ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 3615|ئىنكاس: 32
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفۇندا كۆكچىش ئارقىلىق ھەقسىز تورغا چىقىش

11

تېما

48

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
5
يانفۇندا كۆكچىش ئارقىلىق ھەقسىز تورغا چىقىش
ئادەتتە بىز يانفۇندا تورغا چىقىساق بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنىڭ gprs    مۇلازىمىتى ئارقىلىق تورغا چىقاتتۇق. تۆۋەندە يانفۇندىكى كۆكچىشتىن پايدىلىنىپ، يانفۇننى كومپيۇتېرنىڭ تورىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز. ئەمدى بەزىلەر تورغا چىقالايدىغان كومپيۇتېر تۇرغان يەردە يانفۇندا تورغا نىمە قىلارمىز دىيىشى مۇمكىن. ئەمما بەزىدە سىزنىڭ يانفۇننى تورغا ئۇلاش ئىھتىياجىڭىز بولۇپ قالىدۇ. ھىچ بولمىسا ئىشخانىدا كومپىيۇتېرنى باشقىلار ئىشلەتكەندە سىزنىڭ قاراپ تۇرماي، يانفۇنىڭىز ئارقىلىق تورغا چىقسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. بۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى جىق مۇلاھىزە قىلمايلى، ئەگەر سىزنىڭ  يانفۇندا تورغا چىقىش ئىھتىياجىڭىز بولسىلا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپكە كىلەيلى.

ئالدى بىلەن مېنىڭ سىناق مۇھىتىمنى ئەسكەرتىۋىتەي. كومپىيۇتېر ئادەتتىكى ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان ئۈستەل كومپىيۇتېرى،   يانفۇن   nokia 6120c   ، تور بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تور مۇلازىمىتى،     ADSL   ئارقىلىق نومۇر بۇراپ تورغا چىقىش. يۇقارقى مۇھىتتا يانفۇنى كۆكچىش ئارقىلىق تورغا ئۇلاش   مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىندى.

تەييارلىق باسقۇچ: 1. كومپيۇتېر تورغا ئۇلانغان بولۇش. 2. سىمبايىن s60v3   تىپلىق ئەقلىفۇن 3. كۆكچىش ماسلاشتۇرغۇچ ( يەنى 蓝牙适配器 . ئادەتتە بازاردا سېتىلىدىغان 20 يۈەنلىكى بولسىمۇ بولىدۇ.)
يۇقىرىقى شەرتلەر ھەممىسى تەل بولغان بولسا، ئەمدى تۆۋەنكى يازمىلارغا كۆز يۈگۈرتۈڭ.
ئالدى بىلەن توردىن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرىمىز. بۇلار Widcomm كۆكچىش قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنىڭ يېشىۋېتىلگەن نەشرى، mRouter مەۋھۇم روتىر پروگراممىسى ۋە gnubox_s60v3 يانفون پروگراممىسىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا Hiisi Suite ناملىق يانفۇن ۋە كومپىيۇتېرغا قاچىلايدىغان ۋاكالەتچى مۇلازىمىتېر دىتالى ۋە IVT BlueSoleil ناملىق كۆكچىش قوزغىتىش پراگراممىسىمۇ بولۇپ، بۇلارنى تەڭشەشنى مەن سۆزلىمەكچى بولغان ئۇسۇلغا قارىغاندا سەل ئاۋارىچىلىق كۆردۈم. .ئەگەر قىزىقىدىغان دوستلار بولسا، ئۆزلىرى توردىن ئىزدەپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى پروگراممىلارنى بەيدۇ ياكى گوگۇلدىن ئىزدىسەڭلار تاپالايسىلەر.
كۆكچىش ماسلاشتۇرغۇچنى كومپيۇتېرغا چاتماي تۇرۇپ، توردىن چۈشۈرگەن كۆكچىش قوزغىتىش پروگراممىسى Widcomm 5.0.1.801   نى كومپيۇتېرغا قاچىلايمىز.(ئەلۋەتتە ئەگەر بۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىنى چۈشۈرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن) قاچىلاش جەريانىدا سىزدىن ( 没有通过 Windows 测试 ” 时选 “ 仍然继续 ) دەپ سورىسا ‹ھەئە› كۇنۇپكىنى باسىسىز. ( 没有找到 Bluetooth 时 ) دېگەن ئۇچۇر چىققاندا ‹بىكار قىلىش› كۇنۇپكىسىنى باسىسىز. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ،  قايتىدىن بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىپ، كۆكچىش قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ يېشىۋېتىش ھۆججەتلىرىنى بەلگىلەنگەن ئورنىغا كۆچۈرۈپ قويمىز.(يېشىۋېتىش ھۆججىتى سىز چۈشۈرگەن Widcomm ھۆججىتى بىلەن بىللە بولۇپ، كۆچۈرۈش ئورنى چۈشەندۈرۈش ھۆججىتىدە بولىدۇ.) ئاندىن كومپيۇتېرنى   قايتىدىن يەنە نورمال ھالەتتە قوزغىتىمىز.
كۆكچىش ماسلاشتۇرغۇچنى كومپيۇتېرغا چېتىپ، ئاندىن كومپيۇتېر ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى سىنبەلگىلەر ئارىسىدىن كۆكچىش بەلگىسىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ‹كۆكچىش ئۈسكىنىسىنى قوشۇش› ( 添加蓝牙设备 ) دېگەن تۈرنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك يول باشلاش كۆزنىكى چىقىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئازراق ۋاقىت كۆكچىش ئۈسكىنىسىنى ئىزدەيدۇ. ئاندىن تاپقان ئۈسكۈنە كۆزنەكتە كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر تاپالمىسا، يانفۇننىڭ كۆك چىش تەڭشىكىنى ئېچىپ، يانفۇننى ھەرقانداق يەردە كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشىدىڭىزمۇ يوق قاراپ بېقىڭ، ئاندىن ‹قايتا ئىزدەش› ( 再次搜索 ) كۇنۇپكىسىنى چىكىڭ. يانفۇننى تاپقاندىن كېيىن   تورغا ئۇلىماقچى بولغان يانفۇننى تاللاپ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

ئېچىلغان بۇ كۆزنەكتىن،ئۆزىڭىز ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە مۇلازىمەتكە بەلگە قويۇپ، ئاندىن ئاخىرلاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك بولىدۇ. بۇنىڭ ئېچىدە مەن ياقتۇرغان مۇلازىمەتنىڭ بىرسى OBEX File Transfer بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت سىزنىڭ يانفۇن دىسكىلىرىڭىز يەنى سىغىم كارتا بىلەن يانفۇن ئۆزىنىڭ بوشلۇقىنى كومپىيۇتېردا c , e دىسكا شەكلىدە كۆرسىتىپ، بېرىدۇ. كومپىيۇتېر بىلەن يانفۇن ئارىسىدا  ھۆججەت كۆچۈرۈش ، يۆتكەش ۋە ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىش بەكلا قولايلىق ئىكەن. قالغانلىرىدىن بىرسىنىڭ يانفۇن ئاۋازىنى كومپيۇتېردا چىقىرىدىغان ئىقتىداركەن. بىراق مېنىڭ يانفۇنۇمدا بۇ ئىقتىدار ئىشلىمەي قالدى. باشقىلىرىنى تازا بىلىپ بولالمىدىم. تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى سورايمەن.
  يۇقارقىلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاشۇ كۆكچىش بەلگىسگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، تىزىملىكتىن ‹ئالى دەرىجىلىك تەڭشەك› ( 高级配置 ) بۇيرۇقىنى چىكىمىز. ھەمدە ئېچىلغان كۆزنەكتىن ‹يەرلىك مۇلازىمەت› ( 本地服务 ) دىگەن بەتكۈچنى تاللاپ ئاچىمىز. تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ.

بۇ يەردە قىزىل سىزىق ئىچىگە ئېلىنغان ئېغىز نومۇرىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋىلىڭ. ئەگەر سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزدە يوق بولسا، تۆۋەندىكى‹ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاش مۇلازىمىتى قوشۇش› ( 添加串行服务 )   دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ، قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئېغىز نومۇرىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋىلىڭ. خارەكتىرى( 属性 ) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بەلگە قويۇلغان جايلادىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋىتىڭ.

ئاندىن جەزىملەشتۈرۈپ كۆزنەكنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدىكى قىلىدىغان ئىشىمىز بولسا، كونتىرۇل تاختىسىدىن تېلىفۇن ۋە مودىم تەڭشىكى ( 电话和调制解调器选项 ) دىگەن تۈر ئاستىغا كېرىپ، مودىم ئارقىلىق تورغا چىقىش ئۇلانمىسى قۇرىمىز.

بۇ كۆزنەكتىن مودىم ( 调制解调器 ) دىگەن بەتكۈچنى تاللاپ، ئاستىدىكى قوشۇش( 添加 ) دىگەن كۇنۇپكا ئارقىلىق ئۇلانما قوشىمىز. تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

بۇ كۆزنەكتە مودىم تەكشۈرمەسلىك دىگەن جايغا بەلگە سىلىپ قويىمىز. يەنى رەسىمدىكى قىزىل سىزىلغان جاي. ئاندىن كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مودىم تۈرلىرى ئارىسىدىن ئەڭ ئاستىدىكى ‹ئىككى كومپىيۇتېر ئارىسىدىكى ئالاقە سىمى› ( 两台计算机间的通讯电缆 ) دىگەن تۈرنى تاللاپ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

قارىساق بايامقى جايدا بىر تۈر ئارتۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ بىز قوشقان تۈردۇر.
كۆكچىش قوزغىتىش پراگراممىسى Widcomm نى تەڭشەش مۇشۇنچىلىك بولسۇن. ئەمدى mRouter نى قاچىلايمىز. مېنىڭ چۈشۈرگىنىم mRouter3Installer_v31042 نۇسخىسى . قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ پراگراممىنى قوزغىتىمىز. بۇ پراگراممىمۇ قوزغىلىپ، ئىكران ئوڭ تەرەپ ئاستىغا چۈشىۋالىدۇ. بىز ئۇنىڭ بەلگىسى ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ‹كۆكچىش تەڭشىكى› ( 蓝牙设置 ) دىگەن تۈرنى تاللىساق بىرىنجى قېتىمدا ئاپتۇماتىك ھالدا كۆكچىش ئۈسكىسىنى ئىزدەيدۇ. ھەمدە تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

يۇقارقى كۆزنەكتىكى قېزىل سىزىق ئىچىدىكى ‹بۇ ئۈسكۈنە دائىرە ئىچىدە بولغاندا ئاپتۇماتىك ئۇلاش› ( 档此设备在范围内自动连接 ) دىگەن تۈر ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋىتىمىز.بولمىسا يانفۇننى تاپالمىدى دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ. ئاندىن يەنە ‹ئالى دەرىجىلىك تەڭشەش›( 高级设置 ) دىگەن بەتكۈچنى ئاچىمىز. تۆۋەندىكىدەك.

بۇ كۆزنەكتىن ‹تەكشۈرۈش› ( 查看 ) دىگەن كۇنۇپكىنى چېكىمىز.تۆۋەندىكىدەك يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

بۇ كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى تۈرلەر ئارىسىدىن بىز يۇقۇرىدا ئېسىمىزدە تۇتىۋالغان ئېغىز نومۇرى بار تۈرنى تاللاپ، ئۇنى ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويساقلا بولدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق ئالى دەرىجىلىك تەڭشەك ئاستىدىكى ‹باشقا com   ئېغىز› ( 其他 com 端口 )دىگەن تۈر ئاستىدا بىز قوشقان تۈر پەيدا بولدى.يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

شۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتېردىن تەڭشەيدىغان جايلار ئاساسەن تۈگىدى. ئەمدى يانفۇندىكى تەڭشەيدىغان جايلارنى تەڭشەيمىز.
چۈشۈرگەن gnubox دىتالىنى ئىمزا قويۇپ يانفۇنغا قاچىلايمىز. ئەگەر يانفۇنىڭىز يېشىۋىتىلگەن بولسا، ئىمزا قويماي قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قاچىلاپ بولۇپ، دىتالنى قوزغاتماي تۇرۇپ، ئالدى بىلەن يانفۇننىڭ ‹تەڭشەك-ئۇلانما تەڭشىكى-ئۇلاش ئېغىزى- تەڭشەك- يىڭى ئۇلاش ئېغىزى قوشۇش- سۈكۈت قىممىتىنى ئىشلىتىش›    ( 设置 - 连接设置 - 接入点 - 选项 - 新增接入点 - 使用默认设置 ) بويىچە بىر ئۇلانما قۇرىمىز. بۇنىڭدا ئۇلانما نامى چوقۇم لاتىن ھەرپلىرى بويىچە bt بولىدۇ. چوقۇم كىچىك يېزىلىشى بولسۇن.‹ ئۇچۇر يۈكلەش شەكلى › ( 数据承载方式 ) دىگەنگە‹ سانلىق ئالاقە›  ( 数据通话 ) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. تىلفۇن نومۇرى، پارول دىگەنلەرگە خالىغان نومۇرنى يېزىپ قويساق بولىدۇ. ئەگەر تورغا چىقماي قالسا، ۋاكالەتچى ئېغىز ( 代理端口 ) نومۇرىنى 6588 گە ئۆزگەرتىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
بۇلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن بۇ دىتالنى قوزغىتىمىز. تەڭشەك( 选项 ) كۇنۇپكىسنى بېسىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن install دىگەن تۈر ئاستىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك تىزىملىك ئىچىدىن  auto set modem ID ،     create record ،   set ras login script قاتارلىق تۈرلەرنى قوزغىتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا create record نى قوزغىتىمىز. ئاندىن پراگراممىدىن بىر چىكىنىپ   چىقىپ، يەنە قايتىدىن قوزغىتىمىز. قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن يەنە ‹تەڭشەك› كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 2box bluetooth ئاستىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك تىزىملىك serial port   نى قوزغىتىمىز. كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرىنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا كومپيۇتېرنى تاللىساق بولىدۇ.   ھەر قېتىملىق مەشغۇلات ئاياقلاشقاندا Done دىگەن كۆرسەتمە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن يانفۇندىكى تەڭشەش جەريانىمۇ ئاياقلاشتى. ئەمدى نىمە قىلىمىز ؟ ئەلۋەتتە تورغا چىقىمىزدە. ئەمدى gnubox نى ئۆچۈرمەي ،يانفۇندىكى تور كۆرگۈنى ئېچىپلا تورغا چىقساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە تورغا ئۇلاش شەكلى دىگەن يەرگە كەلگەندە bt   دىگەن ئۇلانمىنى تاللايسىز.
مەن سىناق قىلغان يانفۇننىڭ gprs مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزمىغان بولۇپ، تورغا چىقىش سۈرئىتى كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئادەتتىكى gprs مۇلازىمىتىنىڭ سۈرئىتىدىن خېلىلا تىز بىلىندى. مەزكۇر يازمىغا بەزى رەسىملەر خەنزۇچە تور بەتلىرىدىكى رەسىملەر قىستۇرۇلدى. بەزىلىرى ئۆزۈم سىناش جەريانىدا تۇتقان رەسىملەر ئىشلتىلدى.
توردىن ئاختۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ نوكىيا يانفۇنلىرىغا بولۇپ قالماي، يەنە wm   يانفۇنلىرىغىمۇ بولىدىغانلىقى يېزىلىپتۇ. شۇنداقلا يەنە Hiisi Suite ناملىق يەنە يانفۇن ۋە كومپىيۇتېردىكى ۋاكالەتچى مۇلازىمىتېرلىق قىلىپ بېرىدىغان دىتال بار بولۇپ، بۇ دىتالنىڭ يانفۇنغا قاچىلايدىغان قىسمى جاۋا شەكلىدە ئىكەن، شۇڭا بەلكىم نوكىيانىڭ s40 تىپتىكى يانفۇنلىرىمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرچە ئاندرويد تىپلىق يانفۇنلاردا بولمايدىغان ئوخشايدۇ. مەندە پەقەت نوكىيا يانفۇنى يەنە كېلىپ نوكىيانىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەقلىغۇنى 6120  بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنى سىناپ باقتىم.   توردا باشقىلارنىڭ 6630 , N73 , E61 , N95/N95 8G , N82 ، n95, n73    قاتارلىق يانفۇنلاردا قىلغان سىناقلىرى بار ئىكەن. ئەگەر تورداشلارنىڭ يانفۇنلىرى باشقا تىپتا بولۇپ، مەشغۇلاتى سەل پەرقلىق بولۇپ قالسا، بەيدۇدىن ( 手机通过蓝牙共享 pc 宽带上网 )   دەپ ئىزدىسەڭلار تاپالايسىلەر.
ئارلىقتا بىر باسقۇچ قاپتۇ،ئەگەر يۇقارقى باسقۇچلارنى تولۇق ئورۇنلاپ، يەنىلا تورغا چىقالمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئاخىرقى باسقۇچنى تولۇقلىۋىتىڭ.
يەنى كونتىرۇل تاختىسىدىن   تور ئۇلىنىشىغا كىرىپ ، بۇنىڭدىن ‹تور ئۇلىنىشى› ( 宽带连接 )   نى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز. تىزىملىكتىن خارەكتىرنى تاللاپ، ئىچىلغان كۆزنەكتىن ‹ئالى دەرىجە› ( 高级 ) دىگەن بەتكۈچنى تاللاپ، بۇنىڭدىن ‹ئىنتىرنىت ئۇلىنىشىنى ئورتاقلىشىش› ( enternet 连接共享 ) دىگەن تۈر ئاستىدىكى ‹باشقا ئابونتلارنىڭ بۇ كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئىنتىرنىتقا ئۇلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش› ( 允许其他网络用户通过此计算机的 enterne 连接来连接 ) دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ   جەزىملەپ چىكىنسەكلا بولىدۇ.

2

تېما

135

يازما

8

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
406
ئاقچا
3
ehsan8 ۋاقتى: 2013-9-15 13:33:43 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ehsan8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 13:34  

بەك مۇرەككەپ ئىكەن لىكىن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم . مەن ئەڭ ياخشىسى 无线路由器 دا چىقىۋېرەي .تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

2

تېما

75

يازما

113

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
388
ئاقچا
1
QQ
abdu.alip ۋاقتى: 2013-9-15 13:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ قاملاشمىغان يىرى سىمبىيان تىلفون بولمىسا بولمايدىكەن ئەمەسمۇ

6

تېما

100

يازما

182

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
730
ئاقچا
0
QQ
=☞_υΥgυr__ ۋاقتى: 2013-9-15 13:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەئە دىمىسىمۇ خىلى تەسكەن   

5

تېما

150

يازما

490

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1290
ئاقچا
1
hutanjan ۋاقتى: 2013-9-15 14:24:24 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بېىم来自: Android客户端

24

تېما

628

يازما

1405

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

‹‹ اللە اكبر ››

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3789
ئاقچا
5

تۆھپە ئوردېنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز دىيارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 14:31  
abdu.alip يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 13:53
ئەڭ قاملاشمىغان يىرى سىمبىيان تىلفون بولمىسا بولمايدى ...


نەرى قاملاشماپتۇ ، بىر ئادەم شۇنچە جاپادا مۇستەقىل بولغان بىر تىمىنى بىزگە سوۋغا قىلسا ئۇنى بۇنى دەپ باقمىساقمۇ بۇلا ، ئەمدى سىلەرگە ھەممە ئىش شۇنداق ئاسان جاپا تارتمايلا بۇلسا ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش دەپلا ئولتۇرامسىلەر ، تىما ئىگىسىمۇ دەپتىغۇ سىمبىياندا سىناپ باقتىم دەپ ، سىلەر قىززىقساڭلار ئاندىرويىد دىمۇ سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، ئىزدىنىپ باقساڭلار بۇلىدۇ ،  
تىما ئىگىسى رەسىمنى كۈرەلمىدىم تەھرىرلەپ قويسىڭىز ،
بۈگۈن: 2013-يىلى

54

تېما

1424

يازما

1395

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
6593
ئاقچا
1
bengbash ۋاقتى: 2013-9-15 14:32:00 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، سېيىمبىيان تېلېفونى بار دوستلارغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.

24

تېما

628

يازما

1405

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

‹‹ اللە اكبر ››

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3789
ئاقچا
5

تۆھپە ئوردېنى

hutanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 14:24
ۋاي بېىم

نىمە گەپ بۇ ۋاي بېىم  ئىنكاس يىزىش خوش ياقمىسا يازماڭ ، يازغاندىكىن ئىملاسىغا دىققەت قىلىڭ ،
بۈگۈن: 2013-يىلى

14

تېما

178

يازما

403

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1332
ئاقچا
1
parlan ۋاقتى: 2013-9-15 14:36:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا
‏مەندە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3gكارتىسى با شىنجاڭدىلا ئەمەس جۇڭگونىڭ ھەر قانداق يېرىدە چەكسىز تورغا چىقىدۇ تور سۈرئىتى ئادەمنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ  ئايلىق ئايلىق ھەققىنى دىمەيلا قوياي پەقەتلا «10»يۈەن «10»يۈەنگە بىر ئايدا چەكسىز تورغا چىققىلى بولىدۇ كارتىنى ساتىمەن ،شۇنىسى سەل قىممەترەك ، بۇ توغرىسىدا ئالىپ تورىدا پات ئارىدا بىر تىما يازىمەن

0

تېما

14

يازما

21

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
89
ئاقچا
0
Hilal12@ ۋاقتى: 2013-9-15 14:50:08 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parlan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 14:36
‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا
‏مەندە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ...

‏بۇ كارتىنىڭ باھاسى قانچە پۇل؟ قاچانغىچە ئايدا 10يۈەنلا تۆلەپ چەكسىز تورغا چىققىلى بۇلىدۇ؟ بۇ كارتىدا سۆزلەشكىلىمۇ بۇلامدۇ؟

14

تېما

178

يازما

403

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1332
ئاقچا
1
parlan ۋاقتى: 2013-9-15 15:06:49 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hilal12@ يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 14:50
‏بۇ كارتىنىڭ باھاسى قانچە پۇل؟ قاچانغىچە ئايدا 10يۈەن ...

مۇددىتى 2060-يىلغەچە تىلىفۇن ئۇرغىلى بولمايدۇ

0

تېما

19

يازما

42

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
132
ئاقچا
0
15199710991 ۋاقتى: 2013-9-15 15:11:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىىمۇ سىز دۇستۇمparlan بۇگىپىڭزراسمو. چاخ چاق. قىلدىڭزمو.  راسلا.  شۇنداق بۇلسا.  مەن ئالاي来自: Android客户端

5

تېما

182

يازما

254

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
965
ئاقچا
0
binam ۋاقتى: 2013-9-15 15:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇنداق تورغا چىقاتتىم يەنى گىپىرىس ئىقتقداردىن پايدىلنىپ،مىنىڭچە نۇقۇل نوكىيا لا ئەمەس mrp دىتالنى تۇنۇيدىغان تىلفۇنلاغىمۇ ماس كىلشى مومكىن
ئەمدى بارماق دىسكا ئىشلەتمەيمەن،خەپ.....

14

تېما

178

يازما

403

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1332
ئاقچا
1
parlan ۋاقتى: 2013-9-15 15:21:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15199710991 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 15:11
ياخشىىمۇ سىز دۇستۇمparlan بۇگىپىڭزراسمو. چاخ چاق. قىلدىڭز ...

‏مەن چاقچاق قىلغىنىم يوق پات ئارىدا مۇنبەردە ئلان قىلىمەن

0

تېما

19

يازما

42

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
132
ئاقچا
0
15199710991 ۋاقتى: 2013-9-15 15:21:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاقىلىلش نومۇرىڭىز.  ني قالدۇرسىڭزبولامدۇ.    ياكىې.  تېلىپون قىلىڭ15199710991来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش