان مۇنبىرىنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ئۆز ئالدىغا رۇخسەتسىز بۇزۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللاردا دەل مۇشۇنىڭدەك خاتالىقنى سادىر قىلىپ، روھلان تور بېكىتىنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردەك روھلان تور بېكىتىنىڭ قوللىغۇچىلرىنىڭ ئىسپاتلىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەتىمىزنى قوغدايمىز.

بۇ قېتىملىق روھلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالى 1.2 نۇسخىسىدا تۈزىتىلگەن ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئەپ قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىككى دانە قارا چېكىت يوقىتىلدى .(كىچىككىنە خاتالىققىمۇ يول قويمىدۇق )
2. ئىلگىرىكى ئەپ قوزغالغاندا يانفۇننىڭ پۈتۈن ئىكرانىنى ئېگەللەپ، ئۈستىدىكى سائەت، سىگنال بەلگىسى، باتارىيە توك قالدۇقى،... قاتارلىقلارمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار تۈزىتىلىپ، باشقا يانفۇن ئەپلىرىگە ئوخشاش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
3. ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملاتقانلارنىڭ يانفۇن نۇسخىسىدا ئىسىم يېزىپ كىرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
4. تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئۇيغۇرچە ۋە ULY ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا مەزمۇن رامكىسىنى بىر قېتىم تاللاشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىق تۈزىتىلىپ، ئۆز ئارا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ بىۋاستە يازغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.
5. يانفۇندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قاتارلىق تور ئادرىسلىرىنى قوشقاندا ئۇلانماي ئادەتتىكىدەك چىقىۋالىدىغان، كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ بىر قېتىم تەھرىرلىۋەتمىسە ئۇلانما ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال تۈزىتىلپ، يانفۇندىمۇ بىۋاستە ئۇلانما قوشقىلى بولىدىغان، يوللىغان ئادرىس ئۆزلىكىدىن كۈچكە ئېگە بولىدىغان قىلىندى.
6. يانفۇندا يوللىنىدىغان تېما ، ئىنكاس چەكلىمىسى ئىلگىرىكى 1000 ھەرىپتىن 3000 ھەرىپكە كۆتۈرۈلدى، يانفۇندىمۇ كۆپ مەزمۇننى يوللاش ئەمەلگە ئاشتى.
7. سۇئال بەلگىسى تەتۈر كۆرۈنىدىغان مەسىلە ھەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلدى.


ئىلگىرىكى ياخشى ئىقتىدارلار داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى:
1. android سىستېمىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلغان ۋە تۇنۇتۇلمىغان بارلىق نەشىردىكى يانفۇندا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ.
2. يانفۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان بولسىمۇ يانفۇندىكى بەيدۇ، سوگو كىرگۈزگۈچلەردە كومپيۇتېردىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە تېما، ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ.
(4.0 دىن تۆۋەن ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغانلىرىدا ئىنكاس يازغاندا خەتلەر تەتۈر ھالەتە يېزىلىدۇ، ئەمما يوللانغاندا نورمال يوللىنىدۇ)
3. تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن تېمىدىكى رەسىم ۋە ئەزالارنىڭ باش سۈرىتىنىڭ كۆرۈنۈش-كۆرۈنمەسلكىنى يانفۇننىڭ ئېقىم مىقدارىغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچى خالىغانچە تەڭشىۋالالايدۇ.
5. بېكەتتىمۇ يېڭى ئەزالار نورمال تىزىملىتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ.
6. باشقۇرغۇچىلار يانفۇندىمۇ ئوخشاشلا  ئىنكاسلارنى ئۆچۈرەلەيدۇ.
7. يانفۇن ئېقىم مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز خورىتىدۇ.
8.  روھلاندىكى تېمىلارنى تېڭشۈن، شىنلاڭدىكى مىكروبلوگلارغا ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ.
9. يانفۇن نۇسخىدىمۇ كۆرۈپ يارىغان تېمىلارنى ساقلىغۇچقا قوشىۋالغىلى بولىدۇ.
10. دوست قوشقىلى، ئۆز ئارا مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللىغىلى، مەزمۇن ئىزدىگىلى بولىدۇ.
11. دوستلار، مۇنبەردىكى ئەزالار، ۋە يېقىن ئەتراپتىكى (30 كىلومېتىر ئەتراپتىكىلەر) نى كۆرگىلى بولىدۇ (خۇددىئۈندىدارغا ئوخشاش) .
12. سەھىپىلەرنى تاللاپ تېما كۆرگىلى، ئۆزى يوللىغان تېمىلارنى ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
13. يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق روھلان يانفۇن ئەپ دېتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى دوستلىرىغا تەشۋىق قىلالايدۇ (ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز خالىسىڭىز) .

كۆرۈنمە يۈزلىرىدىن كەسمە رەسىملەر:












چۈشۈرۈش ئادرىسى:
360 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش: http://yunpan.cn/QbDuzW4Hj3xK6
تېڭشۈن تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش: http://url.cn/NL1VHJ
خۇاۋېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش: http://dl.vmall.com/c0zjvvgkrg
روھلان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش: http://rohlan.com/rohlan.apk

بۇ يانفۇن تېرمىنالىنى ئىشلەشكە ئالاھىدە كۈچ   چىقارغان ئادۇۋكات تورىغا ۋە ئاريان ئەپەندىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
روھلان تور بېكىتى
2013-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى

37

تېما

434

يازما

950

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3233
ئاقچا
493
بايخان ۋاقتى: 2013-10-20 07:16:35 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشمەيدىكەن来自: Android客户端
توغرا

30

تېما

309

يازما

854

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2945
ئاقچا
1
musapi ۋاقتى: 2013-10-20 09:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىكەن رەخمەت

0

تېما

5

يازما

57

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
128
ئاقچا
0
1149450736 ۋاقتى: 2013-10-20 09:09:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم来自: Android客户端

5

تېما

167

يازما

490

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1307
ئاقچا
1
hutanjan ۋاقتى: 2013-10-20 09:14:33 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ تورى تىرمىنالىنىمۇ يېڭىلىۋالساق بولاتتى ، بەزىدە بەك ئاستا بولاپ كىتىتۇ来自: Android客户端

0

تېما

108

يازما

299

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
936
ئاقچا
1
yarqin ۋاقتى: 2013-10-20 11:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم.

0

تېما

152

يازما

367

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1272
ئاقچا
1
saedi ۋاقتى: 2013-10-20 11:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان مۇنبىرى نىمىشقا ئىچىلمايدۇ ؟؟؟؟

7

تېما

123

يازما

227

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
651
ئاقچا
0
ssabir ۋاقتى: 2013-10-20 11:45:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستا! نەچچە كۇندىن بېرى ئېچىلماي يامان جىلە بولۇپ كەتكەن ئىدىم، ئەسلى مۇنداقكەندە؟ مەن ھازىرلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەي ئەمسە;-)  رەھمەت جۇمۇ سىزگە  بۇتېمىنى يازمىغان بولسىڭىز مەن يەنىلا ئۇقماي ئېچىلمىدى دەپ قاچانغىچە يۇرەر بولغۇيتۇم来自: Android客户端

0

تېما

127

يازما

467

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1548
ئاقچا
0
aLMaS31 ۋاقتى: 2013-10-20 13:29:11 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق چىقمايدىكىن دىسەم ئەسلى مۇنداقكەندە来自: Android客户端

16

تېما

73

يازما

188

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
535
ئاقچا
8
Rohlan  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-21 00:50:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايخان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 07:16
چۈشمەيدىكەن

تۆت ئادرىسنىڭ ھېچقايسىسىدىن چۈشمەمدىكەن؟

37

تېما

434

يازما

950

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3233
ئاقچا
493
بايخان ۋاقتى: 2013-10-21 07:43:54 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Rohlan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-21 00:50:33


تۆت ئادرىسنىڭ ھېچقايسىسىدىن چۈشمەمدىكەن؟

ئىشقىلىپ مەق تېلفۇندا چۈشۈرەومىدىم来自: Android客户端
توغرا

12

تېما

729

يازما

362

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2491
ئاقچا
1
tograk520 ۋاقتى: 2013-10-21 09:15:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۈشۈرۋالاي جۇمۇ
تىل-يېزىقىمىزنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى!

0

تېما

513

يازما

567

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2364
ئاقچا
0
KONA ۋاقتى: 2013-10-21 10:25:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەمسە ,ئەڭ ئاستىدىكى ئادرىستىن چۈشىدىكەن

25

تېما

625

يازما

994

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

小米4- 三网版

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3748
ئاقچا
0
QQ
kara_iz ۋاقتى: 2013-10-23 01:02:13 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kara_iz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-23 01:04  

Ariyan.  Apandi.  Bilan. Naqqa.  Muza. Kir. Lixip.    .  Ahir. Ki. Yyeye gi nus.hisi.  Ni. Mukammal.  Kip.  Tar. Kat.    ' Mak. Qi. Bol. Gan.  Eduk. Arlik. Ta.   kolumdiki.  Zte. Din. Masila.  Qikip. Kelip. Tel. Fun. Yok  " lumia" telfuni. Da.  Sinax. Ka.  Imka. Niyat. Bol. May. Tax. Li. Nip. Kal. Gan  bop. Tu.  Siz. Man. Din.  Qakkan.  Qikip. Siz  ,    amdi.  Sori. Walay. "baxkurguqilar" ihtidari. Mu.  Koxu. Lip.  Bol.   di. Ma. ?

0

تېما

48

يازما

70

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
281
ئاقچا
0
Es... ۋاقتى: 2013-10-27 00:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان ئۇيغۇرچە كىنو -فىلىم دىتالى  بولسا يوللاپ قويۇڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش