- جۇغلانما
- 1830
UID737
تىزىملاتقان2011-3-29
ئاخىرقى قېتىم2015-4-27
توردا462 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1830
- ئاقچا
- 0
|
بۇ ئۈسكۈنە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئەقلى ئىقدىدارلىق سىمسىز تور كارتىسىغا ئوخشايدۇ. يەنى wifi سېگىنالىنى قۇبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش رولى بار. ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ usb ئېغىزىغا چېتىپ ئىشلىتىمىز. يەنى ئادەتتە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ سىمسىز تور كارتىسى بولمايدۇ، بۇ ئۈسكىنە ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى wifi سېگىنالىنى قۇبۇل قىلىپ تورغا چىققىلى شۇنداقلا سىملىق تور سېگىنالىنى wifi سېگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. ئەمىليەتتە خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئەسلىدىنلا بۇ خىل ئىقدىدارلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاندىرويىد سېستىمىلىق ، ئەقلى ئىقدىدارلىق تېلفۇنلارنىڭمۇ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تەمىنلىگەن GPRS تور سېگىنالىنى wifi سېگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىپ بېرىش ئىقدىدارى بولىدۇ. ھە راست بۇ خىل usb سىمسىز توركارتىسىدىن بىرنى مەن ئۆتكەن يىلى كومپيۇتېر شەھەرچىسىدىن 25 يۈەنگە سېتىۋالغان، ئۆيدىكى ئۇستەل كومپيۇتېرى ھەم ئەقلى ئىقدىدارلىق تېلۋۇزۇرغا چېتىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، ھەقىقەتەن قۇلايلىق. |
|