- جۇغلانما
- 1971
UID1431
تىزىملاتقان2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم2014-4-9
توردا535 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1971
- ئاقچا
- 26
|
Microsoft شىركىتى 7 مىليارد 710 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى. Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ ۋە 32 مىڭ خادىم مىكروسوفتقا قوشۇلىدۇ. بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يان تېلېفون شۇنداقلا Windows Phone غا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر ئامېرىكا بازىرىدا يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئىچىدە Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسى 2-ئورۇنغا ئۆتتى. بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ 2-ئورۇنغا چىقتى. مىكروسوفتنىڭ يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى Nokia ئارقىلىق بازار تېپىشقا باشلىدى. Nokia مۇ بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي مەنپەت ئالغان ئىدى.
Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ Microsoft شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بالمېرغا يازغان خېتىدە، بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىشنىڭ 2014-يىلى 1-پەسىلدە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
Nokia (نوكىيا)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى Nokia (نوكىيا) ۋە Microsoft (مىكروسوفت) ئۇلۇغۋار پىلان تۈزگەن بولۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئۈستىلىدە كومپيۇتېر بولۇش، ھەربىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا تېلېفون بولۇش ئىدى. بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇ ئۇلۇغۋار پىلانىمىز ئاستا-ئاستا رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلىدى، بۈگۈن ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم پەيتى يېتىپ كەلدى دېدى.
مەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى http://www.alimahat.com/?p=3096
_________________________________________________
پېقىرنىڭ قارىشىچە: بۇ خەۋەر بىز ئۈچۈن خوش خەۋەر ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەگەر بىزلەر ۋىندوۋس8 ۋە باشقا ۋىندوۋس مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىجىل خېرىدارى بولۇپ بەرسەك، ئۇنداقتا بىزنىڭ تىل – يېزىقىمىزمۇ مىكروسوفىت باش بولغان كومپيۇتېر سېستىمىسى، يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەردە تېخىمۇ كەڭ ھالدا قوللاشقا ئېرىشىدۇ، ھەمدە مىكروسوفت يىتەكچىلىكىدىكى يانفون سېستىمىسى ئارقىلىق بىزنىڭ تىل – يېزىقىمىز يانفون ساھەسىدە رەسمىي قوللاشقا ئېرىشىدۇ. مېنىڭچە، بىز ئۆزىمىز پۇلىمىزنى خەجلىگەندە ئويلاپراق خەجلىسەك، ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دېگەن بويىچە قىلساق، بۇ ئىشلارمۇ تەسكە توختىمايدۇ. |
|