- جۇغلانما
- 1676
UID8112
تىزىملاتقان2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم2015-3-12
توردا591 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1676
- ئاقچا
- 1
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-4 03:12
ئالىپداشلارغا تەكلىپ
ئەسسالام-ئەلەيكۇم ئالىپداشلار ھارمىغايسىلىلەر!
ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىپ گەپنىڭ مېغىزىنى دەي !
تۆۋەندە ئاندىرويىد سېستىمىسى توغۇرلۇق بىر قانچە تەكلىپىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن ،ئالىپتىكى قېرىنداشلار ۋە تەجىربىسى بار ئۇستازلانىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
1.ئاندىرويىد تىلفۇننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان رومنىڭ سۈكۈتتىكى تىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش
دىمەكچى بولغىنىم ئادەتتە بىز روم تەرجىمە قىلغاندا رومنى قاچىلىغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم قوزغىلىپلا ئۇيغۇرچە كۆرىندىغان قىلىش يەنى سۈكۈتتىكى تىلنى ئۇيغۇرچەقىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟خەنچە تور بەتتىن ئىزدىسەم ئەسىلدىكى سۈكۈتتىكى تىل ئىنگىلىزچە بولغان رومنىڭ تىلىنى خەنزۇچە قىلىش ئۈچۈن build.propدىگەن ھۆججەتنى ئېچىىپ تۆۋەندىكى قۇرنىڭ ro.product.locale.language=en ئەڭ ئاخىردىكى en نى zh غا ئۆزگەرتىپ رومنىڭ ئىچىدىكى ئەسىلدىكى build.propبىلەن ئالماشتۇرساق سۈكۈتتىكى تىل خەنزۇچە بۇلىدۇ دەپتىكەن ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە مەن zh نى ug غا ئۆزگەرتىپ مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنى تۇلۇق قىلغاندىن كىيىن رومنى قاچىلىسام يەنىلا خەنزۇچە،ياكى مۇنبەردە ھەل قىلىنىپ بولغان بولسا بىلمەي قالدىممۇ،ئەگەرھەل قىىلىنمىغان بولسا مۇشۇ مەسىلىنى بىر ھەل قىلساق مىنىڭچە بۇ ئانچە تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
2.ئاندىرويىد تىلفۇنلارنىڭ recovery سىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش.
بۇيەرە مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئالىپتىكى قېرىنداشلار خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە recovery نى ئىشىلتىشنى بىلمەيدۇ دىگەنلىك ئەمەس ،ھازىر ئالىپداشلار دىسەم دىمىسەم ئىنگىلىزچە بولسۇن خەنزۇچە بولسۇن تەمتىرمەي ئىشىلتىدىغان بۇلۇپ كەتتى، نىگىزلىك مەسلە نىمە دىگەندە ئاندىرويىد تىلفۇننى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ،شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇرچە قىلساق،يەنە ئازىراق ئىزدىنىپ باقساق ،مەيلى كونا يېزىقتا بولسۇن ياكى يېڭى يېزىقتا بولسۇن. پەقەت خالىغان تىلفۇننىڭكىنى ھەل قىلساق قالغانلىرى ئالىپداشلارنىڭ ياردىمىدە ئارقا ئارقىدىن ھەل بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
3.كىرگۈزگۈچكە ئۇيغۇرچە قولدا يېزىش (手写)ئىقتىدارنى قۇشۇش
ھەممىباپ كىرگۈزگۈچ بولسۇن،مەيلى بەيدۇ كىرگۈزگۈچ بولسۇن ۋەياكى 触宝输入法国际版 بولسۇن مۇشۇبىر قاتار كىرگۈزگۈچلەرنىڭ قايسىسسغا بولسا خەنزۇچىگەئوخشاش قولدا بىۋاستە يېزىش ئىقتىدارىنى قوشقىلى بولارمۇ؟
ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ مەسىللىلەرنى ئويلاۋاتاتتىم،ئەگەرزىيادە تەسەۋۋۇر قىلىپ كەتكەن بولسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر!قىنى ئالىپداشلار بىلدىغانلىرىڭلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭلار! |
|