- جۇغلانما
- 1429
UID3962
تىزىملاتقان2011-11-6
ئاخىرقى قېتىم2014-7-10
توردا433 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1429
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghur Boy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-22 12:42
ھەممىزگە مەلۇم iphone نىڭ تېخى رەسىمىي يوسۇندىكى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت تۈرمىدىن قاچقان شارائىت ئاستىدىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما تۈرمىدىن قاچۇرۇش قولايسىز ھەم بىخەتەر ئەمەس بولغاچ نۇرۇغۇن كىشىلەر كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمەيدۇ. بۇ قېتىم تارقاتقان ios7 دىمۇ ئۇيغۇرچىدىن ئەسەر يوق، ھەتتا بەزى ئەپلەردە ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر تەتۈر شەكىلدە باغلاشمايدىغان كۆرۈنىدىكەن. مەقسەتكە كەلسەك بىز پەقەت توردىن پايدىلىنىپ ئالمىغا بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىمىزنى ئىنكاس قىلساق بەلكىم ئۇلارنىڭ دىققەت ئېتبارىنى قوزغاپ بۇ ئىش روياپقا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.بۇ ئىشنى نوقۇل مەلۇم ئورگـان ياكى مەلۇم شىركەتكىلا تاشلاپ قويساق مېنىڭچە بۇنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ قالغۇدەك. شۇڭا بىر سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئالمىغا ئىنكاس قىلساق بۇ ئىشقا كۈچەۋاتقانلارغىمۇ زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
نەق گەپكە كەلسەك مەخسۇس iphoneغا Feedback يەنى كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ئىنكاس قىلىساق بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىشى مۇمكىن.ئەمما بۇنىڭغا نۇرۇغۇن كىشىلەر ئاۋاز قوشىسا ئۈنۈمى بولىدۇ. مېنىڭچە ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچى بولىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. تىبەتلەرنىڭ ئاللىقاچان كىرگىزگۈچى بار.
رەسىمگە قاراڭ. مانا بۇ ios7 دىكى تىبەت كىرگۈزگۈچىسى

بۇ قېتىمقى ios7 دە خەنزۇچىنىڭ 9كاتەكلىك كىرگۈزگۈچى رەسىمي يوسۇندا قوشۇلدى.بۇمۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.
==============================================
ئىنكاس قىلىش تور بېتى
http://www.apple.com/feedback/iphone.html
ئېنگلىزچە بىلىدىغانلار ئېنگلىزچە يازسا يازالمىغانلار تەييار ئىنكاسلارنى ctrl+c بىلەن ctrl+v قىلسا شۇنىڭ بىلەن ئالما مۇشۇنداق نۇرۇغۇن ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇپ ئالسا بۇنىڭغا دىققەت نەزىرى بىلەن قارىسا ئەجەپ ئەمەس. ئەمما بۇنىڭغا مېنىڭچە ئازدېگەندە يۈزمىڭ كۆپ بولسا نەچچە مىليون ئىنكاس بولسا ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان ip ۋە ئوخشىمىغان ئېلخەتلەردە دىمەكچى. ئۈنۈمى بولارمىكى. بولمىسا ئىككى توكتوك ئادەمنىڭ ئىنكاسى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشى ناتايىن.
دىمەك ھازىر بىز ئىنكاسنى بىريەرگە يېىغىپ مېغىزلىق ،چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىنكاسنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئېنگلىزچىگە ئۆرۈپ تەييار شەكلىدىكى ئىنكاسقا ئايلاندۇرساق ئاندىن بۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۈستىدىكى يەرگە ئىنكاس قىلساق قانداق بولار؟ قېنى بىرنەرسە دەپ بېقىڭلار ئالىپداشلار
بۇ تىمىنى مەن يازمىدىم ئەھمىيتى باركەن دەپ قارىغاچقا بىلىك تورىدىن كۈچۈرۈپ ئەكەلدىم
|
|