- جۇغلانما
- 1732
UID2453
تىزىملاتقان2011-8-20
ئاخىرقى قېتىم2015-6-1
توردا614 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1732
- ئاقچا
- 0
|
نوكىيا شىركىتى يىقىندا سۇنىڭ گۇرۇھى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نەنجىڭ شەھىرىدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا نوكىيا تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى لۇمىيا 1020 نىڭ جۇڭگو بازىرىغا رەسىمىي تۈردە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئىگەللىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش باھاسى 5999 يۈەن بولىدىكەن.
دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى بۇ يانفوننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنى ھەتتا بىر دانە سىفىرلىق كامېرا سۈپىتىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. مەھسۇلات تارقىتىش مۇراسىمىدا، نوكىيا تەرەپنىڭ جۇڭگودىكى باش دېرىكتورى سۆز قىلىپ، لۇمىيا 1020 يانفونىغا قوللىنىلغان Pureview يەنى مەنزىرە سۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ يانفوننىڭ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
سۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى جىنمىڭ ئەپەندى لۇمىيا 1020 يانفونىنىڭ سۇنىڭ گۇرۇھى باشقۇرۇشىدىكى يىگوۋ مال سېتىۋىلىش تور بېكىتى ۋە ھەرقايسى سودا دۇكانلىرىدا رەسمىي تۈردە سېتىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى، سېتىلىش باھاسىنىڭ 5999 يۈەن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گوروھى بازار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى چىيەن پېيلى ئەپەندى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، بۇ يانفوننىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت نۇسخىسىنىڭ كىلىشىملىك باھاسىنى ئېلان قىلغان. ئابونتلار بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىككى يىللىق 386 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى تاللىسا، پەقەت 999 يۈەن تۆلەپلا لۇمىيا 1020 يانفونىنى سېتىۋالالايدىكەن، ئۈچ يىللىق 386 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى تاللىسا، ھەقسىز يانفوندىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
نوكىيا شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى يانفونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لۇمىيا 1020 يانفونى ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتالامدۇ-يوق، بۇنىڭدا يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ۋە ئىقتىدارىدىن باشقا، يەنە WP8 سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى شۇنداقلا يانفون باھاسىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن.
لۇمىيا 1020 نوكىيانىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى، ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ئۇنىڭغا سەپلەنگەن 41 مىليون پىكسىللىق كامېرادا بولۇپ، نوكىيا ئۇنى «نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان» دەپ تەرىپلەيدۇ. يانفونغا WP8 سىستېمىسى سەپلەنگەن، 4.5 دىيۇملۇق PureMotion HD+AMOLED تىپلىق سېزىمچان ئىكران، گاۋتوڭ S4 تىپلىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، شۇنداقلا 32GB ۋە64GB لىق ئىككى خىل ساقلاش بوشلۇقى ئورنىتىلغان.
ئامېرىكا بازىرىدا لۇمىيا 1020 يانفونىنىڭ كىلىشملىك باھاسى 269.99 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا 1654 يۈەنگە تەڭلىشىدۇ، ياۋروپادىكى بىر قىسىم رايۇنلاردا يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ باھاسى 799 ياۋرو بولۇپ، 6400 يۈەنگە تەڭ.
مەنبە ؛ نور تورى |
|