ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 2415|ئىنكاس: 80

پۈتۈن ئەزالار بىر ئۇقۇپ چىقساڭلار

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ParishaN. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-2 13:29  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!
ئاددى تىمامغا ئازراق ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قۇيدىغان بولدۇم كەچۈرگەيسىلەر

گەپنى مۇنداقلا باشلاپ كىتەي . كەمىنە parishan بۇتوربەتكە ئەزا بولغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ، android توغۇرلۇق باشقىلارغا نەپ تەككۈدەك بىرەر تىمىمۇ يوللاپ باقماپتىمەن . (چۈنكى ئۈزەم بىر ئالما ھەۋەسكارى بولغاچ android ھەققىدە بىلىمىم كەمچىل بۇلۇش سەۋەپلىك ئۆزىرلىكمەن) شۇنداقتىمۇ كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلى(ئەمما مەن بۇنىڭدىن مەلۇم بىر ئىقتىسادى كىرىمنى مەقسەت قىلغان ئەمەسمەن ) بۇ مۇنبەرنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى بۇلۇپ تۇردۇم . پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ يوللىغان تىمىلىرى ، كۆرسەتمىلىرى ، يىتەكلىشى نەتىجىسىدە ھەم كۆرىنەرلىك ، پايدىلىق بولغان ئاز تۇلا بىلىمەرگىمۇ ئىگە بولدۇم . رەقەملىك دۇنيا تەرەققى قىلىپ ، مەن ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇننى ئىشىلتىپ ھاجىتىم چۈشكەندە ئىزدىنىپ  ئېھتىياجىمدىن تۈنجى چىققان توربەت مۇشۇ شۇ  دىسەم ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، android ئىشىلتىپ يۇلۇققان مەسىلىنى ئۈزۈم بىر تەرەپ قىلايچۇ دىگەنلەر ئۈچۈن بۇ تور بەتنى تاللىماسلىققا باھانە يوق ، ھەم بۇ توربەت ئۇنداقلارنىڭ كۆزىدىن ساقىت ئەمەس.  شۇ ۋەجىدىن ئۇستاز قېرىنداشلىرىمىزغا ، ئاللاھتىن مەنپەئەتلىك ئىلىم تىلەيمەن . android ھەققىدە  ئېتىياجى چۈشكەنلىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىۋاتقان ، ئالىپ ئۈچۈن ئەجىرسىز خىزمەت قىلىۋاتقان بارىلىق ئۈگەتكۈچى،ئۈگەنگۈچىلەرگە ئاللاھدىن نۇسرەت تىلەيمەن تەشەككۈرلەر بولسۇن ئەزىزلەر ھارماڭلار !!!!!!!!!! ئەمدى ھەر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك ، بىز يۇقىردا ئاددى ، تىل بىلەن بۇ توربەتنىڭ ئاددىيلىقتىن تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھەممە androidھەۋەسكارلىرى بىلىدىغان ، ئۇيغۇر ئىچىدە بىر ئاتالغان ھازىرقى (ئالىپ)تورى ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنىمۇ يۈزەكىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، بۇ ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش . ئەمما ......باشقا توربەتلەردىن سەل پەرىقلىنىپ ،دائىم كۈرۈلۈپ تۇرۋاتقان بىر ئەيىپى بولسا ئەزالارنىڭ تىمىلارغا يازغان ئىنكاسلىرى ئادەمنى بىر خىللا قىلىپ قۇيىدۇ ، قانداق ئىنكاس دەمسىز ؟ئاتايىن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بېشىغا كىلىپ باقمىغانلار پايدىلىنىپ قالار دەپ بىر تىما يازسىڭىز ، شۇ تىمىڭىزنى ياقتۇرمىغان بىرەر ئەزا بۇلۇپ قالسا( ئېشىپ ،  تېشىپ ئىشىلتىپ بۇلالمىغان ۋاقتىنى سىزنى پۇسكايتىش ئۈچۈن ، زەھرىنى چېچىپ تىما يوللىيالماس قىلىۋېتىش، دەردىنى چىقىرۋېلىش  ئۈچۈن ۋاقىت چىقارسا چىقىردۇكى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خالىسانە نىيتىڭىزنى چۈشىنىپ ھالىڭىزغا يەتمەيدۇ ) مەسلەن بۇنداق ئەھۋال كۆپۈنچە سودا-سېتىقتا كۆپ كۈرۈلدىكەن.سىز بۇ تور بەتنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى بولسىڭىز شۇنى ھېس قىلىش تەس ئەمەسكى ، بەلكىم سىزمۇ ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق كۆڭلۈڭىزنى غەش قىلىپ قۇيدىغان ، قوپال مۇئامىلىلەردىن ئامان قالغۇچى ئەمەس. ئەلبەتتە ئاددىيسى مىنىڭ مۇشۇ ياخشى خالىس نىيەت   بىلەن يوللىغان تىمامغا تۇللۇقلىما بىرىشتىن تۈگۈل دەككەمنى بىرىدىغانلار چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . مەيلى مەنمۇ تىمىنى يىزىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغان
  
شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىككە بىرىدىغان كىچىككىنە تەكلىپىم : ئۇچۇر-ئالاقىدە سىلىق سىپايە بۇلۇپ توربەت ئەخلاقىغا ئالاھىدە رىئايە قىلغان ئاساستا مەدەني توربەت مۇھىتى بەرپا قىلساق ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتىپ قۇيۇشتىن ساقلانساق قېرىنداشلار ! ئاخىردا ئاللاھ  ئەخلاقىمىزنى قۇرئان بىلەن زىننەتلىسۇن!ھەممىمىزگە ھەق ئۈسىتىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ئەقىل بەرسۇن! ھەق ئۈسىتىدە سابىت قىلسۇن ! ھەق يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كىيىن ،باتىلغا ، زالالەتكە مايىل قىلۋەتمىسۇن!
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-10-2 13:36:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ok..,.........!
ۋاقتى: 2013-10-2 13:40:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت رەھمەت قىرىندىشىم بەكلا ياخشى يىزىپسىز ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن مەن قوشۇلىمەن
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-10-2 13:42:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوقۇم بۇنىڭغا رېئايە قىلىشقا تىرىشىمەن ھەم رېئايە قىلىمەن
ۋاقتى: 2013-10-2 13:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتاق يوق .پىكىرىڭىزنى قوللايمەن.
ۋاقتى: 2013-10-2 13:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىككە بىرىدىغان كىچىككىنە تەكلىپىم : ئۇچۇر-ئالاقىدە سىلىق سىپايە بۇلۇپ توربەت ئەخلاقىغا ئالاھىدە رىئايە قىلغان ئاساستا مەدەني توربەت مۇھىتى بەرپا قىلساق ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتىپ قۇيۇشتىن ساقلانساق قېرىنداشلار ! ئاخىردا ئاللاھ  ئەخلاقىمىزنى قۇرئان بىلەن زىننەتلىسۇن!ھەممىمىزگە ھەق ئۈسىتىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ئەقىل بەرسۇن! ھەق ئۈسىتىدە سابىت قىلسۇن ! ھەق يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كىيىن ،باتىلغا ، زالالەتكە مايىل قىلۋەتمىسۇن................................................رەھمەت قىرىندىشىم  ئاللاھ ئەجىرىڭزنى بەسۇن  
ۋاقتى: 2013-10-2 13:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-10-2 13:53:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ەسالامۇ ئەلەيكۇم. مەنمۇ بۇقىرىندىشىمنىڭ دىگەنلىنى قۇۋەتلەيمەن. بۇھەم مىنىڭ يۇرەك سۆزۇم ئىدى. مەنمۇ مۇشۇ توغرىسىدا بىر تىما يازماقچى ئىدىم. ئاللا سىزگە ۋە ئالىپ ئاكىمىزغا بارلىق تورباشقۇرغۇچىلار، ۋە قىممەتلىك تىمىلىرى بىلەن بىزلەرگە مەنفەت يەتكۇز ۋاتقان مۇنبەر ئەزالىرىغا ھەرئىككى دۇنيالىق مەنفەتلىك ئىلىم ئاتاقىلغاي.مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگىنى ۋە كەلگۇسى ئۇچۇن ھارماي تەرتۆكۋاتقان شۇ مىھنەتكەشلەرگە ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق سائادەت ئاتا قىلسۇن.
ۋاقتى: 2013-10-2 13:53:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
ۋاقتى: 2013-10-2 14:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر قوللايمىز.
بىرىگە تەنە گەپ قىلىشۋاتقان، سېسىق گەپ قىلىشۋاتقان ئىنكاسلارنى نەدە كۆرسەم ئۆچۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئاغزىنى بۇزۇپ ئادەم تىللىغان بىر قانچە ئەزانى چەكلىۋەتتىم.
باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە تورداشلارمۇ تېما يازغۇچىنىڭ تەلىپى بويچە ئەخلاقلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاقتى: 2013-10-2 14:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىن
ۋاقتى: 2013-10-2 14:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-2 14:08:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھ ھەممىزگە رەھمەت قىلسۇن  !ھەممىزنىڭ  نەزىريەنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرالىشىمىزغا ئاللاھ مەدەتكار بولسۇن!
ۋاقتى: 2013-10-2 14:10:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتاخ يوخ
ۋاقتى: 2013-10-2 14:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى بىر تېما بۇپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش