|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۇبات786 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 14:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
ئاللاھنىڭ سالامى ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!!!
گوگۇل ئەپ بازىرى ئاندىرويد ئەپ بازارلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى ۋە شۇنداقلا ئەڭ ياخشىسى دىيىشكە بۇلىدۇ، بەلكىم تورداشلار بەيدۇ، سوگو، پۇرچاق، 91 ....قاتارلىق ئەپ بازارلىرىنى ئىشلىتىپ باقتى لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئەپ بازارلىرى (چەتنىڭ نەرسىلىرى تولۇق قوللىغان) ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ،ئۇيغۇرچە خەت بېسىپ ئىزدىسىڭىز ئىزدەش نەتىجىسى نۆل چىقىدۇ.
بۇ جەھەتتە گوگۇل ئەپ بازىرى ھەقىقەتەن ئىشلىتىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ، ئىچىدە ئەپنىڭ كۆپلۈكىنىغۇ دىمەيلا قۇياي....، لېكىن بۇ ئەپ بازىرىنى ئىشلىتىش ھەممىمىزگە نىسىپ بولغىنى يوق، بۇ پەقەت sony ۋە LG قاتارلىق ئازغىنە تېلىفۇنلاردىن چىقىدىكەن، ئۇنى ئاز دەپ قاچىلىماقمۇ تەسكەن ياردەمچى ئەپلەر ۋە بىر تال jar ھۆججەت تولۇق قاچىلانمىسا بۇ نۇرمال ئىجرا بولمايدىكەن، بۇنى قاچىلاشنى بىلىدىغانلارمۇ ئازكەن، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز نۇرمال قاچىلىيالماي بۇ ئەپ بازىرىنى ئىشلەتكۈسى بولسىمۇ لېكىن.........
قېنى ئەمسە بۇ ئەپ بازىرىنى نۇرمال ئىشلەتكۈڭلار بولسا تىيمىغا دىققەت قىلىڭلار!!!
ئاۋال بۇ ئادرىسقا كىرىپ گوگۇل ئەپ بازىرى قاچىلاش بولىقىنى چۈشۈرۈڭ!!!
http://pan.baidu.com/share/link? ... 9&uk=3291862224
ئاندىن بۇنى recovery ئارقىلىق يانفۇنغا روم قاچىلىغانغا ئوخشاش قاچىلاڭ!!! قاچىلاشتىن ئاۋال زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش ھاجەتسىز.
شۇنىڭ بىلەن گوگۇل ئەپ بازىرى يانفۇنىڭىزغا نۇرمال قاچىلاندى دىگەن گەپ.
ياكى ماۋۇ ئەپتىن پايدىلانساڭلارمۇ بۇلىدۇ.
http://pan.baidu.com/share/link? ... 565&uk=87513769
ئەمدى بۇنى رومغا قۇشۇش ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە:
گوگۇل ئەپ بازىرى قاچىلاش بولقىنى قوش چېكىپ winrar دا ئاچىمىز.
ئاندىن بىز تەييارلىۋالغان رومنىمۇ ئوخشاشلا قوش چېكىپ ئېچىپلا ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى تاللاپ سىرىپ ئەكىلىپ گوگۇل ئەپ بازىرى قاچىلاش بولقى ئۈستىگە تاشلاپ قويساقلا شۇ رومغا گوگۇل ئەپ بازىرى قۇشۇلدى دىگەن گەپ.
مەن مۇشۇنداق قىلىپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ يەرگە يوللىدىم.
دىققەت تەتۈر مەشغۇلات قىلىپ قاچىلاش بولىقىنى روم ئىچىگە سىرىماڭ چوقۇم ئەپ بازىرى قاچىلاش بولىقى ئۈستىگە رومنى سىرىپ ئەكىرىپ ئىككىسىنى بىرىكتۈرۋېتىشىڭىز كىرەك، بولمىسا روم قاچىلانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۇندىن كىيىن روم تەرجىمانلىرى تەرجىمە قىلغان ھەرقانداق بىر رومغا بۇنى چوقۇم قۇشۇۋېتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن!!!!!!! بۇ ھەم ئۆتكەنكى مەردان يوللىغان ئۇيغۇرچە ئاندىرويد سىستىمىلىرىغا قانداق تەلەپ بار دىگەن تىيمىغا جاۋابىم.
تىيما يانفۇندا يوللاندى ئىملا خاتالىقى كۈرۈلگەن بولسا مازاق قىلماڭلار!!!
|
|