نۇرغۇن دوسلار كومپىيوتېردا ئاندىروئىد تەقىلدى سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ باققان ،ئەمما نۇرغۇن مەسىلىگە يولۇقتىڭىزمۇ؟
مەسلەن: تەقىلدى سېستىمىغا ئەپ قاچىلاش،تەقىلدى سېستىمىنى روتلاپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
ھاھا مانا بۇئىشلار ئەمدى ئاسانلاشتى ،بۈگۈن سىلەرگە دەرجىدىن تاشقىرى ئىككى خىل ئاندىروئىد تەقلىدى سېستىما ياردەمچىسىنى تونۇشتۇرمەن.
بۇسېستىمىلاردا كومپىيوتېرغا ئۈندىدار ،چ چ،قولاي خەت دېگەندەك ھەرقانداق ئاندىروئىد ئەپلىرىنى بىمالال قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز.بۇرۇنقى تەقىلدى سېستىمىلارغا قارىغاندا ئىشلىتىش ئاسان.
بىرىنچى تەقىلدى سېستىما تونۇشتۇرشى
بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق مىليونلىغان ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز،بۇرۇنقىدەك يانفون چوماقچىسىغا ئۇلاپ ئەپ قاچىلاش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلسىز.
ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېكران ئېنىقلىقى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
IMEIئۆزگەرتەلەيسىزۋە تولۇق روت ھوقوقىغا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېرىشەلەيسىز.
ئىككىنچى سېستىما تونۇشتۇرشى
1.بىر كۇنۇپكا بىلەنBluestacksقاچىلاش
بىر كۇنۇپكا بىلەنBluestacksدېتالىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلايدۇ.
2.سىغىم كارتىسىنى باشقا دېسكا رايونىغا يۆتكەش
cدېسكا رايونىغا باغلىنىپ قالغان سىغىم كارتىنى خالىغان دېسكا رايونىغا تەڭشىگىلى بولىدۇ،بۇئارقىلىق Bluestacksدېتالىنىڭcدېسكارايونىنى توشقۇزۇپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
3.بىركۇنۇپكا ئارقىلىق ئەپلەرگە باغلىنىدۇ ،توردىن چۈشۈرگەن ئەپلەتنى قوش چېكىپلا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز
4.روت ھوقوقىنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئالغىلى بولىدۇ ، سىغىم كارتىسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن 64گ غا كۆترىدۇ.
بىرىنچى سېستىمىنى چۈشۈرۈش: http://www.kaopu001.com/soft/index.html
ئىككىنچى سېستىمىنى چۈشۈرۈش:http://www.shouzhi.net.cn/z/geilizhushou.html
يۇقارقى سېستىمىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار .
--ئەسكەرتىش بۇلارنىڭ ھەممىسى كومپىيوتېردا ئىشلىتىلدىغان ئاندىروئىد تەقىلدى سېستىمىسى--
تېمىنى تولۇق كۆرمەيلا تېلفونغا قاچىلىغىلى بولامدۇ،تېلفونىنى بىرنېمە قىلغىلى بولامدۇ دەپ ئىنكاس يازماڭلار! |