- جۇغلانما
- 1178
UID19055
تىزىملاتقان2013-6-27
ئاخىرقى قېتىم2015-3-5
توردا462 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1178
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ParishaN. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-2 13:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!
ئاددى تىمامغا ئازراق ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قۇيدىغان بولدۇم كەچۈرگەيسىلەر
گەپنى مۇنداقلا باشلاپ كىتەي . كەمىنە parishan بۇتوربەتكە ئەزا بولغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ، android توغۇرلۇق باشقىلارغا نەپ تەككۈدەك بىرەر تىمىمۇ يوللاپ باقماپتىمەن . (چۈنكى ئۈزەم بىر ئالما ھەۋەسكارى بولغاچ android ھەققىدە بىلىمىم كەمچىل بۇلۇش سەۋەپلىك ئۆزىرلىكمەن) شۇنداقتىمۇ كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلى(ئەمما مەن بۇنىڭدىن مەلۇم بىر ئىقتىسادى كىرىمنى مەقسەت قىلغان ئەمەسمەن ) بۇ مۇنبەرنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى بۇلۇپ تۇردۇم . پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ يوللىغان تىمىلىرى ، كۆرسەتمىلىرى ، يىتەكلىشى نەتىجىسىدە ھەم كۆرىنەرلىك ، پايدىلىق بولغان ئاز تۇلا بىلىمەرگىمۇ ئىگە بولدۇم . رەقەملىك دۇنيا تەرەققى قىلىپ ، مەن ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇننى ئىشىلتىپ ھاجىتىم چۈشكەندە ئىزدىنىپ ئېھتىياجىمدىن تۈنجى چىققان توربەت مۇشۇ شۇ دىسەم ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، android ئىشىلتىپ يۇلۇققان مەسىلىنى ئۈزۈم بىر تەرەپ قىلايچۇ دىگەنلەر ئۈچۈن بۇ تور بەتنى تاللىماسلىققا باھانە يوق ، ھەم بۇ توربەت ئۇنداقلارنىڭ كۆزىدىن ساقىت ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئۇستاز قېرىنداشلىرىمىزغا ، ئاللاھتىن مەنپەئەتلىك ئىلىم تىلەيمەن . android ھەققىدە ئېتىياجى چۈشكەنلىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىۋاتقان ، ئالىپ ئۈچۈن ئەجىرسىز خىزمەت قىلىۋاتقان بارىلىق ئۈگەتكۈچى،ئۈگەنگۈچىلەرگە ئاللاھدىن نۇسرەت تىلەيمەن تەشەككۈرلەر بولسۇن ئەزىزلەر ھارماڭلار !!!!!!!!!! ئەمدى ھەر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك ، بىز يۇقىردا ئاددى ، تىل بىلەن بۇ توربەتنىڭ ئاددىيلىقتىن تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھەممە androidھەۋەسكارلىرى بىلىدىغان ، ئۇيغۇر ئىچىدە بىر ئاتالغان ھازىرقى (ئالىپ)تورى ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنىمۇ يۈزەكىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، بۇ ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش . ئەمما ......باشقا توربەتلەردىن سەل پەرىقلىنىپ ،دائىم كۈرۈلۈپ تۇرۋاتقان بىر ئەيىپى بولسا ئەزالارنىڭ تىمىلارغا يازغان ئىنكاسلىرى ئادەمنى بىر خىللا قىلىپ قۇيىدۇ ، قانداق ئىنكاس دەمسىز ؟ئاتايىن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بېشىغا كىلىپ باقمىغانلار پايدىلىنىپ قالار دەپ بىر تىما يازسىڭىز ، شۇ تىمىڭىزنى ياقتۇرمىغان بىرەر ئەزا بۇلۇپ قالسا( ئېشىپ ، تېشىپ ئىشىلتىپ بۇلالمىغان ۋاقتىنى سىزنى پۇسكايتىش ئۈچۈن ، زەھرىنى چېچىپ تىما يوللىيالماس قىلىۋېتىش، دەردىنى چىقىرۋېلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارسا چىقىردۇكى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خالىسانە نىيتىڭىزنى چۈشىنىپ ھالىڭىزغا يەتمەيدۇ ) مەسلەن بۇنداق ئەھۋال كۆپۈنچە سودا-سېتىقتا كۆپ كۈرۈلدىكەن.سىز بۇ تور بەتنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى بولسىڭىز شۇنى ھېس قىلىش تەس ئەمەسكى ، بەلكىم سىزمۇ ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق كۆڭلۈڭىزنى غەش قىلىپ قۇيدىغان ، قوپال مۇئامىلىلەردىن ئامان قالغۇچى ئەمەس. ئەلبەتتە ئاددىيسى مىنىڭ مۇشۇ ياخشى خالىس نىيەت بىلەن يوللىغان تىمامغا تۇللۇقلىما بىرىشتىن تۈگۈل دەككەمنى بىرىدىغانلار چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . مەيلى مەنمۇ تىمىنى يىزىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغان
شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىككە بىرىدىغان كىچىككىنە تەكلىپىم : ئۇچۇر-ئالاقىدە سىلىق سىپايە بۇلۇپ توربەت ئەخلاقىغا ئالاھىدە رىئايە قىلغان ئاساستا مەدەني توربەت مۇھىتى بەرپا قىلساق ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتىپ قۇيۇشتىن ساقلانساق قېرىنداشلار ! ئاخىردا ئاللاھ ئەخلاقىمىزنى قۇرئان بىلەن زىننەتلىسۇن!ھەممىمىزگە ھەق ئۈسىتىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ئەقىل بەرسۇن! ھەق ئۈسىتىدە سابىت قىلسۇن ! ھەق يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كىيىن ،باتىلغا ، زالالەتكە مايىل قىلۋەتمىسۇن! |
|