ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1365|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوبيېكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما ھەققىدە

25

تېما

183

يازما

1106

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
0
جۇغلانما
3004
ئاقچا
11510

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنىMedal No.3

     
     ئوبيېكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما ئېنگىلىزچە Object-Oriented Program دېگەنلىك بولۇپ ئادەتتە كىتاب ۋە باشقا كەسپىي ماتېرىياللاردا قىسقارتىپ OPP دەپلا ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوبىكىت ياكى ئوبىكتىپ بولسۇن بۇلار بىز ئىنگلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلغان سۆزلەر بولۇپ نىشان، قاراتما دېگەن مەنىلەرگە يىقىن كىلىدۇ.

     بۇ خىل تىللارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىدا تەبئىي تىلنى ئىشلىتىپ پروگرامما تۈزۈشكە بولىدۇ. بىز دۇنيانى نۇرغۇنلىغان ئوبىكتىپلاردىن تۈزەلگەن دەپ قارىساق بولىدۇ. ئۈستەل،ئورۇندۇق،كومپيۇتېر،پىكاپ،بانكا ھېساب نومۇرى ،پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبىكتپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. كىشىلەر ئەزەلدىنلا ئوبىكتىپلارنى تۈرگە ئايرىپ كەلگەن ھەم مەلۇم شەكىلدە تۈرگە ئايرىيدۇ. مەسىلەن بىز قوي، كالا قاتارلىقلارنى سۇت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرىگە ،تېلېۋىزور ۋە توڭلاتقۇلارنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىگە ، پۇتبول ۋە ۋالىبۇل توپنى ھەركەت تۈرىگە، BENZ ,AUDI,TOYOTA  ۋە Santana لارنى پىكاپ تۈرىگە ، پىكاپ ۋە چوڭ ماشىنىلارنى قاتناش قوراللىرى تۈرىگە ئايرىيمىز دىگەندەك.

     ئەمىلى دۇنيادا ئوبىكتپ تۈرلىرى نۇرغۇنلىغان قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى مۇمكىن ھەم ئوبيېكتىپنى تۈرگە بۆلىشى كۆپ خىل بولىشى مۇمكىن. كىشىلەر ئوبيېكتىپنى قانداق تۈرگە ئايرىشى ئوبىكتىپنىڭ ئىقتىدارىغا ھەم تەكىتلىمەكچى بولغان خاراكتېرىگە زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن بىر ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېنجىنىرى بىر ئوقۇتقۇچىغا قارىغاندا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ھەم كۆپ تۈرگە بۆلىشى مۇمكىن .ئوبيېكتىپنى تۈرگە بۆلۈشتە ئاساسلىق قىلىپ ئوبىكتىپنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلەيمىز.مەسىلەن ماشىنا ئېنژىنېر ماشىنىنى تۈرگە بۆلگەندە ئۇنىڭ رەڭگىگە دىققەت قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ماشىنا ساتقۇچى بولسا رەڭگىنى ئاساسلىق ئويلىشىدۇ.

    بۇ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى (ئوبىكتىپنىڭ قاتلاملىق قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش ) پىروگراممىچىلار تەرىپىدىن ئوبىكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈشكە ئىشلىتىلدى .1960-يىلىلا تەتقىقاتچىلار نۇرغۇنلىغان نۇرغۇنلىغان پروگرامما مودىللىرىغا ئىسىم قويغىلى ھەم ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئىقتىدارىنى تەسۋىرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .ئۇلار بانكا ھېساب نومۇرى ، توپلام ،ھۆججەت ھەم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەتكەن بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلار ئەمىلى دۇنيادىكى ئوبىكتىپلارغا بەكلا ئوخشايدىكەن دەپ قارىغان.

    ئوبىكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۇزۇش يولىنى مۇنۇ بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:مۇناسىۋەتلىك ئوبىكتىپلارنى تۇنۇش ، ئۇلارنى قاتلاملىرى بويىچە ئايرىش ، ئوبىكتىپقا خاراكتېر قوشۇش (ھەل قىلماقچى بولغان شۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى يېزىپ چىقىش ) ،ئوبىكتىپقا فۇنكسىيە (ئۇسۇل)تۇزۇش،ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوبىكتىپقا لازىملىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. گەرچە مۇنداق چۇشەندۇرۇش مۇرەككەپتەك تۇيۇلسىمۇ ئۇ ئەمەلىيەتتە ئاددى ھەم تەبئيى جەريان .

    ئاددى ھەم تەبئيى بولۇش، ئاسان بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر ئوبيېكتىپ توپىنى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنىڭ ئچىدىن مۇۋاپىق بولغان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا توغرا تۈرگە ئايرىشنىڭ ئاچقۇچى ئوبىكتپنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلەشتە ھەم مۇۋاپىق بولغان ئوبيېكتىپ قاتلىمىنى تۇزۇپ چىقىشتا. ئەمەلىيەتتە ئوبىكتىپنىڭ تەۋە تۇر ۋە قاتلىمىنى بېكىتىش ئىنتايىن قىيىن ئىش(پروگراممىدكى ئوبكىتلارنى تۈرگە ئايرىش ماشىنا ۋە ھايۋانلارنى تۈرگە ئايرىشتەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئەلۋەتتە). مەلۇم بىر تۈرنى ئىشلىگەندىمۇ بەزى ۋاقىتتا ھەتتا ئوبىكتپنى قانداق تۇر ۋە قاتلاملارغا ئايرىشمۇ قىيىنغا چۈشىدۇ.

    سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئوبىكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۇزۇش ئوبىكتىپنىڭ قاتلىمىنى تۇزۇش ۋە تۇرغۇزۇش، ۋە ئۇنىڭغا خاراكتېر ۋە ئىقتىدار قوشۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا سىز ھەرقانداق بىر پروگرامما تۇزۇش تىلىدىن پايدىلىنىپ ئوبىكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز. بۇ خۇددى بىر قالاق قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ مېڭىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تاغ داۋاندىن ئۆتكەنگە ئوخشايدۇ. لېكىن سىز ++C ياكى #C غا ئوخشاش مەخسۇس OPP ئۇچۇن تۈزەلگەن قورالنى(تور پروگراممىسى تۈزگەندە ئەلۋەتتە PHP نى ئىشلىتىمىز) ئىشلەتسىڭىز بۇ ئاسانغا چۈشىدۇ، قالاق قاتناش قورالىدا تەس ھەم مۇشكۈل تۇيۇلغان سەپەر ئەڭ ئىلغار قاتناش قورالىدا بىر قېتىملىق ساياھەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

    ئوبىكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۇزۇش قورالى ، مەسىلەن ++C بولسۇن ياكى #C بولسۇن ۋە ياكى PHP بولسۇن ھەممىسىلا  تۆۋەندىكىدەك ئۇچ مۇھىم ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان:
1. ۋارىسلىق قىلىش _ بۇ ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگراممىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.
2. يوشۇرۇنلۇق.
3. كۆپ خىللىق.

0

تېما

6

يازما

42

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
118
ئاقچا
1
سۇبھان ۋاقتى: 2011-10-28 08:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

25

تېما

183

يازما

1106

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
0
جۇغلانما
3004
ئاقچا
11510

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنىMedal No.3

UyghurWeb  ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-28 12:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كېيىن پروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار داۋاملىق يوللىنىلىدۇ.

11

تېما

131

يازما

647

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1971
ئاقچا
26
Dreamcatcher ۋاقتى: 2011-10-28 13:28:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، گەرچە بەك چوڭقۇر چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ بىراق بۇ ماقالا مېنىڭ بۇرۇنقى  بەزى قايمۇقۇپ قالغان يەرلىرىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى~
ئۈمىدلەن!
www.Umidlen.com

3

تېما

205

يازما

364

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1515
ئاقچا
34
howareyou140 ۋاقتى: 2014-6-16 16:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UyghurWeb يوللىغان ۋاقتى  2011-10-28 12:33
بۇندىن كېيىن پروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار داۋا ...

پروگرامما دىگەن نىمە قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، پروگراممىنى قانداق تۈزىدۇ ئېنىق چۈشەنچە بەرسىڭىز

0

تېما

34

يازما

122

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
420
ئاقچا
0
bvrkvt ۋاقتى: 2014-7-17 20:52:45 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن مەنمۇ خىلى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش