- جۇغلانما
- 3793
UID19471
تىزىملاتقان2013-7-8
ئاخىرقى قېتىم2015-4-19
توردا304 سائەت
ئالاھىدە ئەزا
‹‹ اللە اكبر ››
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3793
- ئاقچا
- 5

|
[5][/color
خۇاۋېي بازارغا سالغان Ascend W1 ئەقلىيفۇنى
شىنلاڭ تورى پەن-تېخنىكا قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى ، نۇ تورى تەرجىمىسى
گەرچە مىكروسوفىت نوكىيانىڭ تېلىفۇن كەسىپىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى بىۋاستە windows phone سىستېمىلىق ئەقلىفۇنلارنى تەتقىق قىلىش ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا قاتنىشىدىغان بولسىمۇ ، لېكىن مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى (12-سېنتەبىر) خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ شىركەتنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە Windows Phone قاچىلانغان تېلېفۇننى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇاۋېي شىركىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا Windows Phone يانفۇن سېپىگە قېتىلغان تۆتىنجى شىركەتكە ئايلىنىپ بۇ يىل يانۋاردا ئۆزىنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى Windows Phone سىستېمىسىلىق تېلېفۇنى Ascend W1 نى بازارغا سالغان. بۇندىن ئىلگىرى نوكىيا، سامسۇڭ ۋە HTC لەر Windows Phone سىستېمىلىق يانفۇننى بازارغا سالغان، لېكىن ھەقىقىي سېتىلغانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى نوكىيانىڭ Lumia تىپلىق يانفۇنلىرى ئېدى .
خۇاۋېينىڭ ياۋرۇپا بازىرىدىكى مەسئۇلى رىچارىد.رېن " بىز داۋاملىق تۈردە كۆپلىگەن نۇسخىدىكى Windows Phone سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالىمىز . بىز يەنىلا مىكروسوفىتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكى " دېدى.
ئالدىنقى ھەپتە مىكروسوفىت نوكىيانىڭ يانفۇن كەسىپىنى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفىتنىڭ windows phone سىستېمىسىلىق يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى ھەتتا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. لېكىن خۇاۋېينىڭ بۇ ئىپادىسى بۇ خىل ئەنسىرەشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
مىكروسوفىتنىڭ نوكىيانىڭ يانفۇن كەسىپىنى سېتىۋېلىشى windows phone سىستېمىسىنى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن. لېكىن تەھلىلچىلەر مىكروسوفىتنىڭ بۇ قىلمىشى باشقا windows phone سىستېمىسىلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ مىكروسوفىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇرۇنقى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن رىقابەتچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسىرىگەن ، ئۆتكەن يىلى مىكروسوفىت surface تاختا كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن PC زاۋۇتلىرىنىڭ مۇئامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولغان.
خۇاۋېيغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا windows phone ئانچە مۇھىم ئۇرۇندا ئەمەس . بۇ شىركەتنىڭ كۆپۈنچە تېلىفۇنلىرى گۇگۇل شىركىتىنىڭ Andorid سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ ، خۇاۋېينىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەقىلىيفون سېتىلىش مىقدارى 20مىليون بولۇپ دۇنيا بۇيىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان .
نۇر تورى
|
|