- جۇغلانما
- 145
UID2568
تىزىملاتقان2011-8-26
ئاخىرقى قېتىم2014-5-15
توردا43 سائەت
تىرىشچان ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 145
- ئاقچا
- 0

|
مەزكۇر رومنى تېلېفونغا قاچىلاپ ئىشلىتىشتىن تەسىرات:
ئارتۇقچىلىقى:كۆرۈنمە يۈزى بەك كۆركەم، سۈرئىتى تېز، ئاۋازلىق ئىزدەش ئىقتىدارى، تور دېسكا باشقۇرۇش دېگەندەك ئىقتىدارلار توپلاشتۇرۇلغان، دېتاللارنىڭمۇ كۆرۈنمە يۈزى، سۈرئىتى ئەلالاشتۇرۇلغان. ئىشقىلىپ ئىشلەتسىڭىز خېلى رازى بولۇپ قالىسىز. بولۇپمۇ لىيەنشىياڭنىڭ قاتمال سېستىمىسىدىن كۆپ ياخشى. ئۇيغۇر ئەپنى قاچىلىغاندىن كىيىن دىققەت قىلسام ئالاقە دەپتىرىدىكى ئىسىملار ئاپتوماتىك ئوڭغا يۈزلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا سېستىما كۆپ تەرەپلەردىن مۇكەممەللەشكەن. يەنە ئۈستىدىن سىيرىپ ئاچىدىغان تېزلەتمە كونۇپكىلارغا ياخشى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن، مەسىلەن: ئېكران تۇتۇش، قولچىراغ ۋەھاكازالار.
يېتەرسىزلىكى، ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى باتارىيە خوراش سۈرئىتى ئاجايىپ تېزكەن. بۇنى قوبۇل قىلماق ھەقىقەتەن تەس بولدى. يەنىلا لىيەنشىياڭنىڭ ئىخچاملاشقان نۇسخىسىغا قايتىشنىمۇ ئويلىماي تۇرالمىدىم.
يەنە مۇھىت ھالىتى تەڭشىكى يوقتىۋېتىلگەن. دېمەكچىمەنكى، تېلگىراف كارتىسى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىغا تېلېفون قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئەسلى سېستىمىدەك ئايرىم تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.
يەنە مېنىڭ ئامرىقىم رادىئو بۇ سېستىمىدا قەتئىي ئىجرا بولمايدىكەن. ئاچقۇچى تەرەپمۇ بۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. يەنە بىر چوڭ يېتەرسىزلىكى سىرىتتىن سەپىلىگەن SD كارتىسىدىكى ناخشا- مۇزىكىلارنى سېستىما تەمىنلىگەن مۇزىكا قويغۇچ تاپالمايدىكەن. ئەھۋالىدىن قارىغاندا باشقا قويغۇچ سەپلەش لازىم چىراي.
يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردىن ھېس قىلغانلىرىم بار ئىدى. مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. قالغىنىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان دوسىتلار ھېس قىلغىنىنى ئورتاقلاشسا.
قىسقىسى، يانفون سېستىمىسدا گۈزەللىك ۋە سۈرئەت قوغلىشىدىغانلارغا ئالامەت بولىدىكەن. تاس قالدىم بىر تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكىلى. ئەمما باتارىيە خوراش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىلا بۇ سېستىمىسىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولۇپ قاپتۇ. (يەنە بىرسى ماۋۇ سېستىمىدا نېمە ئىشكى بىلمىدىم، ئوخشاش تېلېفون، ئوخشاش زەرەتلىگۈچ، ئوخشاش مۇھىتتا باتارىيىنىڭ زەرەتلىنىش سۈرئىتى قەبىھ ئاستىكەن. |
|