- جۇغلانما
- 945
UID2370
تىزىملاتقان2011-8-15
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا122 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 945
- ئاقچا
- 23

|
2005-يىلى 11-ئايدا «سىرىپ قۇلۇپ ئېچىش» پاتنىتى ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ 6يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئالما شىركىتى ئاخىرى مۇرادىغا يىتىپ بۇ پاتنىتقا ئىرىشتى. شۇنداق بولغاندا، ھەرقانداق ئالدىن تەبىرلەنگەن يۆلۈنۈشتە سىرىش ئارقىلىق قولۇپ ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئالمىنىڭ پاتنىت ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق بولىدۇ.
بۇ خەۋەر ھازىرقى كۆپلىگەن Android OEM زاۋۇت كارخانىلىرى ئۈچۈن ياخشى خەۋەر ئەمەس. ئەمما بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق، چۈنكى، پاتنىتتا تىلغا ئىلىنغان «ئالدىن تەبىرلەنگەن يۆلۈنۈشتە سىرىش ئارقىلىق قولۇپ ئېچىش» موھىم ھالقىلىق سۆزدۇر. بۇ دېگەنلىلىك SAMSUNG TouchWiz, HTC Sense 3.0/3.5, Honeycomb, ce Cream Sandwich قاتارلىقلار بۇنىڭدىن خاتىرجەم، چۈنكى، بۇلاردا قۇلۇپ ئاچقاندا بەلگىلەنگەن يۆلىنىش بىلەن ئىكراننى سىرىش كەتمەيدۇ. ئەمما MOTOROLA, Sony Ericsson ۋە Android2.3 دىن بۇرۇنقى كونا تىپتىكى يانفونلار پاتنىت ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق ئۈچۈن ئەرزى قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار.
ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرچە ئەرزى قىلىش ئويى يوقتەك قىلىدۇ. پاتنىت ئىلتىماسى 2005-يىلىلا سۇنۇلغان بولسىمۇ، تاكى 6يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تەستىقلانغاچقا، ئالما ئەرزى قىلسا بولامدۇ يوق، بۇمۇ ئېنىق ئەمەس. ئەمما، ئالما ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ بولدى، Android OEM زاۋۇت كارخانىلىرى تېخىمۇ ياخشى بولغان باشقا بىر قۇلۇپ ئىچىش ئۇسۇلى تاپمىسا، ئۆزىگە باش ئاغرىقى تىپىۋالىدۇ.
|
|