- جۇغلانما
- 3793
UID19471
تىزىملاتقان2013-7-8
ئاخىرقى قېتىم2015-4-19
توردا304 سائەت
ئالاھىدە ئەزا
‹‹ اللە اكبر ››
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3793
- ئاقچا
- 5

|
13-چىسلادىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، چەتئەل تاراتقۇلىرى Android 4.4 سېستىمىسى قاچىلانغانNexus 5 10-ئاينىڭ14-كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە ئېلان قىلىندىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق بۇ خەۋەر گوگىل شىركىتى تەرىپىدىن راسلىقىنى بېكىتمىگەن، گوگىل شىركىتى پەقەت كېيىنكى ئەۋلاد Android سېستىمىسىنىڭ ‹‹Kitkat›› ناملىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك گوگىل شىركىتى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىNexus 5نى ئېلان قىلىدۇ، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى بولغان Android 4.4سېستىمىسى ئىشىلتىلگەن تىپ. Android 4.4نىڭ تاراتقۇلار ئاشكارلىغان بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىدىن : يېڭى كۆرۈنمە ھالەتتىكى سۈرەت ئامبىرى ئىقتىدارى، ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېڭى APOئىقتىدارى ھەمدە يېڭىچە خەۋەر ئىستونى ۋە ئەسلى رەڭ بېرىلىشىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن ئىبارەت. پەقەت نەشىرىلاAndroid 4.4گە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، سېستىمىنىڭ ئاساسى گەۋدە قىسىمىغا يەنىلا بەك چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن ۋە يېڭى لاھىيىلىمىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى Nexus 5نىڭ گاۋشىياۋتوڭ 800 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەنلىكى، P1080 ئېنىقلىقتىكى 5 دىيۇملۇق ئېكران، ئارقا كامېراسىنىڭ 1300 مېلىيۇن پېكسىل ئىكەنلىكى، GB2 چوڭلۇقتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ(RAM)ھەمدە يانفۇن ئىچىگە mah2300 لىق باتارىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.ئونۋىرسال جەھەتتىن قارىغاندا،Nexus 5 نىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمە ئۆلچىمى خېلىلا ياخشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق mah2300 لىق باتارىيە سەپلەنگەنلىكىگە قارىغاندا گوگىل شىركىتى Nexus 5نىڭ توك تېجەش تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىغا خېلىلا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
نۇر تورى |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|