- جۇغلانما
- 945
UID2370
تىزىملاتقان2011-8-15
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا122 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 945
- ئاقچا
- 23

|
يانفون ئېلىش نىيتىگە كىلىپ، ئاخىرى i9100دە توختۇدۇم. تۈنۈگۈن قەشقەردىكى يانفون بازىرىدا ئىككى دۇككاننى ئايلىنىپ، ئىككى خىل نەشىردىكىنى كۆردۈم. بىرىنى شاڭگاڭنىڭ دەپ(‹港行›مۇ يا‹港版›مۇ ئۇنى بىلمىدىم)، 3600سوم باھا قويدى. يەنە بىرىنىڭ قايسى نەشىردىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم،4000سوم باھا قويدى(دۇككاندا تۇرغىنى شاگىرت بولسا كېرەك). بۇ ئىككىلىسىگە تېخى باھا تالاشمىدىم. (قەشقەر شەھىرى پوشتاخانا يىنىدىكى يانفون بازىرى، ئۆستەڭ بويى يولىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ، ئوڭ قول تەرەپتىكى ئىككى دۇككانغا كىردىم، يەنە قىزىقىدىغانلار بولسا شۇ يەردىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ،ئۇيغۇرنىڭ دۇككىنى...)
ئەمدىكى گەپ، مەن ئالغان نەشىردىكىسى بىلەن ئالىپ تورى ئېلان قىلغان i9100نىڭ ئۇيغۇرچە romمى ماس كىلەمدۇ يوق؟ بۇنداق ئەنسىرەشكە سەۋەنچى بولغىنى i9000نىڭ تېمىسىدىكى تۆۋەنكى ئىنكاس:
Chrome ئەپەندى ،مىنىڭ يانفونۇم كورىيە نۇسقىسىدىكى Samsung I9000 يەنى m110s . سىلەر ياسىغان بۇ رومنىڭ مىنىڭ يانفونۇمغا ماس كەلمەيدىغىنى ئېنىق ،مەن دىمەكچى ،تىگىشلىك ھەقنى مەن تۆلىسەم مىنىڭ يانفونۇمنىڭ رومىنىمۇ يادروسىدىن ئويغۇرچە قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بىرەلەمسىز؟ ، خەنزۇچە رومنى ئۆزەم يېڭىلىيالايمەن
مېنىڭ ئۇيغۇرچە romغا بەك ئېسىلىۋىلىشىم خەنچە ساۋادىم يوقلىقىدىن ئەمەس، خېلى يامان ئەمەس با. پەقەت شۇ ئۇيغۇرچە ئانجرويد romمى بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلگەن دەقىقىدىن باشلاپ، ئۆز تىلىمدا زامانىۋىي ئەقلىي يانفون ئىشلىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ قالغان يېرىملا بار!
نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇ تېمىدىكى سوئالغا ئالىپ تورىدا بىر ئېغىز جاۋابقا ئېرىشەلمەي خەنچە مۇنبەرنى ئارىلاپ باقتىم، نەتىجىدە تۆۋەندىكى بىر ئابزاس مېنىڭ ئەندىشىمنى يەنىمۇ كۆتۈرۈپ قويدى :
①欧版与港/台版间ROM可以互刷。国行手机不可直接刷欧版或港/台版固件,欧版和港/台版的手机不可直接刷国行固件。
②欧版刷为港版系统后,不可以使用KIES进行升级。
③港版ROOT后,仍可使用KIES进行升级。
④韩版SHW-M205S及SHW-M250K与水货ROM通刷。
يۇقارقى ئابزاسنى كۆرۈپ چۈشىنەلمەي قالدىميۇ، يەنە ئۆز-ئۆزۈم بىلەن ئەنسىرەپ كەتتىم. بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويسا...
ھازىر بىرلا مەسىلىنى بىلىۋالسام بولاتتى، زادى 9100نى ئالغاندا ئۇيغۇرچە romغا ماس كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەشىرنىمۇ ئويلىشىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇنداق قىلىش كەتمەمدۇ؟ ئالىپ چىقارغان romنى قايسى نەشىردىكى i9100 يانفونلاردا سىناق ئېلىپ بېرىپ باققان؟ مۇشۇنى بىلىۋالسام، يانچۇقتىكى3-4 مىڭ سومنى خاتىرجەم چىقىراتتىم!
گەرچە يانفون ساھەسىگە دىققەت قىلىۋاتقىلى خىلى بولغان بولسىمۇ، ئىنچىكە يېرىگە كەلگەندە قورساقتا يەنىلا نەرسىنىڭ تايىنى يوق. android قا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىمۇ تېخى يېقىندىكى ئىش...
|
|