- جۇغلانما
- 1732
UID2453
تىزىملاتقان2011-8-20
ئاخىرقى قېتىم2015-6-1
توردا614 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1732
- ئاقچا
- 0
|
شىياۋمى3 نىڭ باھاسى 1999 يۈەن بولارمۇ؟
تېڭشۈن تورىنىڭ ئىگەللىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شىياۋمى شىركىتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى نۇسخىدىكى 3-ئەۋلاد شىياۋمى يانفونىنى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىدىكەن. پەرەز قىلىنىشىچە، مىش-مىش خەۋىرى تارقالغىلى ئۇزۇن بولغان شىياۋمى تېلىۋىزورىمۇ بۇ قېتىملىق ئاخبارەت ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىكەن. شىياۋمى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېيجۈن ئەپەندى بۇ كۈنى يەنە شىركەتنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلايدىكەن.
تۈنۈگۈن تارقالغان يەنە بىر پارچە خەۋەردە دىيىلىشىچە، شىياۋمى3 يانفونىغا كۆرستىش ئىنىقلىقى1080p بولغان 5 دىيۇملۇق ئىكران، گاۋتوڭ 800 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئارقا ۋە ئالدى يۈزىگە 13 مىليون ۋە 5 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلىنىدىكەن، تورلاردا يەنە بۇ يانفوننىڭ قىسمەن سۈرەتلىرىمۇ ئاشكارىلىنىپ بولغان. بىراق، شىياۋمى شىركىتى بۇ ئىشنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتقان بولۇپ، ھىچقانداق تەپسىلاتلارنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان.
بۇندىن بۇرۇن، شىياۋمى تېلىۋىزورىنىڭ رەسىملىرى نەچچە قېتىم ئاشكارىلىنىپ كەتكەنىدى، تارقالغان رەسىملەردىن بۇ تېلىۋىزور تىپىنىڭ L47M1-AA ئىكەنلىكى، كۆرسىتىش ئىنىقلىقى1080p غا يېتىدىغان 47 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەنلىكىنى شۇنداقلا سىمسىز تور قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ تېلىۋىزور فۇشىكاڭ تەرىپىدىن ۋەكالىتەن ياسىلىدىغان بولۇپ، بازارغا سېلىنىپلا قالسا، ئىنتايىن زور داغدۇغا پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇندىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق شىياۋمى يانفونىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدە ئېچىلغانىدى، بۇ قېتىمقىسى بولسا 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگە سۈرۈلگەن. شىياۋمى شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىركەتنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن باش لېدىرى لىۋەنچىياڭ ئەپەندى مەسئۇل بولىدىكەن.
مەنبە ؛نور تورى |
|