بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alnida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-15 21:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ،مەملىكىتىمىزدە تۆۋەندىكى ئۈچ خەۋەرلىشىشنى ھەممىمىز ئىشلىتىۋاتىمىز .
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەن ۋە باشقا نۇرغۇن تورداشلار بېلىشنى ئىستەۋاتقان ،ۋە بېلىشكە قىزىقىۋاتقان توۋەندىكى مەسىلىلەر بار .مۇشۇ مەسىلىلەرگە ھەممىمىز بىلىشىمىزچە بىر ئېغىزدىن بولسىمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ ،بىلگىنىمىزنى ھەممىمىز بىر ئورتاقلاشساق دەپ بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
1.مەملىكىتىمىزدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ،قايسىسىنىڭ تور ئېقىم مىقدارى ئەرزان؟
2.قايسىسىنىڭ تور سۈرئىتى تىز؟ بۇنى ماۋۇتىمىدىن ئاساسەن بىلىۋالدۇق .
3.يېقىن كەلگۈسىدە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G كەسپىنى يولغا قويسا ھازىرقىدىن ئەرزانلىشش ئېھتىمالى بارمۇ-يوق ؟(ناۋادا شۇچاغدا ھازىر ئىشلىتىپ كەلگەن كۆچمىنىڭ نۇمۇرلىرىنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ-يوق ؟
4..قايسىسىنىڭ سۆزلىشىش ھەققى،ئېتىبار كەسىپلىرى ياخشى ؟
5.قايسىسىنىڭ قانداق-قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟قايسى شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى؟
ھازىر يۇقارقىلارنى ياخشى ئويلاشمىساق، يا تېلىفۇندا سۆزلەشمەي مۇمكىن ئەمەستەك بېلىنىدۇ،سۆزلەشمەي بولمايدىكەن، تېلىفۇن ئالاقىسى يوق ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ .ئىلگىركى ئادەملەر ئالاقە ئىشلىرىنى قانداق قىلىپ بىجىرىپ بولغىنىغا ھەيرانمەن .
بۇئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقانمىز سۆزلىشىدىكەنمىز. ھەر ئاي. ھەريىل ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن .پۇل توختىماي كېتىۋېرىدىكەن .تاما-تاما كۆل تولا دىگەندەك، بىر يىللىق تېلىفۇن +تور پۇللىرىمىزقوشۇلۇپ پالانى پۇل بولۇپ شەرققە قاراپ كىرىپ كېتىۋېرىدىكەن .
شۇڭلاشقا ، قانداق قىلغاندا ھازىر بار بولغان ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ باھاسى ئەڭ ئەرزان. تور سۈرئىتى ئەڭ تىز،ئۇنۋېرسال مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيمىز؟ ھەممەيلەن بىر ئىزدىنىپ ئەركىن پىكىرلىشىپ باقساق دەپ ئۈمۈت قىلىمەن .
بىلگىنىڭىزنى ئېيتىپ بىرىشتىن ئايىماڭ .
بىلمىگىنىڭىزنى سوراشتىن تارتىنماڭ .
قېنى ئەمىسە مەرھەمەت
|