ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2982|ئىنكاس: 35
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[روم] OPPO X907 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

54

يازما

145

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
507
ئاقچا
78
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، مەن بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن   OPPO X907   بۇ تېلفۇننىڭ ئورگاننىڭ 4.1.2 رومىنى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم .
رومىنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1. ئەسلىدىكى سېستىمىسى 4.0.3 بۇلۇپ تەرجىمە روم 4.1.2گە كۆتۈرۈلدى .
2. سېستما زاۋۇت تەرپىدىن گۈزەللەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ ئۆزگىچە گۈزەل خاسلىقلار قۇشۇلغان .
3. سېستىمغا ئەڭ يېڭى ئويغۇرچە ھاۋارايى ئالدىن مەلۇمات بىرىش سېستىمىسى قۇشۇلغان .
4.  ئەخلەت ئەپلەر تازىلانغان پاكىزە روم ، سۇرئەت تېز ، مۇقىم .
5.  ھەربىر ئەپنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن ئىملا تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئاندىن بولاقلانغان .
6. سېستىمىنىڭ ئاساسى رايۇنى  98%  لىك ئۇيغۇرچە بۇلۇش ئىشقا ئاشقان .
رومنىڭ كەمچىىلكى :
دوستۇم باشقا يۇرىتلىق بولغاچقا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بۇ تېلفۇن يېنىمدا بولمىغانلىق سەۋەبىدىن سىناپ كۈرۈشكە پۇرسەت بولمىدى ، كىيىن روم پۈتكەندىن كىيىن تېلفۇن پەقەت بىر   كۈنلا يېنىمدا تۇردى ، رومنى قاچىلاپ كۈرۈلگەن مەسىللەرنى ئامالنىڭ بارىچە  ھەل  قىلغان بولساممۇ  بەزى  مەسىللەرنى  ھەل قلىشقا پەقەت ئۈلگۈرەلمىدىم  ،  لىكىن رومنى دوستۇمنىڭ تېلفۇنىغا قاچىلاپ  تېلفۇندا ئىش قۇشۇپ   98% لىك پۈتۈن ئويغۇرچىلاشقان  ھالەتكە كەلتۈردۈم  .  كەمچىلىكنى تۇلۇقلاش ئۇسۇلنى دوسلارغا قالدۇردۇم .
1. تېلفۇن ئۇرۇش phone  يۇمشاق دىتالى تۇلۇق تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ دەمانلىققا خەتلىرى ئۇيغۇرچە كۈرۈنمەي ئىنگىلىزچە چىقۋالدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىپتىكى تەرجىمە ئەپ (نۇمۇر بۇراش ) دىگەن ئەپنى قاچىلاپ ئەسلىدىكى phone دىگەن ئەپنى چىقىرىپ تاشلىسڭىز تامامەن بولىدۇ . (چۈشۈرۈش) مەن رومدىنلا چىقىۋىتەي دىگەن بىراق سىنايدىغان تېلفۇن بولمىغاچقا يەنىلا سىناقتىن ئۆتكەن رومنى يوللاش قارارغا كەپ قالدىم .
   تېلفۇن يېنىمدا بولمىغانلىق تۈپەيلى رەسىم تۇتۇپ  يوللىيالمىدىم ، قالغىننى تېلفۇنغا قاچىلاپلا كۆرەسىلە.

    قاچىلاش ئۇسۇلى :

      1. تەيارلىق باسقۇچى :  
   كومپىيۇتىرڭىزغا ROOT大师 ،  刷机精灵 ، 金山手机助手  نى قاچىلاڭ ،  تەرجىمە رومنى تېلفۇنىڭىزنىڭ سىغىمىغا كۆچۈرۈڭ ، ھەمدە تېلفۇننى كومپىيۇتىرغا چېتىپ قوزغاتقۇچىنى چۈشۈرۈپ تېلفۇننى كومپىيۇتىرغا نورمال تۇنۇتۇڭ .
     2.  روتلاش
بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتىرڭىزغا ئالدىن قاچىلۋالغان  ROOT大师 ئارقىلىق نورمال روت ھۇقۇقى ئالغىلى بۇلىدۇ .
   3. recovery يىزىش باسقۇچى
   بىرىنچى خىل ئۇسۇل  :  تېلفۇننى كومپىيۇتىرغا نورمال تۇنۇتقاندىن كىيىن  刷机精灵 نىڭ قۇشۇمچە قوراللىرى ئاررىسدىكى مەجبۇرى bootloader دىن قوزغىتش قورالى ئارقىلىق تېلفۇننى bootloader ھالىتگە كىرسىز ،ئېكران finder   ماركىلىق خەت ھالىتدە قاتىدۇ ، بۇ دەل  bootloader  ھالىتى ، تېلفۇننى كومپىيۇتىر نورمال تۇنىغاندىن كىيىن ،  مەن تەمىنلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى كۆرسەتمە بۇيچە قاچىلسىڭىز تامام .
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل :   تېلفۇننىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرسىز ، تېلفۇننىڭ ئېكرانىدا finder خەتلىك ماركا كۈرۈنگەن ھامان ئاۋاز يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسنى قۇشۇپ باسسىز ، تېلفۇن شۇ تۇنجى ئېكران ھالىتىدە قاتىدۇ بۇ دەل  bootloader  ھالىتى ،  مەن تەمىنلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى كۆرسەتمە بۇيچە قاچىلسىڭىز تامام .
     ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن تېلفۇننى ھەرگىز قوزغىتۋەتمەڭ ،  بۇ   recovery  بىر قېتىملا ئىشىلتىشكە بۇلۇپ قايتا قوزغىتۋەتسىڭىزلا زاۋۇتنىڭ recovery  سىغا قايتىپ كىتىدۇ  .   recovery نى قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن خالغان كۇنۇپكىنى باسسىڭىز تېلفۇن ئۆچىدۇ ،  سىز ئاۋاز پەسەيتىش كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ قوزغىتىش كۇنۇپكىسنى 10 سىكۇنىت ئەتراپىدا  تەڭ باسسىڭىز  تېلفۇن  ئۈچىنچى تەرەپ recovery  دىن قوزغىلدۇ .

4. رومنى قاچىلاش
قالغان قىسىمىنى دىمىسەممۇ باشقا تېلفۇنلارغا روم قاچىلاش جەريانىغا تامامەن  ئوخشاش  ، رومنى قاچىلاپ بۇلۇپ ، تېلفۇندىكى تىل تاللاش دىگەن ئەپنى قوزغىتىپ  تىل تاللىتۋەتسىڭىز تامام .  

كەمچىكلكىنى بىرگە  تۈزىتىش ئۇيى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ   كوت كوت : 517890486 ،     باھاسى 30 ئاقچا
چۈشۈرۈش  ئادىرسى    X907.txt (64 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 25, باھاسى: 30 ئاقچا)
جۇلا ئەپ بازىرى

48

تېما

1503

يازما

116

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەلتەر مۇنبىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
6
جۇغلانما
7149
ئاقچا
101

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

ۋاقتى: 2013-8-5 15:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 15:15  
تېلفۇن ئۇرۇش phone  يۇمشاق دىتالى تۇلۇق تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ دەمانلىققا خەتلىرى ئۇيغۇرچە كۈرۈنمەي ئىنگىلىزچە چىقۋالدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىپتىكى تەرجىمە ئەپ (نۇمۇر بۇراش ) دىگەن ئەپنى قاچىلاپ ئەسلىدىكى phone دىگەن ئەپنى چىقىرىپ تاشلىسڭىز تامامەن بولىدۇمەن رومدىنلا چىقىۋىتەي دىگەن بىراق سىنايدىغان تېلفۇن بولمىغاچقا يەنىلا سىناقتىن ئۆتكەن رومنى يوللاش قارارغا كەپ قالدىم .


      بۇرادەر  ...ھېلىمۇ ياخشى رومدىكى ئەسلى phone.apk يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەپسىز....ئۇنى يۇيۇۋەتسىڭىز باشقا ھەرقانداق دېتال بىلەن تېلېفۇن قىلىشقۇ مۇمكىن ئەمەس(تور تېلېفۇنىدىن باشقا) ، ھەتتا يانفۇننىڭ سىگنالىمۇ يۇقاپ كېتىشى مۇمكىن...ئىشەنمىسىڭىز خالىغان يانفۇندىكى phone.apk نى باشتا زاپاسلىۋىلىپ ، ئاندىن يۇيۇۋېتىپ يانفۇننى قايتا قوزغىتىپ سىناپ كۆرۈڭ...

     رومدىكى phone.apk بىلەن mms.apk نى يۇيۇشقا بولمايدۇ ، چۈنكى باشقا ھەرقانداق تېلېفۇن ئۇرىدىغان ياكى ئۇچۇر يوللايدىغان ئەپلەر موشۇ ئىككى ئەسلى ئەپ ئاساسىدىلا تېلېفۇن قىلىش ياكى ئۇچۇر يوللاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىيالايدۇ..

      يۇقارقى phone.apk نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى توغرا قوشتۇم دەپ تۇرۇپ يەنە ئېنگىلىزچە كۆرۈنسە phone.apk نىڭ ئىچىدىكى values/strings.xml نىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتسىڭىز ھەل بولىدۇ.


ئەلتەر مۇنبىرى

http://www.bbs.elter.cc