- جۇغلانما
- 671
UID8142
تىزىملاتقان2012-6-18
ئاخىرقى قېتىم2014-1-30
توردا139 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 671
- ئاقچا
- 1
|
دېتاللار تور بېكىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئەزىز قىرىنداشلار!ئۇستازلار...«دېتاللار تور بېكىتى» نامىدىن ھەممىىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
دېتاللار تورى بېكىتىمىز قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ،نورغۇنىلىغان پىلانلارنى مەخسەت قىلىپ،بولۇپمۇ ئۆز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تورلاردىن ھەر تۈرلۈك دېتاللارنى ئىزدەپ تېپىشىغا قولايلىق كەلتۈرۈش ئۈچۈن،ئۇيغۇرچە يانفۇن دېتاللىرىنى بىريەرگە يىغىش،ئۈچۈن تور بېكەتنى قۇرۇپ چىققانتىم.تور بېكىتىمىزنىڭ جەمئىي 5 چوڭ تۈرى بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە كومپىيۇتىر يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش مەركىزى ۋە يانفۇن يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش مەركىزىگىلا بەكراق كۈچەۋاتىمەن.
ئالدىنقى تېمامدا ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەپ بار بولغان بەتنى ئېلان قىلغان ئىدىم.بۇنىڭغا تورداشلىرىمىز ھەرخىل ياخشى بولغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتورىغا قويغان.ھەمدە بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرىگە ئاساسەن باشقىلارمۇ ئەزا بولۇپ كىرىپ ئۆزلىرىدە بار بولغان ئەپلەرنى يوللىيالايدىغان بەت ئىچىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.شۇ ئارلىقتا مەن ھەرتۈرلۈك بەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى يەنە مۇشۇ Discuz ئارقىلىقلا بەت قۇرۇشنى لايىق كۆرۈپ ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرىنى ئاچتىم.
دېتاللار تورى ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى نىڭ ئارتۇقچىلىقى:بۇ مۇشۇ ئالىپ تورىغا ئوخشاشلا مۇنبەر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان،ئىقتىدارلىرى ئالاھىدە يۇقۇرى.ئەزالار تىزىملىتىش،ئەپ يوللاش،ئەپ چۈشۈرۈش، يوللىغان ئەپلىرىنى ھەقلىق ۋە ھەقسىز تارقىتىش قاتارلىق ھەرخىل ئىقتىدارلىرى تولۇق ئىچىۋىتىلگەن.بەتنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدار جەھەتتە ،يوللايدىغان ئەپلەرنى مۇنبەرگە تېما يوللىغاندەك يوللىماستىن،باشقا خەنزۇچە ئەپ بازارلىرىغا ئەپ يوللىغانغا ئوخشاش ئاددىي ھەم قولايلىق مەشخۇلاتلار بىلەن بىۋاستە يوللىغىلى بولىدۇ.
يوللىغان ئەپلەرنى ھەرقايسى تور دىسكىلىرىغا يوللاپ ئۇلىنىش ئادرىسىنى ئۇلاپ قويۇپ شۇ ئارقىلىق بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.ھەمدە بىۋاستە ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقلىرىغا يوللاش ئارقىلىق ،ئەپلەرنى چۈشۈرگۈچىلەر 91 قاتارلىق يانفۇن چوماقچىلىرى ئارقىلىق بىۋاستە يانفۇنغا قاچىلاش ئىقتىدارلىرىمۇ تولۇق ئىچىۋىتىلدى.
قالغان ئقتىدارلىرىنى تور بەتنى ئاچقاندىن كىيىن ئالدىرماي بىلىۋالغىلى بولىدۇ!
ئەسكەرتىش:تور بېكىتىمىزنى Discuz3 ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان،ئۆزەم يالغۇز بولغاچقا بەتنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنى تولۇق تۈگۈتۈپ بولالمىدىم،ھەمدە ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرمىدىم،مىنىڭ مۇنبەر قۇرۇش ئويۇم يوق،شۇڭلاشقا مۇنبەر قىسمىنى شۇ پىتىلا قويۇپ قويدۇم،ھەم بەتنى ئاچقاندا مۇنبەرگە ئۇلانماستىن،بىۋاستە ئەپ بازىرىنىڭ ئۆزىگىلا ئۇلىنىدۇ.ئەپ بازىرىنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە جايلىرى ئۇيغۇرچە!
قىنى ئەمسە تور بېكىتىمىزگە باھا بىرىڭ! تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئەپلەر يوللاڭ! سىز يوللىغان ئەپلەردىن ھەممەيلەن ئورتاق بەھىرلىنەيلى!
دېتاللار تورى باش بېتى:http://ditallar.net
دېتاللار تورى ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى:http://ditallar.net/dz
دېتاللار تورى خەنزۇچە ئەپ بازىرى:http://www.ditallar.net/ap خەنزۇچە ئەپ بازىرىمىزدا ھازىر 10 مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇچە ئەپلەر بار....تەرجىمە قىلىشقا يارايدىغانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرىمىز ۋە ھەرقايسى ئەپ بازارلىرىغا ھەمبەھىرلىنىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى تۆۋەنلىك بىلەن سورايمەن!
ھۆرمەت بىلەن:دېتاللار تورى(ئابدىقەييۇم) |
|