- جۇغلانما
- 1429
UID3962
تىزىملاتقان2011-11-6
ئاخىرقى قېتىم2014-7-10
توردا433 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1429
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 匈奴王子 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 02:56
چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتىغا تاپشۇرغان مالىيە دوكلاتىدا، Surface تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ 853 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئىگەللىنىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتى تۆتىنچى مالىيە پەسلىدە شىركەتنىڭ بايراقدار تاختا كومپىيۇتېرى بولغان Surface نىڭ سېتىش سوممىسىنى ئاشكارىلىمىغان.
سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،Surface تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ سېتىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ رىقابەت ئوبېكتى بولغان ئايپەدنىڭ بىر پەسىللىك سېتىلىش مىقدارى 6 مىليونغا يېتىدۇ، ئەگەر ھەر دانىسىنى 500 دوللار بويىچە ھىسابلىغاندا، ئۇنىڭ ئايلىق سېتىلىش سوممىسىمۇ بىر مىلياردقا بىرىپ قالىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، Surface تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى ئايپەدنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ.
مىكروسوفىت شىركىتى تۆتىنچى مالىيە پەسلىدە، نۇرغۇن Surface تاختا كومپىيۇتېرىنى سېتىپ چىقىرالمىغاچقا، ئۇنىڭ مۈلۈك ھىساباتى 900 مىليون دوللار ئازىيىپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ پەسىللىك كىرىمىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. مىكروسوفىت شىركىتى بۇلتۇر 10-ئايداSurface نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نىشانى بۇ ئارقىلىق ئالما ئايپەد ۋە ئاندىرويىد تاختا كومپىيۇتېرلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئىدى.
بازار تەكشۈرۈش شىركىتىIDC نىڭ دىيىشىچە، نۆۋەتتە PC كومپىيۇتېرلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 5 ئاي ئارقىغا چېكىنگەن، بۇنىڭ تەسىرىدە،Windows سىستېمىسىنىڭ سېتىلىشىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان
 |
|