- جۇغلانما
- 1234
UID4176
تىزىملاتقان2011-11-16
ئاخىرقى قېتىم2015-6-3
توردا359 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1234
- ئاقچا
- 0
|
كەمىنە ئاندىرويىدنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسس ۋاقىتلىرىمدا توردىن تېلىفۇن سېىتىۋالماقچى بولۇپ google ماركىسىدىكى تېلىفۇن قانداق بولىدىغاندۇ دەپ قىزىقىپلا،ھەم شۇنداقلا باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى كۆرۈپلا سېتىۋالغان ئىدىم.كېيىنچە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئاندىرويىد توغرىسىدىكى يازمىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزۈمنىڭ يانفونۇمنىڭمۇ مۇشۇ سېستىمىدىكى يانفۇن ئىكەنلىكىنى بىلىدىم،ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تونۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ،مۇشۇ ھەقتە تور دۇنياسىدىن ئىزدىنىپ كۆپ ھەپىلەشتىم.ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ ھوقۇق بېرىپ باقتىم،كېيىن ئالىپ مۇنبىرى(مەزكۇر مۇنبەردەك كەسپىي دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇنبىرىنى بەكمۇ كېچىكىپ بايقاپتىمەن)دىكى ئەرەپچە قوللايدىغان قىلىش ئۇسۇلىنى سىناپ باقتىم.نەتىجىدە بولسا يانفونۇم قوزغالماي قويدى.
گەرچە بۇ پېشقەدەم ئاندىرويىدلىق يانفۇننىڭ دەۋرى ئاللىبۇرۇن ئۆتكەن بولسىمۇ،ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان ھەم بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان يانفوننى ئالماشتۇرىۋەتكۈم كەلمىدى،ئۇيغۇرچە قوللايدىغان قىلىش ئىشقىدىن تېخى كېچەلمىدىم.قايسى كۈنى مۇنبەردىكى كۆپ بېلەت تاشلانغان يانفونلارغا ئۇيغۇرچە روم ياسايدىغان ئۇچۇرنى كۆرۈپلا تىزىملىتىپ بېلەت تاشلىماقچى بولساممۇ،بۇ بۇرادىرىم تېخى تىزىملىككە كىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالماپتۇ.
دېمىسىمۇ مۇنبەر ئاتامانلىرى2008-يىلى ئىشلەپچىقىرىلىپ،ھازىر چىقىرىلىش توختىغان بۇ يانفونغا ئۇيغۇرچە روم ياسالسىمۇ ئىشلىتىدىغانلار كۆپ چىقمايدۇ دەپ ئويلاپ تىزىملىككە قوشمىغان بولىشى مۇمكىن.مەن مۇنبەردىكى بەزى ئىنكاسلاردىن مەندىن باشقا G1ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدىم.شۇڭا ئاۋال مۇشۇ تېما ئارقىلىق مەزكۇر يانفۇننى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ۋە كۆپرەك بولۇپ قالسا ھەممەيلەن بىرلىشىپ مۇنبەر ئاتامانلىرىغا ئىلتىجايىمىزنى يەتكۈزۈپ باقساق مۇشۇمۇ ئۇيغۇرچە رومى بار يانفۇنلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالامدىكىن دېگەن ئۈمۈدتە مۇشۇ تېمىنى يوللىدىم.ئەسلى بېلەتلىك قىلىپ يوللاي دېگەن لېكىن قانداق يوللاشنى بىلەلمەي قالدىم،شۇڭا قاتناشماقچى بولغانلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن |
|