- جۇغلانما
- 3793
UID19471
تىزىملاتقان2013-7-8
ئاخىرقى قېتىم2015-4-19
توردا304 سائەت
ئالاھىدە ئەزا
‹‹ اللە اكبر ››
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3793
- ئاقچا
- 5

|
مۆلچەرلىنىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى 2014-يىلى يېڭى نۇسخىدىكىTizen مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلىدۇ، تورلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر ئاللىقاچان Tizen 3.0 سىستېمىسى قاچىلانغان Galaxy S4 يانفونىنى قولغا چۈشۈرگەن. رەسىمدىن قارايدىغان بولساق، بۇ سىستېما تېخى «ئىپتىدائىي» ھالەتتە بولۇپ، كىلەر يىلى رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغاندا، بەلكىم ھازىرقى ھالىتىدىن كۆپ پەرقلىنىشى مۇمكىن.
تورلاردا ئاشكارىلانغان رەسىملەرگە قارىساق، Tizens 3.0 سىستېمىسى ئىنتايىن پاكىز ۋە ئاددىي كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھىچقانداق قالايمىغان نەرسىلەر ئارىلاشىمغان. سىستېمىنىڭ UI يۈزىگە ئوچۇق رەڭ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر قاراشتىلا پەرق ئىتىشكە بولىدۇ. سىستېما سىنبەلگىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى iOS 7 نىڭكى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي قارايدىغان بولساق،Tizen 3.0 سىستېمىنىڭMeeGo、Bada、Android ۋە Windows Phone قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە سېڭدۈرۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Tizen سىستېمىسىنى ئېچىش خىزمىتىنى توختىتىپ قويغانلىقى تىلغا ئىلىنغانىدى، ئىگەللىنىشىچە، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسى بازار ئەھۋالىنى مۆلچەرلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، سامسۇڭ شىركىتى بۇ سىستېمىنى داۋاملىق ئېچىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغاندەك قىلاتتى.
بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، سامسۇڭ شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، Galaxy يانفونلىرى ۋە ئاندىرويىد سىستېمىسى يېتىپ ئاشىدۇ، ئۇنىڭ يەنە باشقا سىستېما ئېچىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرۈشىنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق. ئاندىرويىد يانفونلىرى ھازىر يەرشارىدىكى %80 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنى ئىگەللەپ بولدى، مەيلى مودا بولۇش جەھەتتىن ۋە ياكى پىشىپ-يېتىلىش جەھەتلەردىن بولسۇن، ئۇنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى Tizen نى بېسىپ چۈشىدۇ. ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ سامسۇڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تېخىمۇ چەمبەرچەس باغلىنىشىغا ئەگىشىپ، Tizen نامىدىكى بۇ خىل يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسى بىر چەتكە قايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن.
خەۋەر تورى |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|